http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەركەكلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟

ئەركەكلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟

ۋاقتى: 2015-08-11 ئاۋاتلىقى: 1090 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەركەكلىكنىڭ  ۋاقتى ئۆتتىمۇ ؟
تۇرسۇنبەگ ياسىن (ئارسلان )
كىچىكىمدە دادام-ئاپاملارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقىمىكىن دائىم دىگۈدەك بوۋام مىنى باقاتتى .ئۆيىمىز يىزىدا ئىدى ، دادام -ئاپاملار بولسا ئوقۇتقۇچى ، زىيالىي كىشىلەردىن ئىدى ،بوۋام بولسا بىر ئۆمۈر سودا ئىشلىرى بىلەن بولغان ۋە چلىش ، ئوغلاق تارتىش ، مەشرەپلەردىن قالمايدىغان كىشى ئىدى .  بوۋام مەن كىچىك ۋاقىتلاردىلا تۈگەپ كەتتى . نۇرغۇن ئەسلىمىلەر غۇۋالىشىپ كەتتى ، ھەتتا ئىسىمدىن پۈتۈنلەي كۆتۈرۈلۈپ كەتتى . ئەمما بوۋامغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق قۇرلار ھىلىھەم شۇ قەدەر ئوچۇق ھالدا ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .
بوۋام رەھمەتلىك تەمبەل كىشى ئىدى  ، يۈزلىرى توغاچتەك  قىزىل ، ساقاللىرى ئاپئاق ،  دائىم چچىنى پاك-پاكىز قىردۇرۇپ يۈرەتتى . بوۋام ئۇچىسىغا ياز كۈنلىرى ئاپئاق تون كىيىپ ئۈستىگە بەلباغ باغلاپ يۈرەتتى ، قىش بولسا ئۇزۇن پاختىلىق چاپىنىنى ، پۇتىغا بولسا ئۇزۇن قونجۇلۇق ئۆتىكىنى كىيەتتى ، شۇ ئۇزۇن پاختىلىق پاچىنىنىڭ ئۈستىدىنمۇ بەلباغ باغلاقلىق تۇراتتى . مەيلى قىش بولسۇن ، ياكى ياز بولسۇن كىندىكىدىن بىر غېرىچ يۇقۇرسىغىچە مەيدىسى ئوچۇق تۇراتتى .  بوۋام مەيلى ياز بولسۇن ياكى قىش بولسۇن دادام-ئاپاملار ئىشقا كەتكىنىدە مىنى  قوينىغا سولاپ ئۆزى نەگە بارسا بىللە باراتتۇق . بەلكىم ئۈچ - تۆت ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كىرەك ، بوۋام جۈمە نامازلىرىغا بارغىنىدا مىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ باراتتى . شۇ چاغلىرىمدا نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئورنىدىن تەڭ تۇرۇپ تەڭ تۇرۇشى ماڭا ھەيۋەتلىك دېڭىزنىڭ دولقۇنلىرىدەك تۇيغۇ بىرەتتى ۋە بالىلىق ھوجۇدۇمغا چۇڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئىدى . 
ئانچە -مۇنچە چاچلىرىم ئۆسۈپ قالسا بوۋام مىنى دەرھال قوينىغا سولاپ قولى ئەپلىك بىر ساتىراشنىڭ يېنىغا ئاپىراتتى ۋە ‹ ما ئوغلاقنىڭ بېشىنى چۈشۈرە ئۇكام › دەپ چېچىمنى پاك -پاكىز ئالدۇرىۋىتەتتى ، ئانچە -مۇنچە بېشىمنىڭ تىرىسىنى كىسىپ قان چىقىپ كىتىدىغان بولغاچقا ‹چېچىمنى چۈشۈرمەيمەن › دەپ غەلۋە قىلىپ تۇرىۋالسام بوۋام رەھمەتلىك ‹ ماڭە  ئوغلاق ، چاچ دىگەن ئوغۇلبالىنىڭ يىلىكىنى شوراپ كىتىدۇ  › دەپ ئۇنىمىغانغا قويماي چېچىمنى ئالدۇرىۋىتەتتى . بەلكىم ئۈچ ياش ۋاقىتلىرىم بوسا كىرەك بوۋام مىنى قوينىغا سولاپ بىر يەرلەرگە ئېلىپ ماڭغىنىدا ئۇنىڭ مەيدىسىگە ئۆسۈپ كەتكەن تۈكلەرنى يۇلۇپ ئوينايتىم . بوۋام ساقاللىرىنى ماڭا سانجىپ سۆيۈپ كۈلۈپ كىتەتتى . بوۋام ئوغلاق تارتىش چلىشلارغا مىنى قالدۇرماي ئېلىپ بارسا دادام -ئاپام بەزىدە مىنى ئۆيدە ئلىپ قالىمىز دىسە ‹ ئوغۇلبالا دىگەنمۇ ئۆيدە ئولتۇرامدۇ ، ماڭە › دەپ ئلىپ باراتتى . دىمەك ئەركىشى ئۆيدە بولسا بولمايدىكەندە دەپ ئويلىغان ئىدىم شۇ چاغلاردا  . بوۋامنىڭ ئاغزىدىن دائىم ‹ ئەركەك تۈكى يوق › ‹ يىلىكى سۇيۇق › ‹بىلى بوش › دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالاتتىم . 
ئاپام ھەپتىلەردە بىرەر قېتىم  مەھەللىدىكى خوتۇنلار بىلەن بىللە تونۇرغا نان ياقاتتى ، مەن بېرىپ زۇلا قىلىپ قويغان خېمىرلارنى ئېلىپ ئوينىغىلى تۇرسام بوۋام كىلىپ خېمىرنى قولۇمدىن ئېلىپ تاشلىۋىتەتتى -دە ‹ئوغۇلبالا خېمىر ئوينىسا بولمايدۇ › دەيتى ، مەن بوۋامدىن ‹ نىمشقا ؟ › دەپ سورىسام ، بوۋام ‹ ئوغۇلبالا خېمىر ئوينىسا شۇشقىسى تاغقا چىقىپ كىتىدۇ › دەيتى ، دىمەك ئەركىشى خېمىر ئوينىسا شۇشقىسى تاغقا چىقىپ كىتىدىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم ، ۋە شۇشقۇمنىڭ تاغقا چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خمىرنى تاشلاپ بوۋام بىلەن مەشرەپكە قاچاتتىم . 
بوۋام ئۆلۈپ كەتتى ، مەن تا بوۋام ئۆلۈپ كەتكەن شۇ كۈنگە قەدەر ئۆيىمىزگە شۇنداق جىق مىھمان كەلگىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم . مەھەللىمىز چوڭ -كىچىك تىراكتۇر ، ۋېلسىپىت ، ئىشەك ھارۋۇلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى  . بەلكىم بوۋام يۇرتىمىزنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرسى بولغانلىقىدىن بولسا كىرەك بەك جىق ئادەم ئۆيىمىزگە كەلدى . ھويلىمىزدا كىشىلەرنىڭ ئولتۇرۇش مۇمكىن بولماي لىققىدە ئۆرە تۇرۇپ كەتكىنىنى كۆرگەن ئىدىم . 
بوۋام ئۆلۈپ كەتتى ، شۇ كۈنى بەلىم ھازېرغىچە باشقىلارنىڭ مىنى ئەڭ كۆپ سۆيىۋالغان كۈنى بولسا كىرەك ، مەن ھويلىمىزنىڭ سۇپىسىدا كىرىۋاتقان -چىقىۋاتقانلارغا قاراپ ‹ بوۋا ، بوۋا › دەپ يىغلىسام مەيلى ئايال - ياكى ئەر بولسۇن ھەممىسى كۆزى ياش كىلىپ ‹ رەھمەتلىك كۆزىنىڭ قارچۇقىدەك كۆرەتتى › دەپ كىلىپ مىنى سۆيۈپ قويۇپ كىتەتتى . مەن ئۇ چاغلاردا بوۋامنىڭ نىمە بولغانلىقىنى ، نىمە ئۈچۈن ئۆيىمىزگە بۇنداق جىق ‹ يىغلاڭغۇ ›مىھماننىڭ كەلگىنىنى چۈشەنمەي ، ناتونۇش كىشىلەر ئىچىدە قېلىپ ‹ بوۋا › دەپ يىغلىغان ئىدىم ، ئەپسۇس بوۋام ئەمدى مىنى ھېلىقى ‹ ئەركەك تۈكى › بار مەيدىسىگە سولاپ مەشرەپ - ئوغلاق تارتىشلارغا ئېلىپ بارمايدىغان ، ‹ئوغلاقتەك › بولۇپ كەتكەن چېچىم بىلەن كار بولمايدىغان ، خېمىر ئوينىسام شۇشقۇم تاغقا چىقىپ كەتسىمۇ كارى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىكەن . مەن بۇنى نۇرغۇن يىللاپ ئۆتۈپ بوۋامنىڭ يوقلۇقى بىلىنگەندە ئاندىن ھىس قىلدىم  .  
بەلكىم بوۋام تۈگەپ كەتكەن شۇ كۈنى كىشىلەرنىڭ يىغىسى ۋە يىغىسىدىكى سۆزلەر ماڭا بەك تەسىر قىلىپ كەتكەن بولسا كىرەك شۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئۆلۈم پەتلىرىگە برىپ قالسام خەقلەرنىڭ يىغىسىنى بوۋامنىڭ ئۆلىمىدە يىغلىغانلارنىڭكى بىلەن سلىشتۇرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم . بوۋامنىڭ  ئۆلۈمىدە كىشىلەر ‹ ۋاي ئەركەك تۈكى بار دادام  ، يۇرتىمىزغا تۈۋرۈكتىڭ دادام › دەپ يىغلاشقاندەك ئىسىمدە بار .
بوۋام ئۆلۈپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن مىنى قوينىغا سولاپ جۈمەگە ئاپىرىپ ئادەم دېڭىزنىڭ تەڭ ئولتۇرۇپ -قوپقىنىنى كۆرسىتىدىغان ئادەممۇ قالمىدى . شۇنداقلا ئوغلاق تارتىش ، چېلىشلارغىمۇ بېرىش تاكى ئكزۈم چوڭ بولۇپ ، ئۆزۈم مەكتەپكە بارىمەن دەپ قويۇپ قېچىپ بارالىغۇدەك بولغۇچە نىسىپ بولمىدى ، ھەر قېتىم ئۆزۈم چېلىش ، ئوغلاق تارتىشلارغا بارسام ھازېرمۇ بىر نەرسە كەمدەك ھىس قىلىمەن . بۇ كەم نەرسە دەل بوۋامنىڭ ئاپئاق ساقىلى ، تۈكى بار مەيدىسى ، كۆرەلمىسەم مىنى مۈندۈرۈپ كۆرسىتىدىغان مۆرىسى ئىدى . 
بوۋام ئۆلۈپ كەتكىنىمۇ 20 يىللاپ بولۇپ كەتتى ، بىزمۇ شەھەرگە كۆچۈپ كىردۇق  . ئويۇنلاردىن كەم قالمىساممۇ ئانچە -مۇنچە كاللام ئىشلىسە كىرەك 15-16يېشىمدا ئىچكىرگە ئوقۇشقا ماڭدىم . 
شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى ، نۇرغۇن نەرسىلەر ئەسلىمىگە ئايلاندى ، بەزى ئىشلارنى ئويلىسام ئكزۈمچە كۈلۈپ كىتىمەن . ‹ نىمىشقا خېمىر ئوينىسام بولمايدۇ ؟ › دەپ سورىسام بوۋامنىڭ بەرگەن جاۋابىغا ئىشنىپ خېمىرنى تاشلاپ تاغقا چىقىپ كەتمىسۇن دەپ ئانچە -مۇنچە قاراپ قويغانلىرىمنى ئويلىسام ھازېرمۇ كۈلۈپ كىتىمەن .
ئانچە -مۇنچە چوڭ بولۇپ ئەتراپىمغا ، جەمىيەتكە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قاپتىمەن  . 
نەزەر سالسام بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن ئادەم ئەركەكلىكنى ئەرلىك ، ياكى جىنسى ئەر تۇغۇلۇش دەپ چۈشىنىۋالغاندەك قىلاتتى .  باشقا يەردە بولسا قانداق بىلمىدىم ، مەن تۇغۇلغان قەشقەرنىڭ تىلىۋىزيە ئىستانسىدا ھىلىھەممۇ ئەڭ جىق بىرىلىدىغان ئىلان ‹ جىنسى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى › نىڭ ئىلانى بولسا كىرەك . 
كارخانا ، شىركەت ، ھەتتا چاچ سوپۇنلارنىڭ ئىلان بولسىمۇ  ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەي كۆرۈپ ئۆتكۈزىۋىتىمەن ، نىمىشقىكىن  مۇشۇ دوختۇرخانىلارنىڭ ئىلانى چىقسىلا بىر خىل ھاقارەت ھىس قىلىپ كىتىمەن ، ‹ تۇغماسلىق قاتارلىق كىسەللىكلەرنى داۋالايمىز › ئۇ بۇ دەپ ئىلان چىقسىلا ھاقارەت ھىس قىلىش بىلەن بىرگە ئۆمرىدە توققۇز بالا تۇغۇپ قاتارغا قوشقان بوۋام - مومامغا ھۆرمىتىم ئاشىدۇ .  ئۇلارنىڭ دەۋرىدە پىلانلىق تۇغۇتلا ئەمەس بەلكى ئۇنداق دوختۇرخانا ، ئۇدۇلراقى شۇنداق كىسەللەر بولمىسا كىرەك . توققۇزنى تۇققان مومام رەھمەتلىك 90غا يېقىنلىشىپ قالغاندا تۈگەپ كەتتى  . ھازېر پىلانلىق تۇغۇت بولمىسا  توققۇز -ئون بالا تېپىشقا توغرا كەلسە ئەرلەر  ئۇنىڭ ئۈچۈن يەيدىغان دورا پۇلىغا بويلىشالماي قالارمۇ ياكى ئاياللارنىڭ جېنى بويلىما قالارمۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە . 
    مەن تار دائىرىدە ئەرچىلىك (男子主义) نى تەشەببۇس قىلمايمەن . ئائىلىدە ئەر بىلەن ئايال مىھىر -مۇھەببەت ، ئۆزارا ياردەم بىلەن ئۆتىشى مەيلى مىللى ئۆرپ-ئادەت ، ئەدەپ - ئەخلاق ، ۋە ياكى دىنىمىز ئىسلام بولسۇن بۇنى قۇۋەتلەيدۇ . ئەمما ئەركەكلىكنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئۇلارنىڭ ھەممىسى قارىشى . مىللەتلەرنى ئەرلىك خاراكتىرى بار ، ياكى ئاياللىق خاراكتىرى بار دەپ ئايرىسا بىز ئۇيغۇرلار 100پىرسەنىت ئەرلىك خاراكتىرى بار مىللەتكە مەنسۇپ ، ئەمما ‹ سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ › دىگەندەك بىزمۇ ئارلىشىپ ياشاۋاتقانلاردىن ئانچە -مۇنچە ئاياللىق خاراكتىر يۇقتۇرىۋالغاندەك قىلىمىز . 
يېقىندا تونۇلغان  بىر ياش  قىزنىڭ يولدىشىغا ‹ مەن بېشىمغا ياغلىق سالاي › دىسە يولدىشىنىڭ ئۇنىمىغانلىقىدىن ئۇ  قىزنىڭ يولدىشىدىن ئاجىرشىشنى تەلەپ قىلىپ ئاجىرشىپ بىر تەقۋا كىشى بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچچىق بولدى . بوپتۇ خىزمەتتىغۇ  ياغلىق تەشكىلنىڭ خىزمەت ئۈنىمىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولسا ئۇنى چەكلىدىمۇ دەيلى  ، بىر ئايالنىڭ ئىرىگە ‹ جېنىم مەن ئادەتتە خىزمەتتىن سىرىت ۋاقىتتا بولسىمۇ مۇشۇ گۈزەل رۇخسارىمنى سىزگە كۆرسىتەي ، باشقىلارنىڭ بۇنىڭغا كۆزى چۈشمىسۇن ، مەندىن پەقەت سىز بىر ئادەم ھوزۇرلىنىڭ › دىگەن سۆزىگە ئىرىنىڭ ‹ ياق ، سىزدىن باشقىلارنىڭمۇ ھوزۇرلىنىش ھەققى بار › دىگەندەكلا ياق دەپ  ئاخىرىدا ئايالىنىڭ ئاجىرشىشنى تەلەپ قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىچىم ئاچچىق بولدى ، شۇ ئايال مىنىڭ بولسا شۇ سالاي دىگەن ياغلىقنى قولىدىن يىتىلەپ ئاپىرىپ ئېلىپ بىرەر بولغۇيتۇم دەپ كەتتىم . 
ئالدىنقى ئايلاردا بىر چەتئەللىك ناخشىچى كىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئۈندىداردا قىزلىرىمىزنى تىللاش مودا بولدى ، ئاڭلىسام ئۈندىداردا قىزلارنى تىللاش ئەركەكلىكمىش ، شۇ قىزلار شۇ ناخشىچىغا يېقىنچىلىق قىلىپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپتىمىش . ئويلاپ قالدىم ، شۇ سورۇندا جىق بولسا 100قىز شۇنداق قىلغاندۇ دەپمۇ تۇرايلى  ، بىر قىزنى ئائىلىدە باشقۇرىدىغان ئەركەك بولمىسا ، ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ، ئۇنىڭ يات ئەرلەرگە لايىقىدىن ئاشقان يېقىنچىلىق قىلىشىنى چەكلەيدىغان ئەركەكلەر بولمىسا ئۇ قىزدىن رەنجىش نەھاجەت . ئالدىدا تىلغا ئېلىنغاندەك  قىزلىرىمىز ‹ ياپاي› دىسە  ،‹ ياق بولدى ئوچۇق تۇرىۋەرسۇن › دەيدىغان يىگىتلىرىمىز تۇرسا ئۇ قىزلاردىن رەنجىش نەھاجەت ، دىمەككى قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ جەمىيەت مەسئۇلىيتى ئالمىشىپ قالغانلىقتىن شۇ خىل ئەھۋال يۈز بىرىدۇ . 


قىز –ئاياللار بەزى جەھەتلەردىن ئەرلەردىن قەيسەر بولۇپ ئالىملارنىڭ قىلغان تەقلىدىي سىنىقىدا ئاياللارنىڭ تۇغۇش جەريانىدا ئاغرىق ئازابىغا قانچىلىك ئەرلەرنىڭ بەرداشلىق بىرەلەيدىغانلىقىنى سىناپ تەجىربە ئىشلەنگەن . تەجىربىگە قاتناشقان بىرمۇ ئەركىشى ئاياللارنىڭ تۇشۇش جەريانىدىكى ئاغرىقىنىڭ يېرىمىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن .  دىمەك ئاياللار بەزى جەھەتلەردە ئەرلەردىن قەيسەر ، ئەرلەر بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان قىيىنچلىق ھەم ئازابلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ . ئەمما لىكىن قىز – ئاياللار  روھى سۇلغۇنلاشقان ، ئەركەكلىك ھاياتى كۈچىنى يوقاتقان بىر جەمىيەتنىڭ ئۇلارغا بىرىۋاتقان ئازابىغا بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتىدۇ .        ‹ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك › داستانىدا مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار : يىگىت بىر گۈزەلگە ئاشىق بولۇپ قالىدۇ . قىز يىگىتنىڭ ۋاپادارلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ كىلىشنى بۇيرۇيدۇ ، يىگىت ئانىسىغا بۇنى ئېيتىدۇ ، قەيسەر ئانا ئوغلىنىڭ بىر قىزنىڭ ئالدىدا بوينى قىسىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى ئۆزى يېرىپ ئوغلىغا تۇتقۇزىدۇ . نادان ئوغۇل يۈرەكنى كۆتۈرۈپ قىزنىڭ ئالدىغا چاپقىنىدا پۇتلىشىپ يەرگە يىقىلغاندا قىپقىزىل ئانا يۈرىكى زۇۋانغا كىلىپ ئوغلىدىن ‹ بىر يىرىڭ ئاغرىدىمۇ ؟› دەپ سورايدۇ . 
ئۇلۇغ ئانا شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرىكىنى ئوغلىغا يېرىپ ئېلىپ بىرىدۇكى : چۈنكى ئانا ئۆز ئوغلىنىڭ كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن ئۆز مەشۇقىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ . ئۇلۇغ ئانا شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرىكىنى يېرىپ بىرىدۇكى : چۈنكى ئۇ ئوغلىغا كەلگەن ھاقارەتنى ئۆزىگە كەلگەن ھاقارەت دەپ بىلىدۇ . 
نادان ئوغۇل ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ ئاپىرىپمۇ مەلىكىنىنىڭ ۋەسلىگە ئىرىشەلمىگەندىن كىيىن قاتتىق غەزەبلىنىدۇ ،دەل شۇ چاغدا مۇشۇ مەملىكەتكە  ھوجۇم قىلماقچى بولغان يات ئەلنىڭ پادىشاھى مۇشۇ ئوغۇلدىن ئەسكەرلىرىنى باشلاپ بۇ شەھەرگە ئېلىپ كىرىشنى پادىشاھلىقنى ئالغاندىن كىيىن شۇ مەلىكىنى بۇ ئوغۇلغا تاپشۇرۇپ بىرىشنى ۋەدە قىلىدۇ . نادان ئوغۇل بۇنىڭغا ماقۇل بولىدۇ ۋە ياۋ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئۆز مەملىكىتىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ . ئۇ دەل شۇ چاغدا ئۆز يۈرىكىنى يېرىپ بەرگەن ئانىسىنىڭ ئۆزىگە قارشى سەپ تارتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ . ئانا ئوغۇلغا قاتتىق نەپىرەت ئوقۇيدۇ ۋە ئۆز قولى بىلەن ئوغۇلنىڭ كاللىسىنى كىسىدۇ . 
ئانا نىمە ئۈچۈن ئوغۇلغا يۈرىكىنى يېرىپ بىرىدۇ . چۈنكى ئانا ئۆز ئوغلىنىڭ ئەركەكلىكىنىڭ بىر قىز ئالدىدا پايخان بولىشىنى خالىمايدۇ . چۈنكى ئانا ئۆز ئوغلىنىڭ قىز تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالماي قىزنىڭ ئالدىدا تىلى قىسقا بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ . 
چۆچەكتە تەسۋىرلەنگەن ئانا ئەمەلىيەتتە دەل بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىدۇر .  ئانا بۇ يەردە بىر ئايال جىنسىغا ئەمەس بەلكى بىر ئەركەك مىللەتنىڭ روھىغا قىلىنغا سىمىۋولدۇر . 
ئەمدى چۆچەكتە تەسۋىرلەنگەن مەلىكە بولسا دەل تىپىك قىزلارنىڭ خاراكتىرىگە سىمىۋول قىلىنغان . مەلىكىگە لازىمى  قانداقتۇر شاھزادە ئەمەس ، قانداقتۇر بىر باينىڭ بالىسى ئەمەس بەلكى بىر ئەركەكلىك قېنى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، ۋاپادار ، مەسئۇلىيەتچان ، شۇنداقلا بىر ئەقىللىق يىگىت ئىدى . مەلىكە يىگىتنى راستىنلا ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى ئويۇپ ئېلىپ كىلىشكە بۇيرىغان ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىگە زادى قانچىلىك ساداقەت بىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى سىناش ۋاستىسى ئارقىلىق يىگىتنىڭ ئەركەكلىكى ھەم پاراسىتىنى سىنىماقچى بولغان ئىدى . 
خوش ، ئەمسە ئەڭ ئاخىرىدا يات ئەلنىڭ پادىشاھى ئوغۇلغا بۇ مەملىكەتنى بوي سۇندۇرغاندىن كىيىن مەلىكىنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بىرىشنى ۋەدە قىلغان ئىدى ، ئۇلۇغ ئانا ئۆز يۈرىكىنى ئۆزى ئويۇپ بىرشكە رازى بولدىيۇ ئەمما شۇ ئوغلى ئۆزى ياخشى كۆرگەن مەشۇقىغا ئىرىشەي دەپ قالغان پەيىتتە ئۆز قولى بىلەن ئۆز ئوغلىنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ ؟
چۈنكى ئانا ئوغۇلنىڭ  بۇنداق نامەرتلىك بىلەن مەلىكىنىڭ ۋەسلىگە ئىرىشىشنى ئويلىشىنى ئەڭ چوڭ ئار-نۇمۇس دەپ بىلگەن ، ئۇ ئۆز يۈرىكىنى يېرىش ئاغرىقىغا بەرداشلىق بىرەلىگەنيۇ بۇنداق ئار –نۇمۇسقا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ، ھەتتا بۇ نۇمۇس ئۈچۈن ئكز ئوغلىنىڭ كاللىسىنى ئالغان . ئۇلۇغ ئانىدا بىر تەرەپتىن يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى گەۋدىلەنگەن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن يۈكسەك ئار-نۇمۇس تۇيغۇسى ،ئەركەكلىك روھى  گەۋدىلەنگەن .  
دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇ چۆچەكتىكىدەك نادان ئوغۇللار جەمىيتىمىزدە ئانچە –مۇنچە كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانچقا . شۇنىڭ بىلەن مەلىكىلىرىمىزنىڭمۇ ‹پادىشاھلىقى تەھدىتكە ئۇچىراپ › بېشىغا غەم چۈشىۋاتىدۇ . كۆرىۋالماق تەسكەن چۆچەكتىكى ئەركەكلىكى يوقالغان ئوغۇللار ئاخىرىدا بىر ئۆزى بىلەن كەتمەستىن يۇرتنىڭ ، خەلقىنىڭ ، ئەلنىڭ بېشىغا كەلگەن بالاغا ئايلىنىدۇ  . 
90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا قىزلار ئوغۇللارنىڭ پۇلىغا قارايمىش ، ئۆيى بولمىسا تەگمەيمىش دەپ ئاڭلاپ توۋا دىيىشكەن ئىدۇق ، ھازېر ئانچە –مۇنچە يىگىتلىرىمىزنىڭ قىزلارنىڭ ئەدەپ –ئەخلاقى ، پاكلىقى ، نەسەبىنىڭ ئىسسىلىكى ، پاكىزلىقى بىلەن ھىسابلاشماي دادىسىنىڭ نەچچە پۇلى بارلىقى ، توي قىلسا قىزنىڭ دادىسىنىڭ ئۆي ئېلىشقا نەچچە پۇل بىرىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى سۈرۈشتۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ 90-يىللاردا بەك بالدۇر توۋا دەپ سالغىنىمىزنى ھىس قىلدۇق . 
ئويلاپ باقسام قىزلارنىڭ ئوغۇللارنىڭ پۇلى ، يولى بار يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلىشنى چۈشىنىشكە بولدىكەن ، چۈنكى قىزلار ئاجىز بولغاچقا ئۆزىنىڭ بىر تىنىچ – خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىرىشىشنى ئارۇز قىلىدىكەن ، ھەم كەلگۈسى ئىرىنىڭ ئۆزىگە شۇنى بىرەلەيدىغان –بىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلگىسى كىلىدىكەن ، ئەمدى ئۆتەپ – تېشىپ ئوغۇللىرىمىزنىڭ بۇنى سۈرۈشتە قىلشقا باشلىغىنىنى كۆرۈپ ئوغۇللار تۇغۇلغاندا چوقۇم شۈمەك سېلىشنى تەكىتلەش كىرەكلىكىنى ھىس قىلىۋاتىمەن .
قىزلار ئەركەكلەرنى سېغىنىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ، ئىنساننىڭ بىر تۇغما ئالاھىدىلىكى بولۇپ ئۇ ئۆز ئىلكىدە نىمە كەم بولسا شۇنىڭغا ئەڭ ئىنتىلىدۇ  . قىزلارنىڭ ئەركەكلىككە ئىنتىلىشى دەل ئۇلار ئىنتىزار بولىۋاتقان ئەركەكلىكنىڭ كەم بولىۋاتقانلىقىدىندۇر . 
ئەركەكلىكنى قانچە قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىش ، يۈرىۋاتقان قىزىنىڭ قانچلىك پۇلى بارلىقى بىلەن ئۆلچەۋاتقان نامەرتلەرگە لەنەت . 
ئىنسان ئاپىرىدە بولىشىدىلا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئەرلىك ياكى ئاياللىق بۇرچ بىكىتىۋىتىلىدىغان بولۇپ ، ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر يۇقىرى پاراسەت بىلەن ئەر –ئايال دەپ ئايرىغان ئۇلارغا شۇنىڭغا خاس ھالدىكى ئارتۇقچىلىق ، بۇرچ ھەم مەسئۇلىيەتنىمۇ قوشۇپ بەرگەن . ياراتقۇچىنى تونۇش بىر ئىنساننىڭ ئىتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئەركەكلەرنىڭ ئەركەكلىكىنى ھەم ئەركەكلىك مەسئۇلىيتىنى تونىيالماي ئۆز بۇرچىنى ھەم زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى تونىيالماسلىقى ئىتىقادتتىكى كەمتۈكلۈكتىنمىكىن دەپ ئويلايمەن . ‹ۋاقتى ئۆتتى ›دەپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى تاشلىۋەتتۇق ، كىچىكىمدە ئەركەك زاتىغا يۈز كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئاياللار تور رومال بىلەن يۈزلىرىنى يېپىۋالاتتى . كۆزلىرىمۇ شۇ تور رومال بىلەن يېپىلىپ تۇراتتى ، شۇ چاغلاردا ئاياللار ھەم قىزلار ‹كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى › دىگەندەك نۇرغۇن بالالار كۆزنىڭ ئىتتىكلىكىدىن بولىدۇ دەپ قاراپ كۆزىنىمۇ قوشۇپ يېپىۋالاتتىكەنتۇق . كۆز ئېچىلدى ، شۇنىڭ بىلەن قىزلارنىڭ روھى دۇنياسىدا ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە ماس ھالدا يىگىتلىرىمىز جەمىيەتتىكى مۇئەييەن مەسئۇلىيتىنى قوش قوللاپ قىزلارغا تۇتقۇزۇپ قويدى ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئەركەكلىك ئورنىدىمۇ تەۋرىنىش بولدى  . ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ھازېرقى پەرىشانلىرىمىزنىڭ ، ھەسرەتلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ‹ۋاقتى ئۆتتى › دەپ تاشلىۋەتكەن بەزى نەرسىلىرىمىزنىڭ كەملىكىدىن بولىۋاتىدۇ . 
بىر ئەلنىڭ ئەرلىرى ئۆزىگە خاس ئەركەكلىك ئورنىنى تىكلىيەلمەيدىكەن ،ئۇنداقتا بۇ ئەلنىڭ ئاياللىرىنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمايدۇ ، ئاياللىرىنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمىغان ئەلنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم بولمايدۇ . كۆزىدىن ياش قۇرىمايدىغان ئانا تۇغقان بالىمۇ يىغلاڭغۇ تۇغۇلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەل تەدىرىجى يىغلاڭغۇ جەمىيەتكە ئايلىنىدۇ . كوچىلاردا يىغلاپ –يىلىنىپ تىلەۋاتقان ئاياللارنىڭ قاتارىغا بەش ئەزاسى ساپمۇ –ساق ئەرلەرنىڭ قوشۇلۇپ قېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ بىزمۇ تەرەققىيات جەريانىنى ھازېردىن باشلاپ تاماملاشقا ئاتلانغان ئوخشايمىز دەپمۇ قالىمەن . 
ئەمما لىكىن بىر مىللەتنىڭ روھىدا نىمە بولسا ئاخىر يەنە شۇ روھ ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ دىيىلگىنىدەك بۇمۇ بەلكىم بىزدىكى بىر ئۆتكۈنچى دەۋىر بولسا كىرەك ، يا ئۇ ياققا ماڭىمىز يار لىۋىدىن دۇمىلايمىز ،يىغلاڭغۇ ئاياللىق خاراكتىرنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن سىنىڭ مىنىڭ دىيىشمەيدىغان بولىمىز ، ياكى بۇ ياققا ماڭىمىز ، ئاتنى يار لىۋىدىن تارتىپ ئەركەك مىللەت خاراكتىرىمىزنى ساقلاپ داۋاملىق ئەركەكلىك روھى بىلەن ياشاپ قالىمىز. ئىشنىمىزكى تارختىن بىرى يىغلاڭغۇلۇق ياراشمايدىغان بىر ئەلگە  بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياراشمايدۇ . ئەزەلدىن ئەركەكلىك بىلەن ياشاپ كەلگەن بىر ئەلدە ئەركەكلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ . 

بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى