ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(12)

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(12)

ۋاقتى: 2016-07-03 ئاۋاتلىقى: 775 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

12. ئۇسۇل: بالىنى كېكىرتىشنى بىلەمسىز؟
بالىنى كېكىرتىشنىڭ بىرىنچى ئۇسۇلى: بالىنى قولىدا كۆتۈرۈپ مۈرىگە يۆلەندۈرۇپ، ئالقان بىلەن بالىنىڭ دۈمبىسىگە ئاستا ئۇرۇش. بۇ كونىچە كېكەرتىش ئۇسۇلى بولۇپ،  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەس. 
بالىنى كېكىرتىشنىڭ ئىككىنچى ئۇسۇلى: بالىنى پۇتتا يانتۇ ئولتۇرغۇزۇپ، سول قول بىلەن بالىنىڭ بوينىنى بوش تۇتۇپ، ئېڭەكتىن تىرەپ، ئوڭ قول بىلەن دۈمبىسىگە ئاستا ئۇرۇش. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بالىنى كېكەرتىشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى. ئادەتتە ئون نەچچە قېتىم ئۇرغاندىن كېيىنلا بالا كېكىرىدۇ.
 
بالا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېمىگەندە چوقۇم قورسىقى تويىشى، بالىنى بىردەم ئېمىتىپ كېكىرتىۋەتكەندىن كېيىن يەنە داۋاملىق ئېمىتىش كېرەك. بىر كېكىرتىپ بىر نەچچە قېتىم ئېمىتىپ، بىر كېكىرتىپ بىر نەچچە قېتىم ئېمىتىپ مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرغاندا بالا ھەقىقىي تويىدۇ. بالا ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورسىقى تويسا كېچىچە ئويغانماي ياخشى ئۇخلايدۇ. مەن ئىككىنچى بالامنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەمدۈرگەنلىكىم ئۈچۈن، تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىنلا كېچىچە ئويغانماي ئۇخلايدىغان بولدى. بالىنى ئەمدۈرۈپ بىر كېكىرتىۋەتكەندىن كېيىن يەنە 2، 3قېتىم ئەمدۈرگىلى بولىدۇ، بالا ھەقىقىي قورسىقى تويغاندا ئاغزىنى ئۈمچەيتىۋالىدۇ، مۇشۇ چاغدا ئاندىن ئېمىتىشتىن توختاتسا بولىدۇ.

تەھرىر تەۋسىيەسى:

ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى 17 ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى(1)

ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(7)

كىچىك بالىلار ئاڭلاشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 40 جۈملە


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى