http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ياشاش ۋە ياشاپ بىرىش

ياشاش ۋە ياشاپ بىرىش

ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 558 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ياشاش ۋە ياشاپ بىرىش

تۇرسۇنبەگ ياسىن(ئارسلان)

 ئىنسان تۇغۇلىشىدىنلا مەلۇم بىر ئاڭ بىلەن ياشاشقا ئىرادە قىلىنغان مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ۋە قانداق ياشىشىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان ھەقىقەتتۇر . شۇڭلاشقا كىشلىرىمىز ئاڭسىز ، كىشىلىك سۈپىتىگە ماس كەلمەيدىغان ئىش قىلغان ياكى شۇنداق گەپ - سۆزدە بولغان ئادەمنى ‹ ھايۋان › دەپ تىللاشقا ئادەتلەنگەن .  بۇ خىل مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا قانداقتۇر بىراۋنى ھاقارەتلەش ياكى ئۇنىڭغا روھىي ئازار بىرىش بولماستىن بەلكى ئۇنىڭغا بىرىلگەن ئوبىيكىتپ باھا بولسا كىرەك . چۈنكى ھەر كىشى تۇغۇلىشىدىن ئادەم بولۇپ تۇغۇلغىنى بىلەن ئادەم بولۇپ ياكى ھايۋان بولۇپ ياشاش يەنىلا شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ئەلۋەتتە . خۇددى بىر ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا ئۇنى گەرچە بىز مۇسۇلمان ياكى خىرىستىيان دەپ بەلگىلىيەلمىسەكمۇ كىيىنكى ھايات جەريانى ھەم ياشاش مۇھىتى ، ئائىلە تەربىيسى قاراتلىق جەھەتلەردە ئۇنىڭ قايسى دىننىڭ مۇرىتى بولىشى ئاندىن بەلگىلىنىدۇ . بىز ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تۇغۇلىشىدىنلا مۇسۇلمان تۇغۇلىدىغان مىللەت كىشىلىرىدۇر . ئەمما ئۈرۈمچىدەك مەدەنىيەت سېسىقچىلىقى ھەم مەدەنىيەت پاكىزلىقى ، ئىتىقادتىكى ئىخلاسمەنلىك بىلەن چىرىك ئىدىيە گىرەلىشىپ كەتكەن ، پاھىشىۋاز بۇزۇق بىلەن مەسچىتنىڭ ئىمامىمۇ مەلۇم بىر كىشىلىك مۇناسىۋەت يۈزىسىدىن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ قالىدىغان شەھەردە ئۇيغۇر خىرىستىئانلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشى ھەم  بۇ سۆزىمىزنى ئاز- تولا ئىسپاتلاپ بەېرسە كىرەك . بەلكىم شۇلارمۇ ئەينى چاغدا دادىسى قۇلاق تۇتۇپ ، ئەرزان تولاپ تۇرۇپ ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئات قويغان مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى بولسا كىرەك . بەلكىم ئۇ چىركاۋغا پالاقشىپ ماڭغىنىدا ئۇنىڭ ئانىسى جەينامازدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاللاھدىن ئىمان - ئىتىقاد ، ئىنساپ ھەم بەخىت تىلەۋاتقاندۇر  .

ئىنسان ياشايدۇ ، ئۆزى ئۈچۈن ياشاش قارىماققا ئۇلۇغ ھەم مەردانىلىكتەك تۇيۇلغىنى بىلەن ئەمما ئۇنىڭغا يەنە مەلۇم مەنىدىكى شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئۇرىقى يوشۇرۇنغاندۇر .

يىگانىلىقنىڭ ھارام قىينىشى كىشىلىرىمىزنى بۈگۈنگە بەخشەندە ، ئەتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان ، ئۆگۈندىن ئەندىشە قىلىدىغان قىلىپ قويغان ، ئانىسى ئىتىپ بەرگەن تاماقنى يەۋاتقان ، دادىسى بەرگەن پۇلنى خەجلەۋاتقان بىر سىتۇدىنتمۇ قانداقتۇر ئۆزى بىلىپ -بىلمەيدىغان يىگانىلىقنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ .  ئۆزىنىڭ زادى نىمىگە تەشنا ئىكەنلىكىنى ئىزدەيدىيۇ تاپالمايدۇ ، بۇ يىگانىلىق قانداقتۇر يات جىنىستىكى بىرسىدىن تەلەپ قىلىدىغان مۇھەببەتنىڭ يىگانىلقىمۇ ئەمەس ئىدى ، قانداقتۇر ئۆزگە يۇرىتتا ياشاپ ئانا يۇرتىغا بولغان سېغىنىشنىڭ يىگانىلىقىغىمۇ ئوخشىمايتى  ، قانداقتۇر قېرىندىشىدىن ئايرىلىپ يىتىم قالغان يىگانىلقمۇ ئەمەس ئىدى . شۇنداق بىر ھىس قىلغىنى بولىدىغان ، ئەمما دىگىلى بولمايدىغان ، ياكى ئىپادىلەش تەس بولغان يىگانىلىق ئىدى .

‹ ھاياتتا قەيسەر ياشايمەن › دەپ ئۆز - ئۆزىگە ۋەدە بەرگەنلەر ھاياتتا ئۆزى ئۈچۈن ياشاشنىڭ شەخسىيەتچلىك ئەمەس بەلكى ئىنتايىن قىيىن ئىكلەنلىكىنى ھىس قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ ياشاۋاتقان ئەمەس بەلكى تاكى شۇ دەقىقىغە قەدەر ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدى .  يەنى بۇ يىگانىلىق بىزنى ھەتتا ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشاشتەك بىر شەخسىيەتچلىكنىمۇ قىلالمايدىغان قىلىپ قويغان ئىدى .

قىززىقى شۇكى ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ زادى نىمە ئۈچۈن ، ياكى كىم ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىشمۇ بىر ئەقەللىي ئىش ، ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەملىرىدىن بىرى ئىدى ، ئەمما شۇنداق بىر كىشىمىز ئۆزىنىڭ زادى كىم ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىنىمۇ ئۆزىمۇ بىلمەيلا قالدى ، ئۆزۈم ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن دىسە تېخى ھېچبىر كۆڭلىدىكى ئۆزىگە ئوخشىمايۋاتاتتى ، ئاتا-ئانام ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن دىيىشكە نۇمۇس قىلاتتى ، خوتۇن - بالام ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن دەي دىسە ئۇلارغا ئەسلا يۈز كىلەلمەيتى ، بۇ كىشىمىز مۇشۇنداق بىر ئىزتىراپ بىلەن ياشايتى ، ىىزمەت قىلاتتى ، ئۆزى خالىمايدىغان سورۇنلارغا داخىل بولاتتى ، تەنھا قالغىنىدا ئەينى چاغدىكى ئۆزىنىڭ ئارمانلىرىنى ئويلايتى ، شۇ ئارمانلىرىدىن خۇشاللىق ئىزدەيتى ، ئەمما ئىرىشكىنى تېخىمۇ كۆپ ئىزتىراپ بولاتتى 

دىمەك - ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ياشىمايۋايۋاتاتتى ، ھەم كىم ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيتى .

ھايات بىر سىكۇنىت ، بىر مىنۇت ، بىر سائەت ، ئاي ، يىللاپ ئۆتمەكتە ، ئارزۇلار ئارزۇلار پىتى قالماقتا ، كىلەچەك بارغانچە بىر مەۋھۇم ساندەك ، يەشكىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ تەڭلىمىدەك تۇيۇلماقتا ، ئارسلاننىڭ بايانلىرى داۋام ئەتمەكتە ...

بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى