قېيىپ قېلىشتىن زەخىملىنىشكە قوللىنىدىغان تەدبىرلەر
يانفوندا كۆرۈش
ئاتا-ئانىلارنى ئەڭ قورقىتىدىغىنى بالىلارنىڭ يىقىلىپ بېشىنىڭ يەرگە قاتتىق سوقۇلغان ئاۋازنى ئاڭلاش، بىز:‹دائىم بالىنىڭ مېڭىسى يارىلانغانمىدۇ؟› دەپ ئويلايمىز. ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۇنداق ئېغىر بولمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، چوڭ مېڭە سىلكىنىپ كېتىپ ئەس-ھوشىنى 5 مىنۇت ياكى 5 مىنۇتتىن يۇقىرى يوقاتقانلارنىڭ پەقەت %5 دىلا CT تەكشۈرۈشىدە بىنورماللىق كۆرۈلىدىكەن، بۇ %5 نىڭ ئىچىدىكى %10 ئادەم ئېغىر يارىلانغانلار بولۇپ قالغان كۆپ قىسىملارنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىكەن. دەرۋەقە، قېيىپ يارىلىنىشمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىشى كېرەك، چۈنكى بۇ تېرە ئاستى توقۇلمىلاردىكى قاناشنىڭ ئالامىتى بولۇپ سوغۇق تېڭىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاغرىق توختىتىش ۋە ئىششىق ياندۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشكە بولىدۇ.