ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(6)

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(6)

ۋاقتى: 2016-03-03 ئاۋاتلىقى: 510 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


6. ئۇسۇل: ئانتىبىئوتىك دورىلارنى رەت قىلىش
قىزىتىپ زۇكامداش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىنىڭ بىر قىسمى بالىلارنىڭ ئىمۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇدىغان بىر جەريان. بالام قىزىپ قالغاندا مەن كۆپ ۋاقىتلاردا مۇز يېقىش ئارقىلىق تېمپېراتۇراسىنى چۈشۈرىمەن يەنى سىيرتمىسى بار سۇلياۋ خالتىغا مۇز سېلىپ، پاكىز لۆڭگە بىلەن خالتىنى ئوراپ بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە ياقىمەن، ئادەتتە 30مىنۇت ئىچىدە بالىنىڭ قىزىتمىسى چوقۇم يانىدۇ. ئەگەر قىزىتمىسى بەك ئېغىر بولسا 美林ۋە 泰诺قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ، ئەگەر بالا پەقەت زۇكام بولۇپ قىزىتمىسا داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق، نەچچە كۈن ئىچىدە ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. ھەرقانداق زۇكام دورىسىغا ئىشەنمەسلىك كېرەك. مەن ئىككى بالامنى چوڭ قىلىش جەريانىدا پەقەت بىر قېتىملا دوختۇرغانىغا بېرىپ باقتىم، بالىلارغا   ئەزەلدىن ئوكۇل سالغۇزۇپ باقمىدىم. ئامېرىكىدا، پەقەت ھايات-ماماتقا تاقىشىدىغان كېسەللەرگە ئاندىن ئانتىبىئوتىك ئۇرىدۇ. جۇڭگودىكى ئوكۇل ئۇرۇش ئۆيىدىكى بىشىغا ۋە ياكى قول پۇتلىرىغا يىڭنە سانجىلىپ ئۇكۈل ئۇردۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ جىقلىقىنى كۆرۈپ ، يولدىشىم ئىككىمىز بەكلا ھەيران قالدۇق. بۇنداق قىلغاندا ئارتۇقچە پۇل خەجلەپلا قالماي، بالىلارنىڭ بەدىنى ئۇكۈل ئۇرۇشقا كۆنۈپ قالىدۇ. بەزى ئانىلارنىڭ بالىسى زۇكام بولۇشىغىلا ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ، زۇكامنى بىردەمدە ساقايتىۋەتتىم دەپ خوشال بولغانلىقىنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران بولىمەن. ئۇ ئاتا–ئانىلارنىڭ نادانلىقىغا بەكلا ئېچىنىمەن. مېنىڭ ئىككى بالامنىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن ياخشى ئەزەلدىن ئالدىراپ ئاغرىپ قالمايدۇ، ئاغرىپ قالسىمۇ ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق.


تەۋسىيە يازمىلار:

ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(5)

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(4)

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى