ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كالا سۈتى، قوي سۈتى، قېتىق قاتارلىقلاردىن قايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى؟

كالا سۈتى، قوي سۈتى، قېتىق قاتارلىقلاردىن قايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى؟

ۋاقتى: 2015-10-13 ئاۋاتلىقى: 622 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كالا سۈتى، قوي سۈتى، قېتىق قاتارلىقلاردىن قايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى؟ 

قوي سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا سۈتى قاتارلىق باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىغا قارىغاندا روشەن يۇقىرى ، شۇڭا خەلقئارالىق ئوزۇقلۇقشۇناسلار تەرىپىدىن «سۈتلەر شاھى» دەپ ئاتالغان ،خېلى بۇرۇنلا ياۋرو ئامېرىكىدىكى بەزى دۆلەتلەردىمۇ قوي سۈتى قارشى ئېلىنپ كەلگەن. ئوزۇقلۇقشۇناسلار قوي سۈتى ۋە باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، قوي سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى تولۇق، ئىنسانلار ئانا سۈتىگە ئەڭ يېقىنلىشىدىغان تەبىئىي سۈت مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

تەتقىقاتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قوي سۈتى تەركىبىدە مول بولغان مېنىرالنى ماددىلار، مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىنلار بار بولۇپ، قوي سۈتى بىلەن باققان بالىلارنىڭ بويى ئېگىزلىكى، ئېغىرلىقى، سۆڭەكنىڭ زىچلىق دەرىجىسى كالا سۈتى بىلەن باققان بالىلارغا قارىغاندا ئۈستۈن تۇرىدۇ. قان تەركىبىدىكى ۋىتامىن ۋە پايدىلىق تەركىبلىك مېكرو ئېلېمېنتلارنىڭ مىقدارىمۇ كالا سۈتى ئىچكەنگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. كالا سۈتى بىلەن باققان بالىلاردا ئاسانلا رېئاكسىيە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە، ئىچى سۈرۈش ۋە قەۋزىيەت بولۇش كۆرۈلىدۇ. لېكىن قوي سۈتى بىلەن باققان بالىلاردا قوي سۈتىنىڭ ماي شارچىسى ئاسانلا سۈمۈرۈلۈپ كەتكەچكە، قەۋزىيەت، رېئاكسىيە يۈز بەرمەيدۇ، ھەمدە سەمىرىپ كەتمەيدۇ، ئاسانلا رېئاكسىيە قىلىدىغان بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىدۇر. قوي سۈتى تەركىبىدە كۆپلىگەن ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىللىرى بار بولۇپ،بالىلرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قوي سۈتىدە يادرو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچ بالىلارنىڭ مېڭە تەرەققىياتىغا، ئەقلىي تەرەققىىياتىغا پايدىلىق. قوي سۈتىدىكى تېرە ئۈستى ھۈجەيرىلىرى ئۆستۈرگۈچى ئامىللىرىمۇ بالىلار ئۈچەي ئاشقازان ۋە جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ يېتىلىشىدىمۇ مۇھىم ئامىل ھىسابلىنىدۇ.

قوي سۈتىنىڭ مول بولغان ئوزۇقلۇق قىممىتىگە نىسبەتەن ،ئانا بالىلار مۇتەخخەسىسلىرى بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىش  بىلەن بىرگە ئانا سۈتى بىلەن باقالمايدىغان ئائىلىگە نىسبەتەن، قوي سۈتى تالقىنىنى ئىشلىتىش تەكلىبىنى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قوي سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا سۈتىنىڭكىدىن يۇقىرى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى