ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىنى يۇيۇندۇرغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك

بالىنى يۇيۇندۇرغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك

ۋاقتى: 2016-07-08 ئاۋاتلىقى: 712 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىنى يۇيۇندۇرغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك

بالىنى يۇيۇندۇرۇش كىچىك مەسىلە، ئەمما يۇيۇندۇرغاندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى چوڭ ئىش ھىسابلىنىدۇ. ئاتا –ئانا بالىنى يۇيۇندۇرغاندا قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك،  بولمىسا يىقىلىپ كېتىش،  كېسىلىپ كېتىش،  كۆيۈپ قېلىش قاتارلىق تاسادىپىيلىقلار يۈز بېرىشى مۇمكىن. 

بالىنى بىخەتەر يۇيۇندۇرۇشتا بىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار 

1.تازىلىق ئۆيىدىكى ئۈسكۈنىلەر بالىدا ئاسانلا تىغ يارىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بالىغا ئۇ نەرسىلەرنى تۇتقۇزماسلىق كېرەك. مەسىلەن : ساقال ئالغۇچ      قاتارلىقلار 
2.بالىنى تازىلىق ئۆيىدە يالغۇز قالدۇرماسلىق كېرەك.  
3.بوۋاق بالىغا چوڭلارنىڭ بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتكەندە ئاسانلا تىرىسىدە زەخىملىنىش بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئامال بار بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولغان مەخسۇس بالىلار بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش، ھەر قېتىم ئىشلەتكەندە مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، بوۋاقنى يۇيۇندۇرغاندا پاكىز سۇ ئىشلىتىش كېرەك. 
4.بوۋاق سۇدىكى ۋاقىتتا ھەرگىز سۇغا ئىسسىق سۇنى قۇيماسلىق،  ئەڭ ياخشىسى باشقا بىر داسقا ئىلمان سۇ تەڭشىۋىلىپ،  ئاندىن يۇيۇندۇرغان داسقا قۇيۇش كېرەك. 
5.بالا يۇيۇنغان چاغدا ئويۇنچۇق ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئاتا –ئانىلار ئامال بار بىخەتەر بولغان، سۇدا ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. 

6.ياللۇغ يوقىتىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئۆلچىمى بولسا     تەبىئي يېقىملىق، بىخەتەر ئۈنۈملۈك. 
7.بوۋاق بالا ئۆپكە ياللۇغى  بولۇپ قالغاندا، قىززىپ، ياندۇرۇپ، ئىچى سۈرگەندە يۇيۇندۇرماسلىقى كېرەك. يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن بەدەننىڭ قىل –قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، جىددىي خاراكتېرلىك مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك، شۇنداقلا شۈك كېسىلى ۋە بەدەن ئاجىزلىشىش بولۇپ قالىدۇ.  بوۋاق كۆيۈك يارىسى، سىرتقى يارا ، يىرىڭلىڭ قاپارتقۇ، ئەسۋە،  سۇ قاپارتمىسى قىزىل  قاتارلىقلارغا يولۇققاندا ئالدىراپ يۇيۇندۇرماسلىق كىرەك، بولمىسا يۇيۇندۇرغاندا ئاسانلا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا پاكىز لۆڭگىدە ئىلمان سۇ تەڭشەپ بەدەننى سۈرتۈپ بېرىشى كېرەك. 
8.بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولىدۇ. بوۋاقنى يۇيۇندۇرغان داس، لۆڭگە،  يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى، ئۇپا قاتارلىقلارنى مەخسۇس ئىشلىتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ بېشىدا تەڭگىچە داغ ئىزى بولسا بېشىنى يۇيغاندا ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك. 
9.يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يۇيغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئېمىتىشنىڭ ئالدىدا ياكى ئېمىتىپ بىر سائەتتىن كىيىن يۇيۇش كىرەك. ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرى كۈندە 1~2 قېتىم يۇيۇش كېرەك. 
10.يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بالا ھەمرىيى چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن قۇرۇق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك،  يۇيۇندۇرغاندا نەم تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى