ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟(4)

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟(4)

ۋاقتى: 2016-09-07 ئاۋاتلىقى: 899 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟(4)

 

4.تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدىغان رېتسىپلار

 

قېرىقىز قوۋۇرغا شورپىسى:

ئالاھىدىلىكى:  قويۇق شورپىنىڭ پۇرىقى مەززىلىك پۇراق تارقىتىدۇ، تەم ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ماسلاشتۇرغان ۋاقىتتا  سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ، يەنە تولۇپ تاشقان روھىي قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ماتېرىيالى: ئۇستىخان، قېرىقىز، لازا، تۇز

ئېتىش ئۇسۇلى:

قېرىقىزنى ئۇششاق چاناپ، ئۇنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ رەڭگى ئۆزگىرەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

سۆڭەكنى پاكىز يۇيۇپ سۈيىنى تۆكۈۋېتىمىز.

قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاندىن ئۆستىگە سۆڭەكنى سېلىپ، 1 سائەت پىشۇرىمىز.

سۆڭەك پىشقاندىن كېيىن، قېرىقىز پارچىلىرىنى سېلىپ، 15 مىنۇت پىشۇرۇپ تەمىنى تەكشۈرىمىز.

ئوزۇقلۇق ئەسكەرتىشى: قېرىقىز تەركىبىدىكى كىسلاتا ماددىسى ئادەتتىكى سەي-كۆكتاتلارغا قارىغاندا يۇقىرى، دائىم ئىستېمال قىلغاندا چوڭ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەرەتكە ياردەم بېرىدۇ.

 

تاتلىقياڭيۇ تامىقى:

ئالاھىدىلىكى: ئېغىزغا پاختىدەك يۇمشاق لەززەت بېرىدۇ، پۇرىقى كۈچلۈك، ئوزۇقلۇقلارغا نۇرغۇن تەڭشەش ئېلىپ كېلىدۇ.

ماتېرىيالى: تاتلىقياڭيۇ، گۈرۈچ

ئېتىش ئۇسۇلى:

تاتلىقياڭيۇنى يۇيۇپ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، پارچىلايمىز.

تاتلىقياڭيۇ پارچىسى، گۈرۈچ ھەممىنى توكلۇق قازانغا سېلىپ، پىشقاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ( ئەگەر سۇنى بىر قەدەر كۆپ قۇيسا، تاتلىقياڭيۇ ئۇمىچىغا ئايلىندۇ.

ئوزۇقلۇق ئەسكەرتىش: تاتلىقياڭيۇنىڭ تەمى ئىنتايىن ياخشى، كۆپ مىقداردا

كوللاگىن ۋە يېپىشقاق قەنىت ماددىسى بار، ئامىنو كىسلاتانىڭ نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، تالا ماددىسى بىر قەدەر كۆپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

 

سۈتلۈك سۇلۇ يارمىسى

ئالاھىدىلىكى: سۈت تەركىبىدىكى مول بولغان ئوزۇقلۇق پۇرىقى ئېغىزنى خۇشپۇراق قېلىپلا قالماستىن يەنە سىزگە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقنى ئېلىپ كېلىدۇ.

ماتېرىيالى: سۇلۇ، سۈت، كىشمىش، ياڭاق مېغىزى

ئېتىش ئۇسۇلى:

1. سۇلۇ بىلەن سۈتنىڭ نىسبىتىنى 1:1 گە قىلىپ 10 مىنۇت چىلاپ قۇيىمىز.

2.سۈتنى سۇلۇ بىلەن بىر ۋاقىتتا قازانغا سېلىپ پىشۇرىمىز.

3.پىشقاندىن كېيىن كىشمىش ياكى ياڭاق مېغىزى سېلىپ، يەنە 2 مىنۇت پىشۇرغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق ئەسكەرتىشى:

سۇلۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ئادەم بەدىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئەقلىي ئىقدارى ۋە سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار. دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان سۇلۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مۇۋاپىق، يەنە ئىمپورت قىلىنغان سۇلۇغا قارىغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، خاتىرجەم سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

 

يېڭى راك، ئالوي، بامبۇك

ئالاھىدىلىكى: بىر يۇرۇش يېڭى بولغان قوش ئۈنۈملۈك ئوزۇقلۇق ئىچىدە، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار.

ماتېرىيالى: يېڭى راك، ئالوي، بامبۇك، زەنجىۋىل، سامساق، تۇز

ئېتىش ئۇسۇلى:

1.راكنىڭ تېرىسى ۋە ئۈچەيلىرىنى ئېلىۋېتىپ پاكىز يۇيىمىز.

2.بامبۇك ۋە ئالوينى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇششاق پارچىلاپ تەييار قىلىمىز.

3.سامساقنى ئاقلاپ، زەنجىۋېلنى چاناپ تەييار قىلىمىز.

4.ماي تىنغاندىن كېيىن، سامساقنى سېلىپ، ئاندىن ئۇششاقلانغان زەنجىۋىلنى قازانغا سالىمىز.

5.ئاندىن، راك، بامبۇك، ئالوي قاتارلىقلارنى سېلىپ، پىشقاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق ئەسكەرتىشى:

بامبۇك، ئالوي تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار بار، يىرىك تالا مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى ھەم ئىسسىقلىقى تۆۋەن، ھامىلدار ئايال ئىستېمال قىلسا كۆڭۈلنى خوش قىلىدۇ ھەم ئارتۇق باش قېتىنچىلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى