ھامىلىدارلىقنىڭ 19-ھەپتىسى نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 19-ھەپتىسى ئاقسىل، ۋېتامىن، ياغ قاتارلىقلارنى تولۇقلاش كېرەك. ھەركۈنى كۆكتات، مېۋە-چىۋە، گۆش، تۇخۇم ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېتەرلىك ئىستېمال قىلىش، ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم بېلىق، راك، دېڭىز يۈسۈنى قاتارلىقلارنى يېيىش كېرەك. شورپا، سۇ،سۈتلەرنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ئېيىدىن باشلاپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىككى تال توخۇ تۇخۇمى، 6-ئايلىقتىن باشلاپ، ئىككى تال كەپتەر تۇخۇمى يېيىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا كۈندە كالتسىي تابلىتكىسى يېيىش كېرەك. ئەگەر شارائىت يار بەرسە كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچتە ھامىلىدارلار سۈت تالقىنى دەملەپ ئىچىش كېرەك. تۇرمۇش جەھەتتە چوقۇم خوشال كەيپىياتنى ساقلاپ، كۆپرەك ئارام ئېلىش كېرەك. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرماسلىق، ئېغىر ئىشلارنى قىلماسلىق، مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىش كېرەك.