ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارغا يالغانچىلىقنى قانداق ئۈگىتىۋاتىمىز؟

بالىلارغا يالغانچىلىقنى قانداق ئۈگىتىۋاتىمىز؟

ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 624 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

          مەريەم قاسىم
- ئاپا رامزاندا يالغان گەپ قىلسا يامان بولىدۇ - ھە ؟
ئەمدىلا 2-سىنىپقا قەدەم قويغان سەبى بالىنىڭ سوئالى مېنى ھەيران قالدۇردى.
- ھەرقانداق ۋاقىتتا يالغان گەپ قىلسا ياخشى ئەمەس- دېدىم مەن قىزىمغا ئەستايىدىللىق بىلەن.
- چوڭ ئاپام رامزاندا يالغان گەپ قىلغان ئادەمنىڭ تىلى قۇرۇپ كېتىدۇ دېگەنتى، - بىراق بىزنىڭ مۇئەللىم بۈگۈن يالغان گەپ قىلدى،
تېخى بىزنىمۇ يالغا گەپ قىلىشقا مەجبۇرلىدى.
قىزىمنىڭ سۆزىدىن بىر نەرسىنى ھېس قىلمىغان بولساممۇ، قىزىقىش بىلەن سورىدىم.
- قانداق يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇرلىدى؟ قىزىم قانداقتۇر بىر مەخپىيەتلىكنى دەۋەتمەكچىدەك ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئاۋازىنى ئالاھىدە چىقىرىپ :
- مەكتىپىمىزگە تەكشۈرۈشكە كېلىدىكەن، ئۇلار كەلگەندە: « مۇئەللىمىڭلەر تاپشۇرۇقنى كۆپ بېرەمدۇ ؟ دېسە، - ياق دەيسىلەر.
سىنىپتا : -تېلېفوندا سۆزلىشەمدۇ؟ يەنە ئۇرۇپ - تىللامدۇ ؟ دېسە - ياق دەيسىلەر دەپ ئۈگەتتى.

 


- مۇئەللىمىڭلەر ئادەتتە قانداق قىلاتتى ؟
-ھەر كۈنى تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن بالىلارنىڭ بېشىغا كىتاب بىلەن ئۇرىدۇ. تاپشۇرۇقنى ئۆيدە ئىشلەپ كەلمەيدىكەنسىلەر دەپ ئارام ۋاقتىمىزدا ئوينىغىلى قويمايدۇ. مۇئەللىم دەرس ئۆتۈۋاتقاندا تېلېفون كېلىپ قالسا « كىتاب كۆرۈشە » دەپ ۋارقىراپ ( ئاۋازانى ئالاھىدە ئىنچىكە سوزۇپ چىقىرىپ) قويۇپ، سىنىپنىڭ ئارقىغا بېرىپ تېلېفوندا سۆزلىشىدۇ، بەزىدە ئۈنلۈك كۈلۈپ كېتىدۇ تېخى.
- سىنىپ ئېچىلىدىمۇ ؟
سىرتقا چىقسا مەكتەپ مۇدىرى تەنقىدلىمەمدۇ؟
قىزىمنىڭ سۆزلىرىدىن كۆڭلۈم غەشلىككە تولۇپ يۈرىكىم قانداقتۇر بىر ئاچچىق سېزىم بىلەن چىممىدە قىلىپ قالدى-دە ئەنسىز دۈپۈلدەپ كەتتى. قىزىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ :
- مەن تىلىم قۇرۇپ كېتەمدىكىن دەپ يالغان گەپ قىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ.
- ياخشى بالا يالغان گەپ قىلمايدۇ. يالغان گەپ قىلغىنىڭىزنى باشقىلار بىلىپ قالسا سىزگە ئىشەنمەس بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا راست گەپ قىلغىنىڭىز توغرا.
- ياق ئاپا، تەكشۈرگۈچىلەرگە راست گەپ قىلغىنىمنى مۇئەللىم بىلىپ قالسا مېنى مەكتەپتىن ھەيدىۋېتىدۇ.
- مۇئەللىمىڭىز ئۇنداق قىلالمايدۇ.



- سىنىپىمىزدىكى پەرھاتنى كەتكۈزۋەتتىغۇ ئەمىسە ؟ شۇڭا مەن ئاغزىمنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ گەپ قىلماي تۇرىۋالايمىكىن دەيمىن.
قىزىمنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ، ئىچىم ئاچچىق بولدى. بىز چوڭلار دائىم ئاشۇ گۈدەكلەرنىڭ قەلبىنى ھىچ قانداق داغ قونمىغا ئاق قەغەزگە ئوخشىتىمىز، ئۇنىڭغا ئاجايىپ گۈزەل رەڭدار رەسىملەرنى سىزىشنى ئارزۇ قىلىمىز. بىراق ئاق قەغەزدەك پاكىز قەلىبلەرگە قانداق داغلارنى قوندۇرۇۋاتقانلىغىمىزغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيمىز. بىز ئۆز قولىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن سەبىي قەلىبلەرگە قوندۇرۇۋەتكەن ئاشۇ چاڭ-توزانلار يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا قېلىنلاپ «پاسكىنا بۇلغانمىلار » نى پەيدا قىلغاندا بولسا سەۋەبلىرىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەشكە جۈرئەت قىلالمايمىز.
ئوقۇتقۇچى مىللەتنىڭ، ئەۋلادنىڭ ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر بىر ئېغىز سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئاشۇ گۈدەكلەر قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئىز قالدۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ نەمۇنە قالغان ياخشى سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرى جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىدا يادلىنىدۇ. ئەگەر سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق يامان تەسىر بېرىدىكەن ئۇ مەڭگۈ يۇيغىلى بولمايدىغان داغقا، ساقايتقىلى بولمايدىغان جاراھەتكە ئايلىنىدۇ.
ياش گۈدەكلەرنىڭ ئىستىقبالى ئاخىرقى ھېسابتا ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق تەربىيەلىشىگە باغلىقتۇر. شۇڭلاشقا بالىلار ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولالىسا بۈيۈك مۆجىزە يارىتالايدۇ، ئەكسىچە بولسا ئەلگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىگە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ئاشۇ گۈدەكلەرنى كۆزگە ئىلماي، كىچىك چاغلاپ ئۆزى ئېيتقان سۆزلىرىگە ئۆز ئەمەليىتى
ئارقىلىق خىلاپلىق قىلسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاك قەلبى سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ قەبىھ ئۇرۇقلىرى بىلەن توشۇپ كەتمەسمۇ ؟
«بۆرە كەلدى»، « قۇرۇق تەشتەك كۆتەرگەن بالا » دېگەن خەلق چۆچەكلىرىنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىيەتلىكنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكىنى سەمىمىيەتسىزلىك يالغانچىلىقنىڭ ئەڭ ناچار ئىستىللىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ «يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام» بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلار يەنە شۇ ئوقۇغۇچىلىرىنى يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇرلىسا، ئۇ ھالدا ئۇلار زادى قايسىسىنى قوبۇل قىلار.
ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەنقىدلىشىدىن قورقۇپ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ شەخسى خاھىشى بويىچە سەبىي دىللارغا
سەمىمىيەتسىزلىك يالغانچىلىقنىڭ تامغىسىنى باسسا ئۇ بىر ئېغىر گۇناھ، ھەتتا جىنايەت بولماي نېمە ؟
ناۋادا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈگەتكىنى بويىچە يالغان گەپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئوقۇغۇچى شۇ ئادىتى بويىچە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوقۇتقۇچىسىنى ئالدىسا
" يالغان گەپ قىلىشنى مەن ساڭا ئۈگەتكەن ئىدىم " دېگەن گۇناھ تۇيغۇسى شۇ ئوقۇتقۇچىدا پەيدا بولارمۇ ؟
ھازىرقى بالىلار كىچىك بولغىنى بىلەن ھەر خىل چارە-ئاماللار بىلەن چوڭلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ، قىلتاق قۇرالايدۇ. بەزىدە يالغاننى شۇنچىلىك قاملاشتۇرۇۋېتىدۇكى ئۆزىنى خېلى ئەقىللىق چاغلايدىغان ئاتا-ئانىلارنىمۇ شەكسىز ئىشەندۈرۈۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارنى يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىشى خۇددى زىرائەتلەرنىڭ ئارىسىدا ياۋا ئوت-چۆپلەرنى ئاينىتىش ئۈچۈن ئوغۇت بەرگەندەك ئىش بولمامدۇ ؟
يالغانچىلىق يامان ئىللەت بولۇپلا قالماي ئېغىر گۇناھ. بۇ بالىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، چوڭلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا نومۇسسىزلىقتۇر.  " كىچىك ئىشلار"دا يالغان سۆزلەشنى ئېتىبارغا ئالماي يۈرگەنلىرىمىزدە جەمئىيەتلىشىپ كەتكەن ساقتىپەزلىك، سەمىمىيەتسىزلىكلەر تۈپەيلى كىشىلەر ئارىسىدا سەمىمىيەتلىكنىڭ ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك قىممەتلىك بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى خۇرسىنىش ئىچىدە ھېس قىلىمىز. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم جايى. بۇ گۈزەل جاينىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايلىرىدا، دەرسخانا تاملىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى سەمىمىيلىككە ئۈندەيدىغان گۈزەل ئىبارىلەر ھەر ۋاقىت ئۇلارغا تەبەسسۇم قىلىپ تۇرىدۇ. تۈرلۈك قائىدە-نىزاملار، ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ كۆپ خىل شەكىللىرىمۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ماھىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇنداقتا بىز ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىيەتسىزلىكنى كۆپ ئۈگەتتۇقمۇ ياكى سەمىمىيلىكنىمۇ ؟
                            مەنبە :  پەن ۋە تۇرمۇش  

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى