http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نوچىلىق ھەققىدە پاراڭ

نوچىلىق ھەققىدە پاراڭ

ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 713 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

‹نوچىلىق › ھەققىدە پاراڭ
تۇرسۇنبەگ ياسىن
ئاڭلىسام بوۋاملار ئەينى چاغلاردا يۇرتتا نوچى ئۆتكەن ئادەملەر ئىكەنمىش .شۇلارنى ئويلاپ تۇيۇقسىزلا نوچىلىق ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم . ئۇ چاغلاردا مەھەللىدىكى ناشايان ئىشلارنى توسقانلار ، يىتىمنىڭ بېشىنى سىلىغانلار ، نامەرت بايلارنىڭ ، چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ ئەدىپىنى بەرگەنلەر ، چېلىشلاردا ، ئات چېپىش ، ئوغلاق تارتىشلاردا ئۇتۇپ چىققانلار نوچى ئىكەنتۇق . ھەم شۇنداقلارنى ئەل-يۇرىتتىكىلەر پالانى نوچى ، پالانى باتۇر دەپ ئاتىشاتتىكەنتۇق . 
بىزدىغۇ ھازىر ئات مىنىشىكە چىدىغۇدەك كاسىمۇ قالمىغىنى تۇردى . بوۋىلار ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ نوچى بولسا ھازىرقىلار ئىشخانىدا يۇمشاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ گىمىروي بولۇپ قالىدىكەن . ناشايان ئىشلارنى كۆرسەكمۇ ‹توۋا › دىيىشمۇ ئانچە خوش يېقىپ كەتمەيدۇ . ئەمسە ھازىر كىم نوچى ؟
دادىدىن بالا نوچى . بالىڭىز نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرىشىڭىز كىرەك ، خوش بولسا خۇشال-خۇرام ئۆتسە ئۇنى ئۆزىنىڭ پىشانىسىنىڭ ئوڭلۇقىدىن ، تەقدىرىدىن كۆرىدۇ . ياخشى كۈن كۆرەلمەي قالسا بارچە گۇناھنى سىزدىن كۆرىدۇ . ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويسىڭىز ‹ئۇنداق ئادەم مىنى تاپمىساڭ بولمامتى ؟› دەپلا بىزىرىپ ئولتۇرىدۇ . ئاچچىققا چىدىماي بىرەر تەستەك سېلىپ سالسىڭىز ‹ دادام ئائىلە زوراۋانلىقى قىلدى › دەپ توردا تىللاپ ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلىشتىن يانمايدىغانلارمۇ بار . 
پۇقرادىن باشلىق نوچى . سىز ئىشقىلىپ سايلام بىلىتىنى كۆرۈپ باقمىسىڭىزمۇ ئۇ يەنىلا خەلىق سايلىغان باشلىق بولالايدۇ  . ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويسىڭىز ‹كىملىكىمنى تازا بىلمەي قاپسەندە › دەپ تۇرۇپ سۈر-ھەيۋە بىلەن تاناۋىڭىزنى تارتىپ ئىككىنجى ئالىيىپ قارىيالماس قىلىپ قويىدۇ . 
ئەردىن خوتۇن نوچى . خوتۇن كىشى بولسىمۇ ياخشى ، پۇلى بار ئەردىن بىرنى تېپىپ تىگىۋالسا بىر كىچىدىلا باي بولۇپ كىتىدۇ . ئەمما لىكىن شۇ بايلىق قېنى بىر يوق بولۇپ قالسۇن ، ئەتىسىلا چاچنى چۇۋۇپ ‹ مەن ساڭا تىگىپ نىمە راھەت كۆردۈم › دەپ سۆزلەۋىرىدۇ . خەقكە دىيەلمەيسىز ، ھەرقانداق ئادەمگە دىسىڭىز ‹ ھەركىشى تۇرۇپ قارا ما ئاداشنىڭ قىلغان قىلىقىنى ...› دەيدۇ . 
ئوقۇتقۇچىدىن ئوقۇغۇچى نوچى . بىز كىچىك چاغدا بەش-ئالتىمىز ئۆستەڭگە سۇغا چۈشكىنى قېچىپ كەتسەك مالىم ۋېلىسپىت بىلەن قوغلاپ ئەكلىپ سىنىپقا سولىۋېلىپ ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدىلا قومۇش سۈپۈرگىنىڭ تايىقىنى چىقىرىپ تاياق سۇنۇپ تۈگىگىچە ئۇرغانتى . تاياقنى يەپ بولۇپ مەكتەپتىن قايتىپ ھېلىقى ئۆستەڭگە يەنە بېرىپ سۇغا چۈشۈپ ئۆيگە پوچى كەتكەنتۇق . ھازىر مالىملار ‹نىمىشقا تاپشۇرۇق ئىشلىمىدىڭ ؟› دەپ قاتتىقراق ۋارقىراپ سالسا ئاتا-ئانىلار ‹بالىمىزغا روھىي بېسىم قىلىپ ئىشتىھاسىنى تۇتۇپ قويدى › دەپ ئەرىز قىلىپ روھىي زىيان تۆلىتىشتىن يانمايدۇ . 
خوجايىندىن ئىشلەمچى نوچى . سىز 20-30يىل تەر ئاقتۇرۇپ ، نەچچە يىقىلپ –قوپۇپ ،نەچچە ۋەيران بولۇپ ئاخىرى بىر ئىگىلىكنى تىكلەيسىز ، ئىشلەمچىلىرىڭىز بىرەر ئايلىق مۇئاشىنى ئالالماي قالسا ‹ پۇل تاپساڭ ئۆزۈڭگە ھىساپ ، نىمەڭگە نوچىلىق قىلىسەن ،پۇل بەرمەيدىكەنسەن خوجايىنلىقىڭنى كۆزۈڭگە كۆرسىتىمەن› دەۋىرىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرسىڭىزمۇ خەق سىزنى ئەيىبلەيدۇ ، تەڭ تۇرمىسىڭىزمۇ سىزنى ئەيىبلەيدۇ . 
نام چىقارغانلاردىن نامى يوقلار نوچى . سىز مىڭ بىر جاپادا ئاران بىر ئورنىڭىزنى تىكلەپ كىشىلەرگە تونۇلغۇدەك بولسىڭىز لىنتا چىقارسىڭىز ساختىسىنى بېسىپ تولاپ سېتىۋىرىدۇ ، ‹ئۇنداق قىلماڭلار › دىسىڭىز ‹چۈپەي › دەيدۇ .  ‹ ھە بوپتۇ پۇل تاپالمىغاندىكىن › دەپ ئاددى –ساددا يۈرسىڭىز ‹ ماۋۇنى چولپان دىسەك يۈرۈشى ئاينا › دەيدۇ . ئەگەر ئازراق ئاغرىنىپ قالسىڭىز ‹ بىز قوللاپ كۆتۈرۈپ قويساق نىمىگە ئاغرىنىدىكەن › دەيدۇ .  يا ئۆلەي دەپ ئۆلەلمەيسىز ، يا ياشاي دەپ خاتىرجەم ياشىيالمايسىز . 
يازغۇچىدىن نەشىرىيات نوچى . بىر يازغۇچى دۈم يېتىپ دۈم قوپۇپ ئون يىلدا بىر كىتاپ يازغان بولسا ئۇنى نەشىرگە سۇنۇشقا يەنە مىڭنى پالاقشىيدىغان گەپ . ‹ ماۋۇنى زادى نەشىر قىلامسەن قىلمامسەن ؟› دىسىڭىز ‹ خوش ياقسا ، پايدا ئالغىنى بولسا نەشىر قىلىمەن ، بولمىسا ئۆيۈڭدە نەشىر قىلىۋال › دەۋىرىدۇ . 
قەرىز ئىگىسىدىن قەرىز ئالغۇچى نوچى . كۆزىنى مۆلدۈرلىتىپ ‹ ئاداش ياردەم قىلساڭ ، ئاكا ياردەم قىلسىڭىز › دەپ كىلىدۇ . ‹ساۋاپ بولار ، ئاللاھ يولىدا ياردىمىم بولسۇن › دەپ دىگىنىنى بىرىسىز ، ئەمما قەرىزنى ئېلىپ بولغۇچە خەقكە ‹ بۇلبۇلۇڭ بولاي ، مىھمان قىلاي ، تاماق يەيلى › دەپ ئالالسىڭىزمىغۇ مەيلى ، ‹ يوغان پۇلۇڭ باركەن ، تاپقاندا بىرىمەن ، نوچى بولساڭ بىرنى سالمامسەن › دەپ ئالدىڭىزدا بەزدەك قاراپ تۇرسا يا ‹مانا ئەمسە ›دەپ بىرنى سالالمايسىز ، بەك سالغۇڭىز كىلىپ كەتسە ئۆزىڭىزنىڭ يۈزىگە سالىسىز .

بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى