ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار يۆتىلىپ قېلىشنىڭ كېسەللىك سەۋەبى

بوۋاقلار يۆتىلىپ قېلىشنىڭ كېسەللىك سەۋەبى

ۋاقتى: 2015-08-24 ئاۋاتلىقى: 723 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار يۆتىلىپ قېلىشنىڭ كېسەللىك سەۋەبى

 يۇقىرقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشىدىن كېلىپ چىققان يۆتەل كېسەللىك ئالامەتلىرى : 

يۆتەل قىچىشىپ كېلىدۇ ،يۇتقۇنچاق قىچىشىدۇ ،ئەمما بەلغەم كەلمەيدۇ ؛مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن ،ھاسىراپ نەپەس قىينلىشىدۇ .بوۋاق ئۇخلىۋالىدۇ ،بۇرنىدىن پوتلا ئاقىدۇ ،بەزىدە قىزىيدۇ ،بەدەن تېمپىراتۇرىسى 38 سېلتسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتمەيدۇ ؛روھسىزلىنىش ،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ،ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ ،قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقايدۇ ،يۆتىلىش 5~3 كۈن داۋاملىشىدۇ .

 يۆتەل توختاش : ئۈستۈنكى نەپەس يولى يۇقۇملانغاندىن كېيىن بالىلارنىڭ بۇرۇن بوشلۇقى يېپىشقاق پەردىسى ياللۇغلانغان بولىدۇ ،ئەگەر يەنە قورغاق ھاۋانى سۈمۈرىۋەرگەندە ،بۇرۇن بىئارام بولۇپ ،ئېغىرلاشقانسېرى يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .شۇڭلاشقا ھۇجرا ئۆينىڭ نورمال نەملىكىنى ساقلاش كېرەك ،نەملەشتۈرگۈچ ئىشلىتىش ھۆل لۆڭگىلەرنى ئېسىش ،يەرنى سۇ سېپىپ توبالاش ياكى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر داستا سۇ قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆينىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ .ئەگەر بىر ھەپتىگىچە بوۋاقنىڭ يۆتىلىش ،بۇرۇن توسۇلۇش ئالامەتلىرىدە ياخشىلىنىش بولمىسا ،بالىنى دەەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك .

 كاناي شاخچە ياللۇغىدى كېلىپ چىققان يۆتەل كېسەللىك ئالامەتلىرى :

كاناي شاخچە بولسا ئادەتتە زۇكامغا ئۇلاپلا قوزغىلىدىغان بولۇپ ،باكتېرىيە يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .يۆتەلگەندە بەلغەم كېلىدۇ ،بەزىدە قاتتىق يۆتىلىپ كېتىدۇ ،ئادەتتە كېچىسى كۆپرەك يۆتىلىدۇ ۋە ھاسىرايدۇ .بالا ئۇخلاپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ياكى سەھەر سائەت ئالتە ئەتراپىدا يۆتەل ئەۋجىگە چىقىدۇ .

 يۆتەل توختاش :دوختۇرغا بېرىپ كۆرسىتىش ،دوختۇرلار بەرگەن يۆتەل توختۇتۇش دورىسىنى يېگۈزۈش ،بالىلارغا بەك تاتلىق ۋە بەك تۇزلۇق نەرسىلەرنى يېگۈزمەسلىك كېرەك ،بولمىسا كېچىدىكى يۆتەل تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ .

 يۇتقۇنچاق ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۆتەل كېسەللەك ئالامەتلىرى: ئۈنى پۈتۈش ،بەلغەم قويۇقلىشىپ ئاز قىسمىنى چىقىرىپ كۆپ قىسمىنى يۇتىۋېتىدۇ .كۆپ قىسىم بوۋاقارنىڭ گېلى ئاغرىيدۇ ،بولمىسا بالىلاردا بىئارام بولۇش ،ئەممەسلىك ،يۆتەلگەندە ئاۋازى چىقماسلىقتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . 

يۆتەل توختاش : بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا ئاتا- ئانىلار ئۆيدە ھەل قىلىمىز دېسە بولمايدۇ ،دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىش ،دوختۇرنىڭ دېئاگنوزى ئېنىقلاشقاندىن كېيىن ئاندىن داۋالاش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك .

 رېئاكسىيە خاراكتېرلىك يۆتەل كېسەللىك ئالامەتلىرى:سىجىل ياكى قايتا –قايتا قوزغىلىش تىپىدىكى قاتتىق يۆتىلىش ،كۆپىنچە پەسىل خاراكتېرلىك قوزغىلىدۇ ،ئەتتىگىنى تۇرغاندا كۆرۈنەرلىك بولىدۇ ،بوۋاق ھەرىكەت قىلغان ياكى يىغلىغاندا تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ ،سوغۇق ھاۋاغا ئۇچرىغاندا تېلىقىپ-تېلىقىپ چۈشكۈرىدۇ ،يۆتىلدۇ ،بىراق بەلغەم ناھايىتى ئاز كېلىدۇ .كېچىدىكى يۆتىلىش كۈندۈزدىكىگە قارىغادا تېخىمۇ ئېغىرراق بولىدۇ ،ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزىرايدۇ ،ئادەتتە ئۈچ ئايغىچە داۋام قىلىدۇ ،گۈل چېچەكلەش مەزگىلىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ .

 يۆتەل توختاش :ئادەتتە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە بالىلارنىڭ زۇكامداپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ،ۋاقتىدا دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سوراش . ئۆيىدىكىلىرى ئارىسىدا ھاسىراش ۋە باشقا باشقا رېئاكسىيە خاراكتېرلىك كېسەللىك تارىخى بارلار بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قېلىشى كېرەك ،شۇنداقلا بالدۇرراق دوختۇرغا بېرىپ كۆرسىتىش ،دېئاگنوزنى ئېنىقلاشتۇرۇش ،ئاكتىپ داۋالاش ،زىققىغا ئايلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . غەيرى ماددىلارنى سۈمۈرۈش قېقىلىپ يۆتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

 

 كېسەللىك ئالامەتلىرى:ئەگەر كىچىك بالىلاردا ئىلگىرى يۆتىلىش ،پوتلىسى ئېقىش ،چۈشكۈرۈش ياكى قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەي توساتتىنلا قېقىلىپ يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ھەمدە نەپەس قىيىنلىشىىش ،رەڭگىرويى سارغىيىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ ،بولۇپمۇ كىچىكرەك بالىلاردا بەزى چوڭ ئادەملەرمۇ دىققەت قىلماستىن بەزى غەيرى نەرسىلەرنى ئېغىزغا سالغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇتقۇنچاققا ياكى كانايغا كىرىپ كېتىدۇ .

 يۆتەل توختاش :غەيرى ماددىلارنى سۈمۈرگەندىن كېيىن ئاتا-ئانىلار بالىلارنى يۆتەلگۈزۈش ،ھەرگىزمۇ قولى بىلەن ئېغىزنى كوچىلىماسلق ،غەيرى ماددىلارنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ كېتىپ نەپەس يولىنى پۈتۈنلەي توسىۋېلىشىنىڭ ئالىدىنى ئېلىش .ئەگەر نەرسىنى ياندۇرۇپ چىقىرىۋېتەلمىسە بالىدا توختىماي يۆتىلىش ياكى ھاسىراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ،بۇ غەيرى ماددىنىڭ تۆۋەنكى نەپەس يولىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ،بۇ چاغدا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ غەيرى ماددىنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىش كېرەك .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى