ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىچىك بالىلارنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشى قانداق كېلىپ چىقىدۇ؟

كىچىك بالىلارنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشى قانداق كېلىپ چىقىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-10-20 ئاۋاتلىقى: 585 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قوغۇشۇن تەركىبلىك بېنزىننىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلشى: مەملىكىتىمىزدە نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى قوغۇشۇنسىز گاز ئىشلىتىش ئومۇملاشتۇرۇلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنىلارنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى كۈنسىرى ئاشماقتا.
سانائەتتىن بۇلغىنىش: قوغۇشۇن ئاككۇمۇلياتۇر ياساش، مېتال تاۋلاش، باسمىچىلىق قاتارلىقلاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ سانائەتتىكى قوغۇشۇندىن بۇلغىنىشى ناھايىتى ئېغىر.
قوغۇشۇن بىلەن مەشغۇلات قىلىدىغان ئىشچىلارنىڭ ئائىلە مۇھىتىنى بۇلغىشى: ئىشچىلار تازىلىق بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ، مەشغۇلات ئورنىدىكى قوغۇشۇننى ئائىلسىگە ئېلىپ بېرىپ ئائىلە مۇھىتىنى بۇلغايدۇ.


 ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ۋە ئويۇنچۇقلاردىن بۇلغىنىش: تا ھازىرغا قەدەر قوغۇشۇن سىر ياساشتا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئۆگىنىش قوراللىرى ئىچىدە پارتا-ئورۇندۇقلارنىڭ سىرلىرى، دەرسلىك كىتابىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى رەڭلىك باسما بەت، قېنىق چىقىدىغان قېرىنداشنىڭ سىر قەۋىتىدىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارى يۇقىرى. بوۋاقلارنىڭ قولىنى ۋە ئويۇنچۇقلانى ئاغزىغا سېلىپ شورايدىغان ئادىتى بولغاچقا، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىدىكى ئېرىشچان  قوغۇشۇننىڭ سۈمۈرۈلۈش مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى.
يېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىشى: بوۋاق بالىلارنىڭ قوغۇشۇننى سۈمۈرۈش مىقدارى قورامىغا يەتكەن ئادەملەرنىڭكىدىن تەخمىنەن %50يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا بالىلارغا بەزى بىر قىسىم يۇقىرى قوغۇشۇن تەركىبلىك نەرسىلەرنى يېمەسلىككە  نەسىھەت قىلىش. مەسىلەن: قوماچ، ئەنئەنىۋىي قوماچ ئېتىلدۇرۇش ماشىنىنىڭ ئوتخانىسى ۋە ئېغىزى قوغۇشۇندىن ياسالغان، قوغۇشۇننىڭ ئېرىش ۋە قايناش نۇقتىسى بىر قەدەر تۆۋەن، شۇڭلاشقا ھىم ئېتىلىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزدۇرۇلغان شارائىتتا، قوغۇشۇن ئاسانلا  قوماچ تەركىبىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم: ئەنئەنۋى ياساش ئۇسۇلىدا قوغۇشۇن ئوكسىد  تەم كىرگۈزگۈچى سۈپىتىدە قېتىلىپ پىشۇرۇلىشىنى تېزلىتىلىدۇ، شۇ سەۋەبلىك، بۇنىڭ تەركىبىدىمۇ قوغۇشۇنىڭ مىقدارىمۇ خېلى يۇقىرى. مېۋە پوستى: قوغۇشۇن ئارسېنات مېۋىلىك باغلاردا ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى سۈپتىدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدۇ، شۇڭلاشقا مېۋە پوستى تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، ئەگەر مېۋىلەرنى پاك پاكىز يۇغاندىن كېيىن ياكى پوستىنى ئاقلىۋېتىپ يېگەندە قوغۇشۇننىڭ بەدەنگە كىرىشىنى زور  مىقداردا تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.



ئەگەشمە كېسەللىكلەر :
قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك مېڭە كېسەللىكىدە ئاتاكسىيە_(共济失调) ‹ھەرىكەت تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇش، چۆچۈش، ھوشىدىن كېتىش، جىگەر يوغىناش، سېرىقلىق، سۈيدۈك ئاز بولۇش ياكى سۈيدۈك كەلمەسلىك، ھەزىم قىلىش يولى قاناش، پارالىتىك ئۈچەي توسۇلۇش، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش ھەتتا نەپەسلىنىش زەئىپلىشىشنى، ئەقلىي كەمتۈكلۈك، كۆرۈش قابىلىيىتىنى يوقىتىش، يارتا پارالىچ قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى