قارىغۇلارچە ئورۇقلاش ياش–ئۆسمۈرلەرگە زىيانلىق
ۋاقتى: 2015-04-12
ئاۋاتلىقى: 716 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سېمىزلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن ياش ئۆسمۈر ئورۇقلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بەزىلەر ھەتتا ئورۇقلاشقا «خۇمار» بولۇپ قېلىپ، «ئىشتىھاسىزلىق» كېسىلىگە گىرىپتار بولماقتا .
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۇزاق مەزگىل تاماق يېمەسلىك چوڭ مېڭىگە تەدرىجى بېسىم چۈشۈرىدىكەن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چوڭ مېڭىنىڭ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش، كەيپىياتنى تەڭشەش فۇنكىسىيەسى قالايمىقانلىشىپ، نېرۋا خاراكتېرلىك ئىشتىھاسىزلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئىشتىھاسىزلىق كېسىلى ئۆلۈش نىسبىتى %20 گە يېتىدىغان خەتەرلىك پىسخىك توسالغۇ ئىكەن. بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلى بولغاچقا، ئوزۇقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم . شۇڭا قارىغۇلارچە ئورۇقلاش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق.