قانداق ئەھۋالدا بالىنى چوقۇم دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەگەر بالا يىغلاپ پەس بولمىسا، قۇچىقىڭىزدا تىركىشىپ جىم تۇرماي جاراھەتنى بىرتەرەپ قىلىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشىڭىز لازىم. بەلكىم يارا ئېغىزىغا ئەينەك پارچىسى ۋە باشقا ئۇششاق نەرسىلەر كىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ ھەرقانداق بىرى كۆرۈلسە 6 سائەتنىڭ ئىچىدە چوقۇم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك:
1. يارىنىڭ چوڭقۇرلىقى 5 سانتىمېتىردىن چوڭقۇر بولغاندا.
2. يۈز قىسىم يارىلانغان‹يارا ناھايىتى تېيىز، ئۇزۇنلۇقى 2 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدىن سىرت›، بوغۇم تىلىنىپ يارىلانغان ئەھۋاللاردا. بوغۇمنىڭ ھەرىكەت قىلىش تۈپەيلىدىن يارا ئېغىزى ئاسانلا ئېچىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
3. يارا ئېغىزىنىڭ چوڭقۇرلىقى ماي قەۋىتى قىسمىغىچە يېتىپ بېرىپ نېرۋا ۋە پەي قاتارلىقلارنىڭ يارىلىنىشى مۇمكىن بولغان ئەھۋالدا.
4. يارا ئېغىزى كەمتۈك بولۇپ قالغان، يارىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تېرىنى تارتىپ ھىملاشتۇرغىلى بولمىغان ئەھۋالدا تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ دىياگنوز قويغۇزۇپ تىكتۈرۈش ياكى كېپىنەك شەكىللىك بىنېت باغلاپ تېرىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.