ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامىنو كىسلاتانىڭ رولى

ئامىنو كىسلاتانىڭ رولى

ۋاقتى: 2016-06-20 ئاۋاتلىقى: 576 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامىنو كىسلاتانىڭ رولى

1. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تىخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغانلىقتىن، ئادەم بەدىنىدىكى ئانتىتىلانىڭ سېنتىزلىنىشىمۇ بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، سىرتتىن كەلگەن باكتېرىيە ۋە ۋىروسلارغا نىسبەتەن قارشىلىق كغچى بىرقەدەر ناچار، سانى بىرقەدەر ئاز، شۇڭا، ئاسانلا ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئامىنو كىسلاتا ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلىنىڭ سېنتىزلىنىشىنى تېزلىتىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.زۇكام،قىزىتما،يۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2.ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ئوزۇقلۇقى مول، ئومومىيۈزلۈك مېڭىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تەمىنلەيدۇ.

ئامىنو كىسلاتا بولسا چوڭ مېڭىدىكى مۇھىم ماددا بولۇپ، مىقدارى %90 تىن ئاشىدۇ. ھازىرقى زامان تەتقىقاتلىرىدىن قارىغاندا، ئادەمنىڭ ئەقىللىق، پاراسەتلىك بولۇشى چوڭ مېڭىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئادەم تەدرىجى تەرەققى قىلىش جەريانىدا، ئاقسىلغا ئىگە بولۇش ئىقتىدارىنى ئىگەللىگەن، شۇڭا مېڭىسى تەرەققى قىلىپ، پاراسەتلىك بولغاچقا دۇنياغا خوجا بولغان. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، چوڭ مېڭىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنىڭ ئاز كۆپلىكى ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلېكىنى بەلگىلەيدۇ.

بالا مەزگىلى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر چوڭ مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلىدۇ.

3.سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ.

سۆڭەك بولسا سۆڭەك ئاساسىي ماددىسى ۋە مېنىرال ماددىلاردىن تۈزۈلىدۇ، سۆڭەك ئاساسىي ماددىسى ئاساسلىقى ئامىنو كىسلاتادىن تۈزۈلىدۇ، سۆڭەكنىڭ شەكلىنى بەلگىلەيدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى