ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پەرزەنت تەربىيەلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى(2)

پەرزەنت تەربىيەلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى(2)

ۋاقتى: 2016-07-10 ئاۋاتلىقى: 735 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ جەھەتتىكى بىلىملەر ناھايىتى كۆپ، يادرولۇق مەسىلە پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
پىكىر ئالماشتۇرۇش ــــ ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ ئورتاق ئۆسۈپ-يېتىلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى يولى. پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شەيئىلەرنى بىلىش سەۋىيەسى، كۆڭلىدە نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقى ۋە نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى، قايغۇسى ۋە غەزەپ-نەپرىتىنى بىلەلەيدۇ، ئۇلار بىلەن خۇشاللىقتا ئورتاقلىشالايدۇ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىپ بېرىدۇ، روھى بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانا ئۇلارغا ئۈنۈملۈك يېتەكلەش تەربىيەسى ئېلىپ بارالايدۇ. سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ئىشىنىدىغانلىقى ۋە كۆيۈنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك دوستى دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرلەش روھى ئۇرغۇيدۇ. دېمەك، پەرزەنتلەر بىلەن بولغان ھەربىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقىنى كۆپ يېقىنلاشتۇرىدۇ.

ھۆرمەت قىلىش بالىلارغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بالىلار باشقىلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا تولىمۇ  مۇھتاج. ئائىلىدىكى بارلىق تەربىيە جەريانىدا بالىلارنى مۇھىم بىلىش، بالىلارغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم.
ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتتە، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئۇلارغا ئىشىنىدۇ، بۇ خىل ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ ئاتا-ئانىنىڭ ئابرۇيى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئابرۇي قانچە يۇقىرى بولسا، پەرزەنتلەرگە بولغان چەكلەش كۈچى ۋە تەسىر قىلىش كۈچى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
خەلقىمىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئەنئەنىسىدە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىدىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتنى سۆيۈش، ئەقىل ئىگىسى بولۇش، پەرزەنتلىك بۇرچىنى جايىدا ئادا قىلىش، ئىلىم ئىگىلەش، توغرا نىيەتلىك، قانائەتچان، مەرد، سېخىي بولۇش، يامان ئېلىنىدىغان قىلىقلاردىن يىراق قېچىش، قورقماسلىق، تازىلىق، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىش، مەنىۋى گۈزەللىكنى قەدىرلەش...... تەك نۇرغۇن تەربىيە ئۇسۇللىرى بار. پەرزەنت تۇغۇلۇپ تاكى بويىغا يەتكۈچىلىك مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك قائىدە-يوسۇن، جامائەتچىلىك يوسۇنى، تۇرمۇش يوسۇنىدا تەربىيەلىنىدۇ ۋە ئېڭىغا سىڭدۈرۈلىدۇ، بۇلار قانداقتۇر مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، تەبئىي،ئۆزىگە ھېس قىلدۇرۇش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى تارىختىن بېرى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ كەلگەن.

تەھرىر تەۋسىيەسى:
مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(1)(كومپيۇتېر زىيارەتچىسى، يان تېلېفون زىيارەتچىسى)

خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئەخلاق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، بېيىتىپ باردى. تارىختىن بېرى ئۆتكەن ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئەخلاق تېمىسىنى چوڭ ئىجتىمائىي ئىلىم تەرزىدە تۇتۇپ تەتقىىق قىلدى. دەرۋەقە، خەلقىمىز تارىختىن بۇيان ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان، چىڭ تۇرۇۋاتقان مىللىي ئەخلاق چۈشەنچىلىرىنى ياش ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ھەر بىرى ياخشى بىلىشى، ۋارىسلىق قىلىشى ۋە كۈندىلىك ئىش-ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشى زۆرۈر. چۈشەنچىلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن مەنىۋى مىراسلىرىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ، بىز بۇ مىراسقا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشىمىز، ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن ئاساستا ئۇنى تېخىمۇ بېيىتىشىمىز، مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز زۆرۈر.
خەلقىمىزنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىلىرىدە ياخشىلىققا ئۈندەش، غۇرۇرىنى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش، ئىنسان ھاياتىنىڭ ئاكتىپ ئامىللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كىشىلەر ئارا ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىرلىكلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇلۇغ غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ھەرخىل مۈشكۈللۈكلەرگە بەرداشلىق بېرىش، كەڭ قورساق، مەرد، سېخىي بولۇش، بارلىق ئىنسانىي ئېسىل خىسلەتلەرنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاش، يامان ئىللەتلەردىن يىراق قېچىش، يامان خۇيلۇق كىشىلەردىن ھەزەر ئەيلەش، ئالىيجاناب، ئۇلۇغۋارلىققا ئىنتىلىش، ئىلىم-پەن ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە دەۋەت قىلىش قاتارلىق ھاياتلىقنىڭ ھەممە بۆلەكلىرىگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدىكى جەسۇرانە خىتابلار، مەردۇ-مەردانىلىققا تولغان سۆز-جۈملىلەر ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئائىت بايانلاردىن؛ ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيەلىرىدىن؛ مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ ئەسەلىرىدىن؛ ئەلشىر نەۋائى، مەھەممەد سادىق كاشىغەرىي مەھەممەد سىددىق رەشىدىينىڭ ئەخلاق ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىدىن خەلقىمىزنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى زامانلاردىلا شەكىللەنگەن ئەخلاق بىناسىنىڭ ئەسىرلەر بويى بارغانچە مۇكەممەللىشىپ، مۇستەھكەملىنىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەتتا ئايرىم بىر پەن سۈپتىدە ئەخلاقشۇناسلار، ئالىم-ئۆلۈمالارنىڭ قولى ئارقىلىق تېخىمۇ تاكامۇللىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز.
ئۇيغۇرلار ھېلىمۇ ئەنئەنىۋى ئەخلاقتا چىڭ تۇرۇۋاتقان ۋە بۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى. خەلقىمىز ھازىرمۇ پەرزەنت تەربىيەسىدە بالىلارغا ئەنئەنىۋى ئەخلاققا بويسۇنۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ھەرقانداق بىر ئىشنى بېجىرگەندە گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشنى ئاساسى مىزان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز ھېلىھەم ئۆز رەڭگى، مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەخلاق مىزانلىرى ئاساسىدا شەكىللىنىۋاتىدۇ.
ھالبۇكى، بىز مۇشۇ يىگىرمە-ئوتتۇز يىلدىن بۇيان ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىزنىڭ ئاشكارا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە تەربىيە بېرىشتە ئەنئەنىۋى ئەخلاقنىڭ ئەسىلىي ماھىيىتىدىن قېيىپ كېتىشتەك خاتالىقلارغا يول قويغانلىقى سەۋەبلىك، جەمئىيەتتە بىر تۈركۈم ئەخلاقسىز، يارامسىز كىشىلەرنىڭ يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ۋاقتىدا ئالدى ئېلىنمىسا، چوقۇم مۆلچەرلىگۈسىز يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلماقتىمىز. خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ھەربىر ئەدەپ-ئەخلاق مەزمۇنىنى توغرا شەرھىلەش، ئۇنى ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئۆز ئەخلاقىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلغۇچىلارنىڭ دىققەت نەزىرىگە سۇنۇش نۆۋەتتە ئەڭ زۆرۈر خىزمەتلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مانا مۇشۇ زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن《پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى》ناملىق بۇ كىتاب دۇنياغا كەلدى ۋە پەرزەنتلىرىنى لاياقەتلىك ئىز باسارلاردىن قىلىپ تەربىيەلەش ئوتىدا كۆيۈۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا ھۆرمەت بىلەن سۇنۇلدى.
مەزكۇر كىتاب ئىخچام بولۇش، مۇكەممەل بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا،پەرزەنت تەربىيەسىدە ناھايىتى زۆرۈر دەپ قارالغان 30 چوڭ تېما بويىچە ئايرىم-ئايرىم قەلەم تەۋرىتىلدى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيە يوسۇنلىرى بويىچە ئاتا-ئانىلارنىڭ تىلىدا پەرزەنتلىرىگە تەربىيە بېرىش، ئانچە-مۇنچە ۋەقەلىك بولۇش، قىزىقارلىق بولۇش، جانلىق بولۇش ۋە ئەمەلىي بولۇش مەزكۇر كىتابنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. مۇئەللىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ بىر دەستە ئەخلاق گۈللىرىدىن قانغۇچە زوق ئېلىشىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشتە قوللانما قىلىشنى، ئۆرنەك ئېلىشىنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى