http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىدىيەنىڭ بۆلىنىشى نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟

ئىدىيەنىڭ بۆلىنىشى نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 535 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىدىيەنىڭ بۆلىنىشى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟
تۇرسۇنبەگ ياسىن
ئادەم تەن بىلەن روھتىن تۈزۈلگەن ، ئادەم تىنى ئومۇمەن ئوبىيكتىپ بولۇپ بىز بىر ئادەمنىڭ تىنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ، مۇكەممەل ياكى مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى ئاساسەن بىر قاراش بىلەن كۆرىۋالالايمىز ،ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن شۇ ئادەمنىڭ تىنىگە باھا بىرەلەيمىز ھەم شۇ كىشىگە شۇنىڭغا مۇناسىپ مۇئامىلىدە بولىمىز . بىر پۇتى مىيىپ كىشىنى كۆرگىنىمىزدە ئالدىراپ پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ ، يۈگۈرۈش ھەركىتىنىڭ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پۇتقا مۇناسىۋەتلىك گەپ-سۆزلەردە بولۇشتىن ئىمكان بار ئۆزىمىزنى توسىمىز . ئېنىقكى بىزگە بۇ بۇيرۇقنى مىڭىمىز يەتكۈزىدۇ . دىمەككى بىر ئادەمنى سىرىتتىن چۈشىنىش ئۇنچە مۇرەككەپ بولمىسا كىرەك ، ھەم شۇنداقلا بىر ئادەمگە شۇ تەنگە قاراپ مۇئامىلە تۇتۇشمۇ ھەم مۇرەككەپ ئەمەس . ھەم شۇنداقلا ئادەم تىنىنىڭ فونكىسيىسى ئومۇمەن تۇراقلىققا ئىگە . تاماقنى قولىمىز بىلەن يەيمىز ، تىنى ساقلا بىر ئادەم بولسا ھەرگىز يادىدا يوق پۇتىدا قوشۇق تۇتۇپ سالمايدۇ . ھېچكىممۇ بوتۇلكىدا سۇ ئىچكەندە ئېزىشىپ قېلىپ بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى كۆزىگە ياكى قۇلىقىغا ئۇزۇتۇپ سالمايدۇ . دىمەك تەن تۇراقلىققا ئىگە ، مۇقىملىققا ئىگە ، ئۆزىلا ئەمەس ئۇنىڭ فونكىسيىسىمۇ ھەم تۇراقلىققا ئىگە . 
ئەمما ئادەم روھى ئىنتايىن بىر مۇرەككەپ بولۇپ بىر ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنى مۇشۇ بىز ياشاۋاتقان رىئال دۇنيانىڭ مۇرەككەپلىكى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن . 
ئادەم روھىنى تەتقىق قىلىش روھىيەتشۇناسلىق ۋە پىسخىلوگىيە ، ئىنسانشۇناسلىق ،دىنشۇناسلىق  ئىلاھىيەتشۇناسلىق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنىڭ ۋەزىپىسى ، بىز بۇ يەردە ئىنسان روھىنى تەتقىق قىلمايمىز ھەم بەلكىم ئۇ توغۇرلۇق تەپسىلىي توختۇلۇشقا قۇربىتىمىز يەتمىسە كىرەك . توققۇز ئايدا ئاپىرىدە بولغان بىر ئىنسان ئۆزىنى ھەم ئۆزىنىڭ روھىنى بەلكىم توققۇز مىڭ يىلدىمۇ تەتقىق قىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن . چۈنكى ئىنسان ئۆزى بىر مۆجىزە ، ئۇنىڭ كۆزى بىر مۆجىزە ، يۈرىكى بىر مۆجىزە ، شۇنداقلا ئۇنىڭ روھى ھەم بىر مۆجىزە  ، ئىنسان ئۆزى پۈتۈنلەي مۆجىزىدىن تۈزۈلگەن  . چۈنكى ئۇ دىگەن ئۇلۇغلۇقتا چىكى يوق بىر سىھرى كۈچنىڭ مۆجىزىسى . شۇنداق تۇرۇپ بەزى كىشىلەرنىڭ ھاۋارايى تۈپەيلى ياققان يامغۇرغا ياقىسىنى تۇتۇپ ، ئۈرۈمچىدە تۆتىنجى ئايدا ياققان قارنى ئاللىقانداق مۆجىزە دەپ ياقا تۇتۇپ كىتىشلىرىگە ‹توۋا › دىمەي تۇرالمايمىز . ‹چىراق تۈۋى قاراڭغۇ › بولار ، ئەمما بىزنىڭ چىرىقىمىزنىڭ تۈۋى قوپقاراڭغۇ ، دەھشەت قاراڭغۇ ، ئالامەت قاراڭغۇ . بولمىسا بىز قانداقمۇ ئۆزىمىزدە  مانا مەن دەپ ئوپئوچۇق تۇرغان مۆجىزىلەرگە نەزەرمۇ سېلىپ قويماستىن دۈمبىسى ئالا بۇلىماچ تۇغۇلۇپ قالغان پاقلانغا قاراپ ‹ ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى › دەپ ھەيران –ھەس قېلىشىپ مۆجىزىنىڭ كۇرىسىنى چۈشۈرۈپ مۆجىزە دىسە ‹ ھە › دەپ قويىدىغان بولۇپ قالىمىز .
بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى