ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىددىيلىشىشكە، تەشۋىشلىنىشكە بولمايدۇ

جىددىيلىشىشكە، تەشۋىشلىنىشكە بولمايدۇ

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 767 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


جىددىيلەشكەنلىكتىن ھامىلىدار بولالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئاغرىش ياكى قورقۇش سەۋەبىدىن روھى قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ ياكى توي قىلماي بىرگە تۇرىۋاتقانلاردا ھامىلىدار بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەش سەۋەبلىك روھى قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بەزىلەر قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، جىنسىي تۇرمۇشنى بىرخىل نۇمۇسلۇق ئىش دەپ قارايدۇ. بەزىلەر جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن، جىنسىي تۇرمۇشقا دائىر ئېلانلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ. يەنى ئېلاننىڭ قارمۇ-قارشى تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى كەيپىيات جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ داۋاملىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، نورمال بولغان يۇقىرى پەللە ھامىلىدار بولۇشقا پايدىلىق، جىنسىي ھاياجانلانغاندا، ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا ئۇرۇقنى قۇبۇل قىلىش ئىستىكى قوزغىلىدۇ. مەسىلەن، ئىچكى قىسىمنىڭ كەڭرىپ، تاشقىي قىسىمنىڭ تارىيىشى ئىسپىرمىنىڭ ساقلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپ، ئىسپىرمىنى ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كىسلاتا-ئىشقارلىق مۇھىتنى ئىسپىرمىنىڭ ساقلىنىشى ۋە ھەرىكەت قىلىشىغا ماسلاشتۇرىدۇ. 
ئۇنىڭدىن باشقا ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىش ئايال تەرەپنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى كەينىگە سۈرىۋېتىدۇ ياكى توختىتىپ قويىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ياخشى بىرتەرەپ قىلمىغاندا ھامىلىدار بولۇشنى كەينىگە سۆرىۋېتىدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ئۆزئارا كۆيۈنۈشى، توغرا بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت قارىشى تىكلىشى، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئارىسالدى بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىگە بەك چوڭ نىشان بەلگىلىۋالماسلىقى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى