ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانا سۈتىنى باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىغا ئالماشتۇرۇشنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى

ئانا سۈتىنى باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىغا ئالماشتۇرۇشنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2016-06-17 ئاۋاتلىقى: 518 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1) بوۋاقلارنى ئېمىزگە بوتۇلكىسىغا كۆندۈرۈش كېرەك.
ئانا سۈتىنى ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئانا سۈتىنى سىقىپ، ئېمىزگە بوتۇلكىسىغا ئېلىپ، بوۋاققا بەرسە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بوۋاقلار ئاسانلا ئېمىزگىگە كۆنىدۇ.سۈت پاراشوكىنىڭ قويۇقلىقىنى تۆۋەنرەك قىلىش، تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولماسلىق( ئانا سۈتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 36~37 گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، سۈت پاراشوكىنى تەڭشەيدىغان قايناقسۇمۇ مۇشۇ تېمپېراتۇرىدا بولغىنى ياخشى). ئادەتتە سۇ ۋە مېۋە شەربىتى بەرگەندىمۇ، ئېمىزگە بوتۇلكىسىدا بەرسە بولىدۇ. 

ھازىر بازارلاردىكى ئېمىزگىلەر ئىككى خىل بولۇپ، بىرى سېلتسىي يىلىمىدا ياسالغان، يىلىم تەمى تۆۋەن، لېكىن بىرئاز قاتتىق. يەنە بىرى ئىمۇلسىيە يىلىمىدا ياسالغان، يۇمشاق بولۇپ، بوۋاقلار ئاسان كۆنەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئېمىزگىنىڭ ئۈستىدىكى تۆشۈك مۇۋاپىق چوڭلۇقتا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە سىكونتىغا بىر تېمىم چۈشسە مۇۋاپىق بولىدۇ. بوۋاقلار ئېمىزگىگە كۆنگەندىن كېيىن، سۈت ئالماشتۇرۇش ئاسان بولىدۇ. 
2) ئانا سۈتى بىلەن باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش
دەسلەپ سۈت ئالماشتۇرغان ۋاقىتتا، ئاۋۋال بوۋاققا ئانا سۈتى ئېمىتىپ، ئاندىن تەييار سۈت مەھسۇلاتلىرىنى بېرىش كېرەك. مەسىلەن، بوۋاقلار ئانا سۈتىنى ئېمىپ بولۇپ، يەنە ئەمگۈسى بولسا، ئۇنىڭغا 30 مىللىلېتىر تەييار سۈت بەرسە بولىدۇ. ياكى كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئانا سۈتى ئېمىتىشنى ئازلىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۈت پاراشوكى بېرىپ، بوۋاق كۆنىۋالغاندىن كېيىن، كۈنىگە يەنە بىر قېتىم ئانا سۈتىنى ئازلىتىپ، تەييار سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، تاكى پۈتۈنلەي تەييار سۈتكە ئالماشتۇرۇلغىچە، ئانا سۈتىنى ئاز-ئازدىن ئازلىتىش كېرەك. 
ئۇنىڭدىن باشقا، سۈت ئالماشتۇرۇشنى بوۋاقنىڭ قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەن ۋاقىتتا ئېلىپ بارسا بولىدۇ، مەسىلەن، چالا ئۇيقۇ ۋاقتىدا، قورسىقى ئېچىپ تۇرغان ۋاقتىدا دېگەندەك. 
ئانا سۈتىدىن تەييار سۈت مەھسۇلاتلىرىغا ئالماشتۇرۇش جەريانىغا بىر-ئىككى ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ، ئاتا-ئانىلار يۇقارقى ئۇسۇللار بويىچە سەۋرچانلىق بىلەن قىلىپ كېتەلىسە، سۈت ئالماشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلالايدۇ. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى