بالىلاردىكى پارازىت قۇرۇت كېسىلى-تۈتۈ قۇرت كېسىلى
ۋاقتى: 2015-07-14
ئاۋاتلىقى: 906 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۈتۈ قۇرتتىن ياللۇغلىنىش دائىرىلىك ياكى پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەت بولسا مەقئەت ئەتراپى قىچىشىپ بىئارام بولۇش. چۈنكى چىشى قۇرتنىڭ تۇخۇملىشى مەقئەت ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا مەقئەت چات ئارىلىقىنىڭ قاتتىق قىچىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەلۇم بىر قىسىم تېرىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىككىلەمچى ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. پۈتۈن بەدەن ئالامەتلىرىدىن كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش، ئىشتىھاسىزلىق، خاتىرجەمسىزلىنىش، كېچىسى چۈچۈش، ئاسان ھاياجانلىنىش ۋە باشقا روھى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەدەن ئۇچى قىسمىدىكى قاندا كىسلاتا خۇمار ھۈجەيرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ.