4 ياشلىق 4-6ئايغىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى
يانفوندا كۆرۈش
ياشلىق 4-6ئايغىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى
پەرەز ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىقتىدارى پەيدا بولىدۇ
بالىڭىزنىڭ ئېغىز تىلى مەقسىتىنى ئىپادىلىشىمۇ تېز تەرەققىي قىلىپ، مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلايدۇ. ئۇ ھەر كۈنى 4-6 گىچە يېڭى سۆز ئۆگىنەلەيدۇ. ئادەتتىكى مەلۇم ئىش ياكى شەيئىلەرنى تەسۋىرلەشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ سۈپەتلىيەلەيدۇ. ئۇ يەنە پەرەز ئارقىلىق يەكۈن كەلتۈرۈپ چىقالايدۇ:«ئەگەر مۇنداق بولسا، سىز قانداق قىلىسىز؟»دېگەندەك.
ھەق-ناھەق قارىشى شەكىللىنىدۇ
چوڭلار ئېيتىپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ قايسىسى ياخشى، قايسىنى قىلغىلى بولىدۇ، نېمە يامان، نېمىنى قىلغىلى بولمايدۇ، ئاساسى جەھەتتىن ئەستە ساقلىيالايدۇ ۋە ئەمەلىيەتتە جانلىق ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ بالىدا ئاللىقاچان ھەق-ناھەق قارىشىنىڭ شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا قىزلار ئادەتتە ئوغۇللارغا قارىغاندا ياخشىراق كېلىدۇ، بۇ بەلكىم قىزلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ، تەپەككۇرنىڭ بىر قەدەر ئىنچىكە، نازۇكلىقى، ئوغۇللارنىڭ پىسخكىسىنىڭ قوپالراق بولىدىغىندىن بولۇشى مۇمكىن.
ئەستە ساقلىغان مەزمۇنلار مول
بالىڭىزنىڭ ھەرىكىتىنىڭ مۇرەككەپلىششى ھەمدە ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەستە ساقلاش دائىرىسىمۇ كېڭىيىپ بارىدۇ. بىۋاسىتە ئىشلارنى ئەستا ساقلاپلا قالماي يەنە بىر قىسىم ۋاستىلىك ئىشلارنىمۇ ئەستە ساقلىيالايدۇ.
ياخشى ئىجرا قىلغۇچى
بالىڭىز ھازىر بىر ئىشنىڭ بىر قانچە قەدەم باسقۇچلىرى بويىچە تېخىمۇ ياخشى قىلالايدۇ، «ئالدى بىلەن بۇ يەرگە تۈز سىزىق سىزىمىز، ئاندىن تۈز سىزىقنى بويلاپ قايچا بىلەن كېسىمىز»دېگەندەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى بۇيرۇقنى بىجىرەلەيدۇ، مەسىلەن«ئويۇنچۇقنى يىغىشتۇرۇۋېتىڭ، ئاندىن قولىڭىزنى پاكىز يۇيۇڭ»دېگەندەك.