ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىيەت، روھىي ساغلاملىق ۋە مەدەنىيەت‏

جىنسىيەت، روھىي ساغلاملىق ۋە مەدەنىيەت‏

ۋاقتى: 2014-04-04 ئاۋاتلىقى: 1017 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 نۆۋەتتە دۇنيادا كېسەللكىلەر شىددەت بىلەن يامراپ ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا قورقۇچلۇق سايە تاشلاپ تۇرماقتا. ئەيدىز كېسىلى بىر ‏نەچچە يىللار ئىلگىرى بىز ئاندا-ساندا گېزىت-ژۇرناللاردىن ئاڭلاپ قالىدىغان، خۇددىي قورقۇنچلۇق رىۋايەتتەك ئاڭلىغاندا كىشىنى ‏قورقۇنچقا سالىدىغان، بىراق ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن دەرھاللا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدىغان، بىزدىن ناھايىتى يىراق بىلىنىدىغان خەۋەرلەر ‏ئىدى. ئاشۇ چاغلاردا بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ تارقىلىپ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىنلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قورقۇنچلۇق بىر ئاپەتكە ‏ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدۇق. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىققا ئايلىنىپ قالدى. ‏ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى باشقىلار ئېچىشقا تېگىشلىك غايەت زور بايلىق ئىكەن دەپ ‏بايقاپ ئۇلارنى زور مەبلەغ ئاجىرىتىپ ئېچىۋاتقاندا ئاشۇ ئۇيغۇر قىزلىرى بۇنى ئۆزلىرىگە كەلگەن زور ئامەت بىلىپ، ئىچكىرى ‏ئۆلكىلەرگە ئۆزىنى ئاتتى، ئەمىلىيەتتە ئۇلار قورقۇنچلۇق داۋاسىز ۋابا كېسىلىگە ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. پۈتۈن ئىنسانىيەت بۇ قورقۇنچلۇق ‏ۋابانىڭ ئالدىدا قاتتىق ۋەھىمىگە چۆمۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ بۇزۇقچىلىقى ۋە روھىي خارابچىلىققا تەڭرىنىڭ بەرگەن ئاشۇ گۇمران قىلىش ‏خاراكتېرلىك جازاسىدىن نالە-پەريات قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىز نەنمىندىن دۆڭ كۆۋرۈككىچە گۇگۇم چۈشكەن چاغلاردا پىيادە ‏مېڭىپ بېقىڭ، يول بويىدا يولدىن ئۆتكەنلەرگە كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان مەينەت نەزەر بىلەن قارىشىپ تۇرغان توپ-توپ ئۇيغۇر ‏قىزلىرى ۋە ئاياللىرىغا قاراپ بېقىڭ. ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار قىلىدىغان ئىش يوق بىكارچىلىقتا يول بويىغا چىقىۋېلىپ ئۆتكەن-‏كەچكەنلەرنى تاماشا قىلىۋاتامدۇ؟ ھەر قايسى ئىدارىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان، كوچىلاردا تىجارەت قىلىۋاتقان، ئېتىزلاردا ئەمگەك ‏قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆمرىدە زادىلا قەدەم باسالمايدىغان ئاشۇ ئالىي رېستۇرانلاردا غۇۋا چىراق يورىقىدا تاماكىسىنى يانتۇ ‏چىشلەپ، رېستۇرانغا كىرگەن، مېھرى بەختىيار كۈلكىلەر بىلەن تولغان مېھمانلارغا مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان ھەددى ھېسابسىز ئۇيغۇر ‏قىزلىرى زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر يىگىتلىرىچۇ؟ سىز ئەگەر بىر ئىپپەتلىك قىز بولسىڭىز ياكى ئايال بولسىڭىز دۆڭكۆۋرۈكتىن ‏ياكى سەنشىخاڭزىدىن گۇگۇم چۈشكەندە زادى پىيادە ئۆتمەڭ. پىيادە ئۆتسىڭىزمۇ ئالدى-كەينىڭىزگە قارىماي مېڭىڭ. بولمىسا بىراۋ ‏سىزگە گەپ قىلماي قالمايدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆزىنىڭ ئەمدىلا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن غايەت زور بايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاچقا، ‏رېستۇرانلاردا ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ناھايىتى بايۋەچچە ياشاپ كۆنۈپ قېلىپ ياراتماسلىقى تۈپەيلىدىن يېشى خېلى بىر يەرگە ‏بارغىچىمۇ توي قىلالماي يۈرگەن ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئازمۇ؟ ئۇلار ئالدىڭىزنى توسۇپ ياكى كەينىڭىزدىن يېتىشىپ كېلىپ سىزگە گەپ ‏قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسڭىز سىزگە ھۆكىرەپ ئېتىلىدۇ. (ھەممىسى بۆرە ئەۋلادى ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بۆرە ‏ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىدىكى تارىخىتىن بېرىقى بىردىنبىر پۇرسەت _ ھەم ھاياجانلىق ھەم بىخەتەر) مانا ئاشۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ‏خەلقىمىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا تەھدىت بولىۋاتقان، ئەسىر ئاخىرىدىكى ساقايماس ۋاباغا قانماس ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۆزىنى ‏ئېتىۋاتىدۇ. ۋاباغا قانماس ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. ‏




جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بولىدۇ. ئاشۇ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئەگەر زەھەرلىك ‏چېكىملىك بولمىغان بولسا باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولاتتى، نەچچە يىللار ئىلگىرى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر كۆپىيىپ ‏كەتكەندە كىشىلەر «مىللىتىمىز زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن تۈگىشىدىغان بولدى» دەپ قاخشاپ كېتىشكەنىدى. بىراق ئەمدىچۇ؟ ‏ئەمدى ئەيدىز كېسىلى شىددەت بىلەن تارقالغاندا مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن قايغۇرىدىغان ئاشۇ كىشىلەر نەگە كەتتى؟ ئۇلار نېمىشقا ‏قاينىمايدۇ، نېمىشقا داۋراڭ سالمايدۇ؟! ئەلبەتتە بۇنىڭدا سەۋەب بار. بىز ئىككى خىل ئىجتىمائىي ئاپەتنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا بولىدۇ. ‏سوتسىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىرخىل جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھادىسىسىنى جىنايەتنى كەلتۈرۈپ ‏چىقارغۇچى مەلۇم ماددىي ئۇبيېكت ۋە جىنايەتچىنى ئازدۇرغان نەرسىدىن كۆرسەك بولمايدۇ. بۇ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ‏سەۋىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تولۇق ‏مۇكەممەللىككە ئېرىشمىگۈچە جەمئىيەتتە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھادىسىسى تۈگىمەيدۇ. بۇ خىل ھادىسىلەر گاھ بىرخىل ئۇسسۇل بىلەن ‏ئىپادىلىنىپ چىقسا، گاھ يەنە بىرخىل ئۇسسۇل بىلەن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئاشۇ خىروئىن چەككۈچىلەر جەمئىيەتتىكى جىنايەت ‏ئۆتكۈزگۈچىلەر توپى بولۇپ، ئەگەر خىروئىن بولمىغان بولسا ئۇلار باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولاتتى. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ جىنايەت ‏ئۆتكۈزۈشىدىكى سەۋەب خىروئىننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدىنلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئەخلاق ‏قارىشىنىڭ يوقلىقى ۋە مەدەنىيەتسىزلىكىدىن. ئەگەر خىروئىن بولمىسىمۇ ئۇلاردىكى ناچار پىسىخىكا، قالاقلىق، مەدەنىيەتسىزلىك ۋە ‏ئەخلاق قارىشىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ئۇلارنى باشقا جىنايەتلەرگە باشلاۋەرگەن بولاتتى. مەيلى جىنايەتنىڭ مەنبەسى نېمە ‏بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زەھەرلىك چېكىملىك چەككەچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاقىۋىتى ئۆزىنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ زەھەرلىك ‏چېكىملىك چېكىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مال-مۆلۈككە دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ، جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە ناچار ‏تەسىر پەيدا قىلىدۇ، بىراق ئەڭ ئاخىرىقى ھالاكەت زەھەر چەككۈچىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. مانا بۇ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئاپىتى ‏بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرىپى. ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشچانلىققا ئىگە. ئۇ پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى ‏بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىروئىن چېكىدىغانلار ئۆزىنىڭ قانداق ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىدۇ. بىراق ئەيدىز كېسىلىگە ‏گىرىپتار بولغانلار ئۇنداق بولىشى ناتايىن. ‏
مەسىلەن: ‏xx‏ ئەر، 43 ياش، سودا قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن تىجارىتى خېلى ياخشى بولۇپ، پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۇيۇن-‏تاماشاغا قاتتىق بېرىلگەن. بىر نەچچە قېتىم رېستۇرانلارغا، قاۋاقخانىلارغا بېرىپ ئۆزىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمىز دەۋالغان قىزلار بىلەن ‏تونۇشۇپ قېلىپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچىدە ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ بىللە ياتقان. كېيىن ئائىلىسىگە قايتىپ ‏بارغاندا ئېغىر زۇكام بولۇپ دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى كىرگەندە قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار ‏بولغانلىقى بايقالغان. ئۇنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەخلاقسىزلىقى ۋە يىرگىنىچلىك جىنايىتىنىڭ جازاسى. ‏بىراق كىشىنى قاتتىق ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى ئۇنىڭ كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىپىك ئەخلاق ئەنئەنىسىگە ‏پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ۋارىسلىق قىلغان، ئاقكۆڭۈل، ساددا، ئائىلە ۋە بالىسىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بىچارە ئايالى ‏xx‏ نىڭمۇ ‏ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى بولۇپ، بۇنىڭغا بىز نېمىمۇ دېيەلەيمىز؟
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاقىۋىتىنى زەھەر چېكىش ۋە باشقا جىنايەتلەرگە ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ كېسەل پەقەت ‏جەمئىيەتتىكى ئەسلىدىلا جىنايەت يولىغا مېڭىش پسىخىكىسىنى ھازىرلىغان كىشىلەر بىلەنلا تۈگىشى ناتايىن. ئۇ نۆۋەتتە پۈتۈن ‏مىللەتنىڭ بولۇپمۇ بىزدەك مەدەنىيىتى قالاق، پەن-تېخنىكىدا ئارقىدا قالغان بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بىراسىتە تەھدىد بولۇپ ‏قالماقتا. بىراق بىز بۇ ئاپەتنى بۇ تەھدىتنى تېخى تونۇپ يېتەلمىدۇق. ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىروئىن ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ‏دېگەنلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خەۋىرى بار. بىراق ئەيدىز دېگەننى بىلىدىغانلار قانچىلىك؟ يېقىندا مەلۇم بىر سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ‏ئۈرۈمچى، ئاقسۇ ۋە قەشقەرلەردە سىتاستىكا ئېلىپ بېرىشىغا قارىغاندا «ئەيدىز كېسىلى» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باققان كىشىلەر 10 ‏پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. ئەيدىز كېسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان كىشىلەر بولسا پىرسەنتكىمۇ توشمىغان، بۇنداق ئەھۋالدا ‏ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق، تارقىلىشى تېخىمۇ شىددەتلىك بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ‏يەنىلا تەشۋىقات ئارقىلىق خەلقىمىزگە بۇ دەھشەتلىك ئاپەتنى تونۇتمىسا بولمايدۇ.‏
پۈتۈن مىللەتنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ زور ئاپەتتىن نېمىشقا خەلقىمىز تولۇق خەۋەر تاپالمايدۇ؟ چۈنكى بۇ بىرخىل ‏جىنسىي كېسەللىك بولۇپ، مىللىتىمىز جىنسىيەت ھەققىدىكى تونۇشى ساغلام بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، جىنسىيەت ھەققىدىكى بىلىملەر ‏ئومۇملاشمىغاچقا شۇنداق بولىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.‏
ئەيدىز كېسىلى ھازىر ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان جايلار ئاسىيا، ئافرىقىدىكى قالاق ۋە نامرات دۆلەتلەر بولۇپ، مەدەنىيىتى تەرەققىي ‏قىلغان ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپالاردا بولسا خېلىلا تىزگىنلەندى. 92-،93- يىللاردىن باشلاپ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپالارنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە ‏گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تا ھازىرغىچە ئوخشاش نىسبەتتە بولۇپ، شىددەت بىلەن كېڭىيىشى ئاللىقاچان تىزگىنلەندى دېگەن گەپ. ‏غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ كېسەلنى مەلۇم دائىرىدە تىزگىنلىيەلىشى دەل ئۇلاردىكى مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق قارىشىنىڭ يۇقىرىلىقىدا. ئافرىقا ‏ۋە شەرق ئەللىرىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تىزگىنسىز ھالدا شىددەت بىلەن تارقىلىشى دەل ئۇلاردىكى سىرتقى قىياپىتىدە ئىنتايىن ئەخلاقلىق ‏قىياپەتقە كىرىۋېلىش بىراق ئەمەلىيەتتە بۇزۇقچىلىققا قاتتىق بېرىلىش سەۋەبىدىن بولغان. غەرپتە جىنسىيەت شەرق ئەللىرىنىڭكىدەك ‏سىرلىق تېما ئەمەس. جىنسىيەت ھەققىدە مۇھاكىمىلەر ئوچۇق ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىۋېرىدۇ. جىنسىيەت ھەققىدە توختىلىش ئەخلاقسىزلىق ‏ئەمەس، پەقەت قالايمىقان جىنسىي پائالىيەتلەرلا ئەخلاقسىزلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇشۇرۇن ھالدا قىلىنغان سانسىز بۇزۇقچىلىقلار بولسا ‏سىرتقى قىياپەتتىكى ساختا ئەخلاق كۆرىنىشى كەينىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرىۋېرىدۇ. خىلمۇ-خىل بىنورمال جىنسىي پىسخىكىدىكى كىشىلەر ‏غەرپتە بولغاندەك شەرقتىمۇ بار. ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى شەرق ئەللىرىدە غەربتىن قېلىشمايدۇ. غەرپتە بۇلار ئوچۇق ‏ئاشكارا تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئەركىن ھالدا توختالغىلى، بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. دەل جەمئىيەتتە بۇ ھەقتىكى ‏غۇلغۇلىلار ئوچۇق-ئاشكارا بولغاچقا بىزگە خۇددى جىنسىي بىنورماللىق پەقەت غەرپتىلا باردەك تۇيۇلۇپ، شەرق ئەللىرىدە بۇ نەرسىلەر ‏يوشۇرۇپ قېلىنغانلىقى ئۈچۈنلا خۇددى مەۋجۇت ئەمەستەك تۇيغۇ بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە مەلۇم ھادىسە ھەققىدە ئەركىن پىكىر ‏قىلماسلىق ۋە توختالماسلىق يەنى كۆزىنى يۇمىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇ نەرسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىشقا تىرىشىش ئەمەلىيەتتە ‏ناھايىتى بىمەنە ۋە ئۈنۈمسىز ئۇسۇل بولۇپ، ئاغرىقنى ھەر قانچە يوشۇرغان بىلەن ئۆلۈم ھامان ئاشكارا.‏
مانا بۈگۈنكى كۈندە ئەيدىز كېسىلىدەك قورقۇنچلۇق ئاپەت تارقىلىۋىدى، ئەمدى بىز جىنسىيەت ھەققىدە توختىلىش، ئۇنى ‏تەتقىق قىلىش، جەمئىيەتتىكى بىنورمال جىنسىي ھادىسىلەرنى ئىپادىلەپ بېرىشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايدىغان خاتا ۋە بىر تەرەپلىمە ‏ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى ئاشكارا تارتىدىغان بولدۇق.‏

بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە قارىساق خۇددى بۇ ئالەمدە ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي ئالاقىدىن باشقا ئىش ‏يوقتەك، ھەممە ئەر-ئاياللار پەقەت ئاشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ياشاۋاتقانلىقىنى بايقىماي قالمايمىز. بۇ بىزنىڭ ‏ئالدىمىزدىكى رېئاللىق. ئۇيغۇرلار بىر يەردە سورۇن تۈزىسىلا گەپ ئاشۇ تېمىدا بارىدۇ. باشقا تېمىدىكى ھەر قانداق گېپىڭىز سورۇننى ‏قىزىتالمايدۇ. ئەر-ئاياللار بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇپلا قالسا بىر-بىرىنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ئايال بىلەن ‏بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدىن پەخىرلىنىپ، سورۇنلاردا داۋراڭ سالىدۇ. بىراق ئادەم ھاڭ-تاڭ قالىدىغان يېرى شۇكى سىز جىنسىيەت ھەققىدە ‏مەتبۇئاتلاردا بىر نەرسە دەپلا سالسىڭىز ھەممە ئادەم يېغىرلىرىغا تۇز سەپكەندەك بولمايلا قاقشاپ كېتىدۇ. ئاشۇنداق ھەرىكىتى بىلەن ‏گېپى ئوخشىمايدىغان، قىياپىتىدە ئەخلاقلىق ئەمەلىيەتتە جىنسىي قىلمىشلار ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىۋېتىدىغان ساختا ئەخلاقچىلارنىڭ ‏توسالغۇسى تۈپەيلىدىن مىللىتىمىز جىنسىي ھالەتنىڭ بالا قازاسىغا ئۇچرىماقتا.‏
ئۇيغۇرلاردىمۇ خۇددى دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرگە ئوخشاشلا جىنسىيەت ھەققىدە تەتقىقاتلار بولۇشى كېرەك ئىدى. ‏بىراق قالاقلىق ۋە مۇتەئەسسىپلىك تۈپەيلىدىن بۇ بىر چەكلەنگەن تېما بولۇپ قالدى. مەن پىسخىك نورمالسىزلىقتىن ئىبارەت بۇ تېمىدا ‏چوڭقۇرراق ئىزدىنىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ بىر نەچچە قېتىم شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ باردىم. ‏جىنسىيەتكە دائىر مەسىلىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش مېنى زور ماتېرىياللار ۋە بايقاشلارغا ئىگە قىلدى. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىنى تەتقىق ‏قىلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، مىللىتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى قاتتىق ‏چۆچۈش ئىچىدە ھېس قىلىپ يەتتۇق. چۈنكى بىز ئىلگىرى جىنسىي ئاڭدىكى قالاقلىق ۋە جاھالەتنىڭ مىللىتىمىزگە زادى قانچىلىق ‏دەرىجىدە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلىپ يەتمىگەنىدۇق.‏
دەۋر ئۇچقاندەق تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ بارماقتا. مەن پسىخىلوگىيە پېنىنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىمغا ئون بەش يىل بوپتۇ، بۇ ‏جەرياندا مەن روھىي كېسەللىك ۋە بىنورمال جىنسىي پسىخىكىنى بەكراق بېرىلىپ تەتقىق قىلدىم. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا پۈتۈن ‏ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىتىن بېرى تارتىپ كېلىۋاتقان ئازابلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە نىگىزىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. مانا بۇ ‏جەرياندا ئىنسانىيەت ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ روھىي ساغلاملىق ئىكەنلىكىنى، دۇنيادىكى ئادەملەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ‏ئىرقىي توقۇنۇش، جىنسىي كېسەل، ئۈلۈۋېلىش، قاتىللىق، زوراۋانلىق قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئادەملەرنىڭ روھىدىكى ‏كەمتۈكلۈك ۋە ساغلام بولمىغانلىقتىن بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. ئىنسانىيەت روھىي جەھەتتە مۇكەممەل ۋە ساغلام بولسا ئەلۋەتتە ‏ئىنسانىيەت دۇنياسى چەكسىز گۈزەل بىر جەننەتكە ئايلىنىدۇ. ئىنسانىيەت روھىي جەھەتتە قانچە ساغلام بولمىسا بۇ دۇنيا دەرت-‏ھەسرەت ۋە بالايى ئاپەتكە تولغان قورقۇنچلۇق دوزاققا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىنسانىيەتنىڭ روھىي ساغلاملىقى ئۈچۈن ئېلىپ ‏بېرىلغان تەتقىقاتلارنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلايمەن. بىراق ئۇيغۇرلاردا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات يوق دېيەرلىك. جىنسىي بىنورماللىق ۋە ‏پسىخىكىلىق ئانالىز ھەققىدە نەشر قىلىنغان، دۇنيانىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرغان بىرەر كىتابنى ‏تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار خۇددى جىنسىيەت ھەققىدە ھېچقانداق مەسىلە يوقتەك قىياپەتكە كىرىۋالغان، لېكىن مەخسۇس جىنسىي ‏كېسەللىكنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىلار تېزلىكتە قۇرۇلۇپ، بۇ قىسقىغىنە نەچچە يىلدىن بېرى، كېڭىيىپ يامراپ كەتتى. ھازىر بۇ ‏دوختۇرخانىلارنىڭ ئالدىدا بىز نۇرغۇنلىغان دەرتمەن ئەر-ئاياللارنىڭ توپ توپى بىلەن تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار دەل مانا مۇشۇ ‏جىنسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن تويۇپ كەتكەن، دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزگەن ‏بىمارلاردۇر. بىنورمال جىنسىي پىسىخىكىسىنىڭ توسالغۇسى تۈپەيلىدىن جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلىغان، بالا يۈزى كۆرەلمىگەن نۇرغۇن ‏بىمارلارنىڭ كۆز ياشلىرى ئادەمنى يۈرىكىنى مۇجىيدۇ؛ يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋەھىمە ۋە قورقۇنچقا چۈشكەن، ‏چىرايىدىن ئۈمىدسىزلىك ۋە سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇرغان بىمارلار ئادەمنى ھەم يىرگەندۈرىدۇ ھەم ئىچنى ئاغرىتىدۇ. مەلۇم بىر جىنسىي ‏كېسەللىكلەر ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇدىرى ئامبۇلاتورىيەگە كەلگەن 2000 پارچىدىن ئارتۇق خەتنى مېنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلىغان ‏ھالدا تەتقىقات ئۈچۈن كۆرۈپ بېقىشىمغا بەرگەنىدى. ئاشۇ خەتلەردىكى بىمارلارنىڭ ئېچىنىشلىق بايانلىرى كۆڭلۈمنى ئىنتايىن بىئارام ‏قىلدى. نۇرغۇنلىغان بىمارلار ئەمەلىيەتتە ساپ-ساق كىشىلەر، ئۇلارنى فىزىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھېچقانداق كېسەل ‏بايقالمىغان. ئۇلار ساپ-ساق تۇرۇپ نېمىشقا ھاياتىنىڭ مۇھىم لەززىتى بولغان جىنسىي لەززەت ۋە پەرزەنت قالدۇرۇش لەززىتىدىن ‏بەھرىمەن بولالماي ئۆمرىنى ھەسرەت ۋە قان-يىرىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بىمارلار ساپ-ساق تۇرۇپ دېگىلى ‏بولمايدىغان ئازابلاردىن ئىچىدە تىنىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ؟ بۇ مىللىتىمىزدىكى جىنسىيەتنى سىرلىق تۇتۇش، توغرا چۈشەنمەسلىق ۋە ‏تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارماسلىقنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ھالەتنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، مىللىتىمىز ئارىسىدا بىر قېتىملىق زور ‏جىنسىي ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلماي قالمايمىز. لېكىن بەزى بىر جاھالەتپەرەس كىشىلەر ھەدەپ ساختا ‏مىللىي ئەخلاق ئويدۇرۇپ چىقىپ، جىنسىيەت ھەققىدە گەپ قىلىش مىللىي ئەخلاققا ئۇيغۇن ئەمەس دېگەندەك بىمەنە گەپلەرنى ‏كۆتۈرۈپ چىقىپ بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچقان قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىۋاتىدۇ. «قابۇسنامە»، «دەستۇرۇل ئېلاج» دېگەن ‏كىتابلاردىمۇ جىنسىيەت ھەققىدە خېلى چۇڭقۇر ساۋادلار بارغۇ! ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نېمىشقا جىنسىيەت ھەققىدە گەپ قىلىش ‏جىنايەت بولۇپ قالدى؟ جىنسىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتنى پەقەت ناچار تەبىئەتلىك پىسىخىكىسى بىنورمال ئادەملەرلا ئەخلاقسىزلىق ‏ھېسابلاپ، ئۇنىڭدىن باشقىچە مەنالارنى چىقىرىپ ھوزۇرلىنىدۇ. كېسەل ھەققىدە گەپ قىلىۋاتسا ئۇنىڭدىن شەھۋانىيلىق ھېس قىلالىغان ‏ئادەمنى قانداقمۇ ساغلام ئەقىل ۋە ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە ئادەم دىگىلى بولسۇن؟ مىللىتمىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى كۆتۈرۈش ‏بىزنىڭ بۇرچىمىز. جىنسىيەت ھەققىدە توختىلىش ئىلگىرى بۇرژۇئازىيەنىڭ چرىك ئىدىىيەسى دەپ قارىلىپ قاتتىق چەكلەنگەن ئىدى. ‏بۈگۈنكى دەۋردىمۇ بىر قىسىم زىيالى قىياپىتىگە كىرىۋالغان جاھالەتپەرەسلەر ھەدەپ مۇشۇ ئىدىيەگە ئېسىلىۋېلىپ، پەقەت بۇنىڭدىكى ‏ئاتالغۇلارنىلا ئۆزگەرتىپ قويۇپ يېڭى دەۋردىكى جىياڭ چىڭلارغا ئايلانماقتا. جىياڭ چىڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ يالغانلىقى كېيىن ‏ئۇلار ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىسپاتلاندى. ئەينى چاغدا جىياڭ چىڭ ھەممە نەرسىنى غەرپ بۇرژۇئازىيىسىنىڭ دەپ چەكلىگەندە ئۆز ‏خەلقىگە چەكسىز ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭدەك بۈگۈنكى ئۇيغۇر جىياڭ چىڭلىرىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ يالغانلىقىمۇ ھامان ‏ئاشكارىلىنىدۇ. ‏
مەنبە: ئىجادىيەت مۇنبىرى
ئاپتۇرى:پەرھات تۇرسۇن 
2009-5-19

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى