http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كۇسارنىڭ ئورنى-چاكىنا مەدەنىيەت

كۇسارنىڭ ئورنى-چاكىنا مەدەنىيەت

ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 1484 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۇسارنىڭ ئورنى ۋە مەدەنىيەتتىكى چاكىنىلىق 
تۇرسۇنبەگ ياسىن (ئارسلان ) 
بىزنىڭ قورۇنىڭ ئادەملىرى قىززىق. تۆت قەۋەتلىك بۇ قورۇدا مۇئەللىم بار ، سەنئەتچى بار ، تىجارەتچى بار . بىزنىڭ قورۇدىكى مۇئەللىملەر ئەڭ بىچارىمىكىن دەيمەن ، ئەتىگەندە سوكۇلداپ توك تەخەيلىرىنى مىنىشىپ ئىشقا ماڭىدۇ ، كەچ بولغاندا قوشتىن چىققان بۇقىدەك پۇشۇلداپ ئاران كىلىشىدۇ ، بەزىدە تەخەيلىرىگە قۇلۇپ سېلىشمۇ خوش ياقماي ئاچقۇچىنى ئوغرىنىڭ قولىدىن قاپچۇقىنى تارتقاندەك جالداقشىپ تارتىشىپ ،تۆمۈرئىشىكلىرىنى ئېلىشى باردەك جالاقشىتىپ يېپىشىپ ئۆيىگە كىرىپ كىتىشىدۇ ، بىلسەم - بىلمىسەم ئەرلىرى ىوتۇنلىرى ئەتكەن ئاشنى ئۇتتۇرىۋەتكەن قىمارۋازدەك خوتۇنىغا كەينىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ ئىچىشىپ ، خوتۇنلرى ئاش ئەتكىچە مىڭنى قاقشاپ ، ئىرىگە ئاڭلاتماي ‹ساڭا تەككۈچە پالانچىغا تەككەن بولسام تىز تاماقىخانىدىن تاماق يەر ئىدىم ، بۇ ساڭا يۇندا قاينىتىمەن دەپ كۈندە پالاقشىغىچە › دىيشىپ ئۆتۈشىدىغۇ دەيمەن . سەنئەتچىلەرنى دەمسىز ؟ ھاھا ، بولدى ئەڭ ياخشىسى بۇنى دىمەيمىكىن ، بوپتۇ سوراپ قالدىڭلا ئازراق دەپ بىرەي ، تۆتىنجى قەۋەتتە 40ياشلارغا كىرگەن بىر ئادەم بار ، ئىسمى ئەخمەت ، دادىسىنىڭ ئىسمىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ بىز نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا بۇ قورۇغا كۆچۈپ كەلگەندە خەقلەر ئەخمەتجان ، ئەخمىتاخۇن ، كەينىدىن ئەخمەت پۇچۇق ، ئەخمەت ئىشەك دىيشىدىكەن ، مەنمۇ شۇ ئۇچراپ قالسا ئەخمەتجان ئاكا دەپ قوياتتىم ، بۇ ئادەمنىڭ قىززىق ھېكايىلىرى بار ، بۇ  ئادەم ئاڭلىسام ناخشا غەزەل -دىگەنگە شۇنداق كۆيگەن ئادەمكەن ، مەن كىچىكرەك چاغلاردا قولىغا دائىم بىر ئۈنئالغۇ ئېلىپ ناخشا غىڭشىپ يۈرۈيدىغان ، كىيىن mp3چىققان چاغلاردا بىزنىڭ بۇ قورۇدا مىنىڭ بىىشىمچە بىرىنجى بولۇپ ئالدىغۇ دەيمەن ، دائىم قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تىقىپ يۈرگەچكە باشقىلار گەپ قىلماقچى بولسا بېرىپ قۇلىقىدىن تىڭشىغۇچىنى تارتىۋىتىپ ئاندىن سۆزلىمىسە ئاڭلىمايدۇ ،ىوشنىلارنىڭ دىيشىچە  بىر قېتىم ئەخمىتىكام قۇلاققا تىڭشىغۇچ دىگەننى قاپلاپ تىقىپ ، ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى مەھكەم تاقاپ ھېلىقى ئامراق ناخشىسىنى دۆڭ توۋلاۋاتسا بۇرنىغا كۆيۈك پۇرىغاندەك بوپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئەخمىتىكام خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتكەن بولسا كىرەك دەپ 119قا تىلىفۇن قىلىۋىتىپ يەنە ناخشىسنى توۋلاپ كىتىۋىرىپتۇ ، بىر چاغدا ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېقىپ كىرسە ئۇ خىيالىدا يوق تىزىقلىق يوتقانغا پۇتنى ئارتىپ ئوڭدا يرتىپ ناخشا تولاۋاتقان ، خوشنىلاردىن بىرسى كاسسىغا ئىككىنى تىپىپ ۋارقىرسا ‹ئوت كەتكەن كىمنىڭ ئۆيىكەن ؟› دىگۈدەك ، شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ خوتۇنى ئاللاھ - دات توۋلاپ كىتىپتۇ قارىسا ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدىن باشقىسى پۈتۈن كۆيۈپ بولغانمىش ، كىيىن خوشنىلارنىڭ دىيشىچە ئۇلار جىددىيلىكتە ئۇنىڭ ناخشا توۋلاۋاتقىنى خىيالىدا يوق ئۆيگە قاپسېلىپ قالغان بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئىشىكنى چېقىپ قۇتقۇزغىنى كىرگەنكەن . شۇ ئىشتىن كىيىن ئۇنىڭ خوتۇنى ‹ بۇ سەۋدا ساراڭ بىلەن ئۆي تۇتىۋەرسەم ماڭا ئوت كەتسىمۇ كارى يوق ،ھارام ئۆلۈپ كىتىدىكەنمەن دەپ بىر بالىنى يىتىم قىلساممۇ قىلدىم دەپ ئاجىرشىپ كەتتى ، ئەخمىتىكام شۇندىن بۇيان بويتاق ، ھىلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ ئۆيگە قايتا ئوتمۇ كەتمىدى .
دىگەندىكىن سودىگەرلەرنىڭكىنىمۇ ئىككى شىڭگىل دەپ قويغۇلۇققۇ ھە ئەمدى ئۇلارمۇ ئانىسىنىڭ ئۈگەي بالىسى بولمىغاندىكىن . نەق بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۈستىدىكى قەۋەتتى بىر سودىگەر ئادەمنىڭ ئۆيى بار ، سىلىگە دىسەم سودىگەر دىگەن قىززىق خەقكەن ، بۇ ئادەمنى ھەممەيلەن قاسىم كىپەز دەيدۇ ، مەن سەل تەپ تارتقاچقىمۇ يا كىچىك بولغاچمۇ ئىشقىلىپ قاسىمكا دەپ قوياتتىم ، ئاڭلسام بۇرۇن كىۋەز ھايانكەشلىكى قىلىپ بىر كۈزدىلا بېيىپ كىتىپتىكەنمىش ، بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىنىڭ قىشى بار ، يېزى بار ، ئەتىيازى بىلەن كۈزى يوق ، نىمىشقا دىسىڭىز ئازراق پايدا ئالغان ،ئىشى ئوڭغا تارتقان كۈنلىرى كىچىچە ئۆيىدە بەزمە - مەشرەپ قىلىپ ئاغىنە - پاغىنە دىگەننى ياغدۇرىۋەتسە يىزىدىن چوڭ دادام كىلىپ ‹ بالام خوشناڭلارنىڭ ئۆيىدە توي بولىۋاتسا چىقىپ ھاي - ھۇيمۇ دىيىشمەپسىلىغۇ › دەپ قايناك كىتىشى بار تېخى . زىيان تارتقان چاغلىرىنى بولدى سورىماڭ ، يا ئاللاھ ، كىچىچە دۆڭ - دۆڭ ، ‹ۋايجان - ۋايجان › ، تاراڭ - تۇرۇڭ قىلغان ئاۋازدىن ئۇخلاپ بولالماي ئاكام بىلەن ئىككىمىز ھوجىرىمىزدا ‹چىنىدىن ئونى سۇندى ، ھە ئەمدى قازاننى ئاتتى ، پەشۋا بىلەن تەپتىمىكىن ئەقچان ›دىيشىپ پىخىلدىشىپ ياتاتتۇق .  شۇنداق كۈنلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە باغلىشىپ قورۇنىڭ ئالدىدا ساقلىسىڭىز بۇ ئۆيدىكىلەر خۇددى ئىراق ئۇرشىدىن قېچىپ كەلگەندەك بىرسىنىڭ بىر يىرى يېغىر ، بىرسىنىڭ بىر يىرى تېڭىق سىرىتقا چىقىشاتتى ، خوشىنىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆينى بازا تەشكىلاتى دىيۋالغىنىمۇ بىكار ئەمەس ئىدى . 
ئويلاپ باقسام تېخى گەپنىڭ پوسكاللىسىنى قىلماپتىمەن ،  بىزنىڭ قورۇنىڭ بىرىنجى قەۋىتىدە تۇرىدىغان مويسىپىت باتۇركام مىنىڭ دىمەكچى بولغان گىپىمنىڭ مۇھىم نوقتىسى ، داداملارنىڭ دەپ بىرىشىچە باتۇركام بېشىدىن بەك جىق ئىشلارنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئادەمكەن ، ئەينى يىللىرىدىكى بىر نان ئۈچۈن قان تۆكىدىغان زامانلاردا باتۇركام تۇل خوتۇن ، يىتىم باللارغا نەلەردىندۇر بۇغداي - گۈرۈچ ، پارچە نانلارنى تېپىپ ئەكىلىپ بىرىدىكەنمىش ، بۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا توي قىلغان قىلمىغىنىنى داداملارمۇ بىلمەيدىكەن ، ئاڭلسام ئۆتكەن يىلىمۇ قورۇدىكىلەر ‹ يېشىڭىز بىر يەرگە بېرىپ قالدى ، يالغۇز قىينىلىپ قالسىز ، قورۇدىكىلەر بىر ھەمرەھ تېپىپ بىرىلى › دىسە ئۇنىماپتۇ . بەلكىم ياش ۋاقتىدا توي قىلىپ ئاجىرشىپ كەتكەن بولغۇيتى ، ياكى كۆيۈپ يۈرگەن قىزى توي قىلىۋالغان بولسا ئەلەمگە چىدىماي بىر ئۆمۈر بويتاق ياشاي دىگەندۇ ، ياكى بولمىسا ئايالى  ھېلىقى يىللاردا ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن بولغۇيتى ، ئىشقىلىپ ئۇنى مەن بىلمىدىم ، لىكىن بۇ ئادەمنىڭ ۋىجدانلىق ، ئازراق تاققا - تۇققا سۆزلەپ قويىدىغىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ياش ۋاقتىدا توي قىلالماي قېلىشىنىڭ ئىھتىماللىقى تۆۋەنمىكىن دەيمەن . 
چوڭ دادامنىڭ دەپ بىرىشىچە ئۇ ھېلىقى بىر چاغلاردا قارلىنىپ كىتىپ ، تۇتۇلۇپ تاش بوران قىلىنىپ ئۆلۈمگە ئاز قالغاندا ھېلىقىدەك پارچە نان تېپىپ بىرىپ ياخشىلىق قىلىپ قويغان يىتىم بالىدىن بىرسى قۇتۇلدۇرۇپ قويۇپ قاچۇرىۋىتىپتىكەنمىش ، ئۇ شۇ قاچقانچە نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ ، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان يۇرتلارسا سەرگەردان بولۇپ كىيىن ھەرەمگىچە بېرىپ كىيىن يۇرتلار تىنجىغاندا قايتىپ كەلگەن ئىكەن ، شۇڭا قورۇدىكىلەر ئۇنى ئانچە - مۇنچە ھاجىمكا دەپ چاقىرىپ قويسا › جاننى ساقلىغىنى بەيتۇللاغا قاچقان ئادەمنى ھاجىم دىسەڭلا دۇرۇس بولمايدۇ ، ھاياتلىقتىكى گۇناھىم ھىلىمۇ يىتىدۇ .......› دەپ كايىشىپ كىتىدۇ ، شۇنداقلىقىغا قارىماي بىزنىڭ قورۇدىكىلەر ئۇنى كەينىدىن ھاجىمكا دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ كەتتۇق . ھە راس ، مىنىڭ بىلىشىمچە قەشقەردە توك موتسىكىلىتى ئومۇملىشىپ كىتىۋاتقان نەچچە يىلىنىڭ ئالدىلىرىدا توك موتسىكىلىتىغا تۇنجى بولۇپ ‹ توك تەخەي › دەپ چىرايلىق بىر ئسىمى قويۇپ بەرگەن ئادەم باتۇر ھاجىمكامغۇ دەيمەن ، ئۆزىنىڭمۇ بىر توك تەخىيى بار مۇلايىم مىنىۋالىدۇ سىرىتلارغا چىقسا .
ئالدىنقى ئايدا ھاجىمكام نىمىگىدۇر بىر ئىش بىلەن ئۈرۈمچىگە كەتكەن ئىدى ، تۈنۈگۈن قايتىپ كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ دادام بىلەن يوقلاپ كىردۇق ، ھاجىمكام بىزنى بۇرۇنقىدەكلا ئىسسىقمۇ ئەمەس ، سوغۇقمۇ ئەمەس يىلىمان قارشى ئالدى ، ئەمەلىيەتتە بۇ كىشى مۇشۇنداق ئىدى ، بىر كىملەرگە ۋاي دەپ كەتمەيتى ، بىر كىملەردىن قاقشاپ كەتمەيتى ، بەك ئۇچۇك كەتكەنلەرگە - ياخشى بالام ، پەسلەپ كەتمەي ئۇچۇپ كىتەرسەن ، كۈچۈڭ يەتمىسە نەگە قونۇشنىمۇ ئويلاپ قويارسەن دىگەندەك بىر ئىككى ئېغىزلا گەپ قىلىپ قوياتتى خالاس ، قاسىم كىپەز مىنىڭ بىلىشىمچە قورۇدا ھاجىمكامدىن بۇ گەپنى ئەڭ جىق ئاڭلىغان ئادەمغۇ دەيمەن . بەك چۈشكۈنلۈشۈپ ئاھ ئۇرۇپ كەتكەنلەرگىمۇ ۋاي دەپ ئىچ ئاغرىتىپ دەت تۆكۈشۈپ كەتمەيتى ‹ ئاللاھ بەرگەن قىيىنچىلىقنىڭ ھىكمىتىنىمۇ ئۆزى بىرىدۇ › دەپ قوياتتى . 
بىز شۇنداق قىلىپ دادام بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ سالاملىشىپ ئولتۇردۇق ، بىر پىيالىدىن چاي قۇيۇپ نان سۇندۇردى ، ھەشقاللا دەپ چايغا باقتۇق ، دادام بۇ ئادەمنىڭ ئازغىنى كوچىلاپ گىپىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى ، بەزى چاغلاردا ماڭا ‹ ھاجىمكامنىڭ ئىچىدە ئون پىروفىسورنىڭ بىلىمى با ئادەم بۇ › دەپ قوياتتى . ھاجىمكام ئۈرۈمچىدىن كىلىپ ئانچە خۇشھال ئەمەستەك قىلاتتى.  دادام يەنە گەپ كوچىلاپ ‹ ھاجىمكا ، ئۈرۈمچىدە نىمە گەپ ، نىمە سۆزكەن ، جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن بىر خەۋەردار قىلماملا ، گۇڭسەنداڭغا خوتۇنلۇققا تەككەندەك قەشقەدىن چىقىپ بولالماي ئۆتەپ كىتىپ بارىمىز ، سىلىدىن يېڭى گەپ سۆزلەرنى ئاڭلايلى .......› دىدى ، ھاجىمكام دادام ئىككىمىزنىڭ چىنىسىگە قايتىدىن چاينى لىقلاپ ، ئۆزىنىڭ پىيالىسىدىكى چاينىڭ قالغىنى گۈپپىدە ئىچىۋىتىپ گەپ باشلىدى :
ـ ئەمدى بالام ، سەنمۇ جىق ئىش كۆرگەن بالا ، ئالدىمىزدا ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيىپ يۈرەتتىڭ ، مانا بىردەمدە ئۈچ بالىغا دادا بولۇپ ، كەينىدىن سەنمۇ نەۋرىلىك بولۇپ قالدىڭ مانا . دىدى ، دادام راس دىگەندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى . ھاجىمكام گىپىنى داۋاملاشتۇردى .
ـ شۇنچە ئىشنى كۆرۈپتىمەن ، شۇنچە ئىشقا ھەيران بوپتىمەن ، ھەيران بولغانلىرىمىنىمۇ جاۋابىنى قېرىغاندا مانا ئەمدى تاپقاندەك بولىۋاتىمەن ، تاپمىغان جاۋاپلىرىمنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قالدۇردۇم بالام ، مانا سەنمۇ ئوتتۇز يىلچە ئەپەندى بولۇپ بالا تەربىيلىدىڭ ، كۆرگىنىڭ ئاز ئەمەس ، ما ئۈرۈمچى دىگەن شەدىن چىۋىن يەۋالغاندەكلا بولۇپ قايىتتىم بالام . دادام ئىككىمىز نىمە ئىش دىگەندەك بىر - بىرىمىز گە  قاراپ قويۇپ يەنە ئۇنىڭ ئاغزىغا قارىدۇق .
- ئادەم دىگەن كىيىم دىگەننى ياراشتۇرۇپ ، ئىسسقتا ئىسسىقچە ، سوغۇقتا سوغۇقچە كىيگەننى كۆرگەن ، ئاتام زامانىدىن ئۇيغۇر دىگەن خەقنى كىيىم - كىچەكنى ياراشتۇرۇپ كىيىدۇ دەپ پارسلار ، ئەرەبلەر ماختىشىدىغان ، ئەمدى ما بىزنىڭ قەشقەردە ھېچ تېخى كۆرگەندەك قىلمىدىم ، لىكىن ما ئۈرۈمچىدىكى قىز چوكانلارنىڭ كۇسىرىنى پاختىلىق ئىشتىنىنىڭ تېشىغا كىيۋالغان قىلىقىنى ئاغزىمغا چىش چىقىپ ھېچ بىر ئىقلىمدا كۆرمەپتىكەنمەن .   مەن ئىچكىردە نەچچە يىل ئوقۇپ بۇ ئىشنى تالاي كۆرگەچكىمىكىن ھاجىمكامدەك ياشىنىپ يېشى بىر يەرگە بارغان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن بۇ  گەپنى ئاڭلاپ بەك كۈلگۈم كىلىپ كەتتىيۇ ، ئەيمىنىپ كۈلكەمنى زورىغا بېسىپ ئاران ئولتۇردۇم . 
- زامان ئاندا تەرەققى قىلدى ، ماندا تەرەققى قىلىدىيەي دەپ ئىشتان كەيمەي يۈرۈڭ ، بوپتۇ ، كاسىسىدا ئىشتىنى بولغاندىكىن زامان تەرەققىي قىلسا كۆڭلەك ئېغىر كىلىدىغان چېغى بار دەپ بۇنىڭغا گەپ قىلمىدۇق ، چاچلىرىنى پاختىچىغا ئاتتۇرۇپ ياغلىقىدا بوقچىسىنى چىگىپ قويۇپ يالاڭباشتاق يۈرسە بوپتۇ ، ئىمانى ئىنسابى بولسا بوپتۇ يالاڭباشتاق يۈرسە يۈرسۈن دىدۇق . بىر چاغلاردا مودا بولدى دىيىشىپ لاباكۇ دەمدۇ ئىشقىلىپ پۇچقىقىغا بىر ئىت پاتقىدەك ئىشتانلارنى كىيىشىپ يۈرسىمۇ بوپتۇ ، ھەر ھالدا شەرىئەتتىكى قىز- چوكانلار كەڭرى ، بەدەننى قىسمايدىغان كىيىم كەيسۇن دىگەنگە بىر يەلىرى ئۇيغۇنمۇ كەپ قالىدىكەن دىيشىپ ياقىمىزنى چىشلەپ قويۇشۇپ يۈرۈشتۇق . بىز پادىچىلىقتىن ئاران قۇتۇلۇپ ، نان يىسەك ئىشكىمىزنى تاقىماي يىيەلىگۈدەك بولۇپ تۇرىۋىدۇق نۇزەيكۇ دەيدىغان بىرنىمىلەرنى كىيىشتى ، بەئەينى كىگىزنىڭ تېگىغا سالىدىغان پالاس ھە ، پالاس ، بوپتۇ دىدۇق بالام ، ھەر ھالدا ئىشتىنىنى بېشىغا كەيمەي يۈرگەنگە ىوش بولدۇقمىكىن ئىشقىلىپ بوپتۇ ، بوپتۇ دىيىشىپ كەلدۇق ، ئەمدى ما تامبىلىنى تامبىلىنى پاختىلىق ئىشتاننىڭ تېشىغا كىيىپ يۈرگەن بۇ قىلىققا نىمە دىيىشنى بىلمىدىم بالام ، بۇ قايسى تائىبىنىڭ قىلىقى ئەمدى ؟ كۇسار دىگەننى ئۇياتلىق يەرگە چاپلاپ ، پاكىز تۇتۇپ ئىشتاننىڭ ئىچىگە تىقىپ ، ئىشتاننىڭ تېشىدىن كۆڭلەك كىيىپ يۈرگەننى كۆرگەن ، كۆڭلەكنى كەيمىسىمۇ بوپتۇ دەيلى بوپتۇ كۆڭلەك زاماننىڭ تەرەققىياتىنى توسىۋالغان بولسا ، توۋا دەيمەن بالام ، قارا قىشتا كوچىدا بىرسە تامبىلىنى كىيىپلا ئۈستىگە پاختىلىق چاپان كىيىپ يۈرسە ، ھەيران قاپتىمەن تېشىغا ئىشتان كىيىشنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن يا بېشىغا بىر ئىش كەلگەن مەزلۇممكىن دەپ . دادام ئىككىمىز ‹ ھەيييييي › دىيىشىپ تىنىشىپ قويۇپ گەپنىڭ ئايىغىنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇق . 
- ئاللاھ ئىگەم بېشىمغا نۇرغۇن دەت - ئەلەملەرنى سالدى ، مانا تىغدەك ياشاپ كىلىۋاتىمەن ، جېنىمنى بىر ئاللاھغا تاپشۇرۇقلۇق مەن بالام ، بەزىدە بالام بولسا دەپ ئۇھسۇنۇپ قالاتتىم ، بۇ قېتىم شۇ پەررزەنتنى بەرمىگىنىڭمۇ بوپتۇ ئىگەم دەپ شۈكىرى دەيدىغان بولۇپ قالدىم بالام ، نىمىشقا دىسەڭ ، بالا دىگەن ئىگىسىنىڭ ئامانىتى ، ئۇنى لايىقىدا تەربىيلىيەلىسەك ساۋابى شۇ ، ئامانەتنى ئوبدان بالا قىلىمىساق گۇناھى زىممىمىزگە ئارتىلىدىغان گەپ ، ئەمدى دەيمەن ، بالام بولۇپ ئاشۇنداق قارا قىشتىمۇ كۇسار كىيىپ دىرىلداپ يۈرۈيدىغان ناھەلى بولۇپ قالسا جېنىمنى ئىگىسى ئالغاچە ئەلەمدىن تىرىك تۇرۇپ دوزاق ئوتىدا كويمەسمىتىم بالام . 
ۋاي تاڭ ، ۋاي تاڭ ، شۇلا يا ئاتا- ئانىسى تۈگەپ قالغان يىتىم مەزلۇملارمىكى ، يا دادىسى ئانىسى بولغان ئادەم ‹ بالام كۇسارنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە كىيىمىز › دەپ ئۈگەتمىدىمىكىن ، ئەمدى مۇشتا بولىۋەرسە ما خوتۇن - خەقلەرنىڭ لىپتىكىنى پاختىلىق چاپانننىڭ تېشىغا تارتىپ يۈرگۈنىنى كۆرۈپ قالماي دەپ ئاست يېنىپ كىلىۋالدىم بالام . ئۇنىڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزىنى ئاڭلاپ ئامال يوق ئۆزىمىزنى تۇتالماي كۈلۈپ تاشلىدۇق ، دادام يېنىمدا بار خىجىل بولغىنىمدىن ‹ ئەستا ما ئادەم ، دادام يېنىمدا تۇرسا ئەجەپ ئادەمنى خىجىل قىلىدىغان گەپلەرنىمۇ قوشۇپ قىلىۋەتتىيا ، دىمىسىمۇ بولىدۇ › دەپ قالدىم ، لىكىن ئەمدى ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ ھەربىر جۈملە گەپلىرى دىمىسە بولمايدىغان گەپلەردەك قىلاتتى .
بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى