ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتىدىغان ئىرسىي كېسەللىكلەر

تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتىدىغان ئىرسىي كېسەللىكلەر

ۋاقتى: 2015-05-16 ئاۋاتلىقى: 751 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1989-يىلى ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈلمىسى» گە ئاساسەن تويدى بۇرۇن تەكشۈرتۈشكە تېگىشلىك ئىرسىي كېسەللىكلەرC,B,A دىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ: 
A تىپتىكى ئىرسىي كېسەللىك ئاساسلىقى چۇما بىلەن خولېرا كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
B تىپتىكى ئىرسىي كېسەللىك ئاساسلىقى باكتېرىيە خاراكتېرلىك ۋە ئاميوبا خاراكتېرلىك تولغاق، ۋىروسلۇق جىگەر ياللۇغى، كېزىك ۋە پارتىف، بوغما، كۆكيۆتەل، سكارلاتىنا، تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغى، كالا ئازار كېسىلى، دېنگې قىزىتمىسى، بەزگەك، تارقىلىشچان ۋە يەرلىك ئەسۋىلىك كېزىك، تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى قاتارلىقلار. 

C تىپتىكى ئىرسىي كېسەللىكلەر قان شورىغۇچ قۇرت كېسەللىكى، قاپلىق قۇرت كېسەللىكى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، ماخاۋ كېسىلى، فىلارىئوز كېسىلى، تارقىلىشچان گۈرەن بېزى ياللۇغى، تارقىلىشچان زۇكام، جىددىي خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، يەلتاشما ۋە خولېرا، تولغاق، كېزىك ۋە پاراتىفدىن باشقا يۇقۇملىنىشچان ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار. 
روھىي كېسەللىكلەرمۇ تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتۈشنىڭ مەزمۇنىدۇر.
تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتۈشكە تېگىشلىك كېسەللىكلەردىن: ھەرىكەت نېۋرونى مەنبەلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن داۋاملىنىشچان ئۇزۇنچاق مېڭىنىڭ پالاچ بولۇپ قېلىشى ۋە تارقىلىشچان قېتىش كېسەللىكى؛ مېڭە ئورگانىك روھىي كېسەللىكى، بۇ يەنە زەھەرلىنىش، يۇقۇملىنىش، ئۆسمە ۋە مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي توسالغۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ۋىلسۇن كېسەللىكى، تۇتقاقلىق كېسەللىكى، ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى ۋە قۇتراش-خامۇشلۇق كېسىلى، داۋاملىنىشچان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك؛ بۇلار ئاساسلىقى دائىمىي خروموسوم يۇشۇرۇن خاراكتېرلىك ئىرسىي كېسەللىكنىڭ نېرۋا ۋە روھىي قالايمىقانلىق، فېنىل كېتون سىيىش كېىسلى، گوموسىستىن سىيىش كېسىلى، گالاكتوزىمىيە كېسىلى، فرۇكتوزېلىق قان كېسىلى قاتارلىقلارمۇ بار؛ ئەقلىي-ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، نېرۋا فۇنكسىيىسى بۇزۇلۇش كېسىلى؛ دائىمىي خروموسوم ئاشكارا ئىرسىي كېسەللىكنىڭ نېرۋا ۋە روھىي قالايمىقانچىلىقىغا يانداشقان بولىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغانلاردىن ئاستا خاراكتېرلىك ئۇسۇل ئويناش كېسىلى، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت تەڭكەشلىكى بۇزۇلۇش كېسەللىكى ۋە ئىرسىيەت خاراكتېرلىك دەۋرىيلىك پالەچ قاتارلىقلار بار. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى