ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

4 ياشلىق 1-3 ئايغىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى

4 ياشلىق 1-3 ئايغىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى

ۋاقتى: 2016-01-10 ئاۋاتلىقى: 686 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بەدىنى تەرەققىي قىلىدۇ
بالىڭىزنىڭ يۈگۈرۈش، سەكرەش جەھەتتىكى ئىقتىدارى تولۇق يېتىلىپ بولغان بولىدۇ. بەزى بالىلار تەڭپۇڭلۇق جەھەتتە ئادەتتىكى ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ. مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن، بۇ ۋاقىتتا بەدەن قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك يېتىلگەن بولىدۇ. مۇكەممەل ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ.


مەقسەتسىز ئەستە ساقلاش ۋە مەقسەتلىك ئەستە ساقلاش
بۇ ۋاقىتتا بالىڭىزنىڭ ئەستە تۇتۇشى بوۋاق ھالىتىدىكىگە ئوخشاش بولۇپ زور دەرىجىدە مەقسەسىزلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بالىڭىز قىزىقىدىغان، رەڭگارەك بولغان ئىشلارنى ئاسان ئەستە تۇتالايدۇ. 5 ياشتىن كېيىن، مەقسەتلىك ئەستە ساقلاش تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ.
نۇرغۇنلىغان رەڭلەرنى تونۇشقا باشلايدۇ



بالىڭىزنىڭ رەڭلەرنى تونۇشى ۋە پەرق ئېتىش ئىقتىدارى يەنە بىر قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. 5-10خىلغىچە رەڭلەرنى پەرق ئېتەلەيدۇ(قىزىل، سېرىق، يېشىل، كۆك، ئاق، قوڭۇر، بىنەپشە، قىزغۇچ، كۈلرەڭ). ئەگەر بالىڭىزغا رەسىم سىزدۇرسىڭىز، بالىڭىز رەڭلىك قەلەملەرنى ئىشلىتىپ ياپيېشل ئۆسۈملۈكلەرنى، ھەرخىل رەڭدىكى گۈللەرنى، كۆك ئاسماننى، ئاق بۇلۇتنى ۋە قىزىل قۇياشنى سىزىپ بېرەلەيدۇ، ئەلۋەتتە.
ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ھەمراھ بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ
بالىلار ئۆزىگە بەك ئىشىنىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ بارلىق ماھارىتىنى نامايەن قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سۆزلەش، يۈگۈرۈش، رەسىم سىزىش، ياغاچ دۆۋلەپ ئويناش قاتارلىقلار. ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشىنى ياقتۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۆزىدىن كىچىك بالىلار، بوۋاقلار ئالدىدا، ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئاچا دەپ ھېس قىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى