http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىقتىساد ئۈستىدە ئىككى ئېغىز گەپ

ئىقتىساد ئۈستىدە ئىككى ئېغىز گەپ

ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 854 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىقتىساد دىگەن نىمە؟
ئىقتىساد لاتىن تىلىدىكى economy (ئېكانومى دەپ ئوقىلىدۇ) دىن  كەلگەن بولۇپ ئەسلى مەنىسى ئايىلە باشقۇرۇش سەنئىتى دىگەنلىك. بۇ سۆز ئۇيغۇر  تىلىدابۇرۇندىن ئىكانىم دەپ دەپ ئىلىنغان ، قازاق قىرىنداشلار ئىقتىسادى ئۇچۇرنى  ئىكانىمىكالىق ئىنفورماتسىيا دەيدۇ. بۇ بىزدە تىجەشلىك بولۇش، ئىدىتلىق باشقۇرۇش  بايلىق ئىشىنىشنى بىلدۇرىدۇ.
ئايروپىلاندىكى ئەڭ ئەزان بىلەتلىك ئورۇن 经济舱 دىيىلىدۇ ، بۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرقى مەنە چىقىدۇ.
دىمەككى ئىقتىساد بىر ئايىلىنى، بىر جەمەتنى، بىر رايوننى بىر دۆلەتنى ئىدىتلىق  باشقۇرۇش سەنئىتى دىگەنلىك.
ئىقتىساد پىنىنى ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نىيوتوننىڭ دىنامىكا ، ھەركەت،  ئىنىرگىيە قانۇنلىرىنى چۈشۈنۈپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.
نيوتۇننىڭ بىرىنجى ھەركەت قانۇنى: تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىم  تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا تەكشى ھەركەت ھالىتىنى مەڭگۈ ساقلايدۇ.  ئىقتىسادنى تەكشى تىزلىكتە بىر خىل سۈرەتتە  ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىمغا ئوخشاتساق،   سۈرىتىنى ئاشۇرۇش ئۇچۈن  سىرتتىن كۈچ ئىشلەش يەنى  ئارتۇقچە  ئىنىرگىيە بىرىش كىرەك.
خوش، نيوتوننىڭ يەنە بىر قانۇنى: ئىنىرگىيە باردىن يوق بولمايدۇ، يوقتىن بار  بولمايدۇ، پەقەت بىر شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگە ئاينىلىدۇ، ئىقتىىساتنىڭ ئەڭ  كونكىرىت كۆرسەتكۈچى بولغان ماددى بايلىقمۇ شۇنداق. يەر شارىدا ماددى بايلىق  جۇغلانمىسى چەكلىك، يوقتىن بار بولمايدۇ، باردىن يوق بولمايدۇ، پەقەت بىرىنىڭ  يانچۇغىدىن بىرىنىڭكىگە ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بىز قاتارلىق 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ  يانچۇقىدىكى 4 تال پۇل تىخى ئىسسىق ئۆتمەي تۇرۇپلا ئامرىكا قاتارلىقلارنىڭ  يانچۇغىغا كىرىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ كونىلا  بۇ قانۇنىيەتنى سۇ سايغا پۇل بايغا قەدىمى زامانلاردىلا ئىسپاتلاپ چىققان.
بىرىگە تەنتەربىيە لاتارىيەسىدە 5 مىليون چىقىپ بىر كىچىدىلا مىليونىردىن بىرى  كۆپەيدى، لىكىن ئۇنتۇپ قالمايلى ، بۇ  مۇكاپات چىقمىغان 2 مىليون 500 مىڭ بىتەلەينىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن سىلىپ  بەرگەن 2 يۈئەندىن پۇلى ، شۇنچە نۇرغىن ئادەمنىڭ سىىلىپ بەرگەن 2 كويدىن پۇلى  بىر مىليونىرنى ياساپ چىقىدۇ.
ئامرىكا بىيىپ تىنىپ كەتتى. چۈنكى دۆلىتىمىز قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك پۇل ئىلىش  ماشىنىسى قىلىۋالدى. بافىت ئۆمرىدە كەتمەن چىپىپ باقمىغان، قاتتىق قۇرۇق  ئىشلىنىمۇ قىلىپ باقمىغان، بافىتنىڭ كارتىسىدىكى پۇلى 50 مىليارت ئامرىكا  دوللىرى. جوڭگودەك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ 2011 يىللىق مىللى دارامەت قىممىتى  يەنى GDP سى 7407 مىليات ئامرىكا دوللىرى، يەنى ئامرىكىدا  بافىتتەك بايدىن 150 نىڭ  پۇلى  جوڭگۇدىكى بىر مىليات  400 مىليون ئادەمنىڭ بىر يىللىق دارامىتىگە تەڭ. باشقا كارلوس، بىل گەيتىس،  بېرناد دىگەن بايلىنىڭ گىپىنى قىلمايلى بولدى.ئەمدى سىرلىق GDP مۇسابىقىسى توغرىلىق سۆزلەيلى، 
دۆلىتىمىز دۇنيا ئىقتىسادى GDP مۇسابىقىسىدا ئىككىنجى  بولدى، بۇ كەنتتىن تارتىپ مەركەزگەچە  ھەر دەرىجىلىك سىتاتىسكا ئىدارىلىرىدىكى مىليوندىن ئارتۇق خىزمەتچى بىر يىل  كۈرەش قىلىپ ھىساپلاپ چىققان سانلىق مەلۇمات، مەنچە بۇنىڭدا سۇ تەركىۋى ئاز،  ياكى يالغىنى يوق دىگىدەك. بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى يىلىغا 10پىرسەنت ئاشسا 6-7  يىلدا بىر قاتلىنىپ بولىدۇ، بۇنداق ئىشىۋاتقىلى 30 يىل بولدى. لىكىن بىز بۇنى  تازا ھىس قىلمىغاندەك تۇرىمىز سەۋەپ نەدە؟ تۆۋەندىكى تەمسىلگە قارايلى.
مەسىلەن مەن بىر  يىزىلىق، بۇ يىل مەركەزدىن يىزىغىچە قانداقلا بولمىسا ئىقتىسادنى 10 پىرسەنت  ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بۇيرۇغى چۈشتى، ئەلۋەتتە بۇنىڭ يەنە بىر ئۆلچىمى  پۈتۈن يىزا خەلقىنىڭ يىللىق كىرىمىمۇ 10 پىرسەت ئاشقان بولىشى كىرەك. مۇشۇنداق  يىزا كەنت شەھەرلەرنىڭ، ئۆلكىلەرنىڭ  10پىرسەندىن ئىشىشى ئاخىرى جۇغلۇنۇپ پۇتۇن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ 10پىرسەنت  ئىشىشى بولۇپ نەتىجىلىنىدۇ.
مەن بىر يىزىلىق بولۇش سۈپۈتۇم بىلەن بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ ئىشىشىغا چوقۇپ ئۆزۈممىڭ  ھەسىىسىنى قوشىشىم كىرەك ، يەنى مىنىڭ بۇ يىلقى كىرىمىم چوقۇم 10پىرسەنت ئىشىشى  كىرەك، 
لىكىن مىنىڭ ئالدىنقى يىللىق 5000 كوي كىرىمىمنىڭ بۇ يىل يەنە ئىشىش ئىھتىمالى  ئازراقمۇ يوق ، شۇنىڭدىمۇ مەن بىر ئامال چارىلار بىلەن بۇ يىل 500 كوينى ئارتۇق  تىپىشىم كىرەك.
مىنىڭ خوشناممۇ شۇ غەمدە؟
قانداق قىلىشىم كىرەك؟ قارماقتىن بىرنى ئىلىپلا دەرياغا بىرىپ ئالقىنىمدەك  بىلىقتىن بىرنى تۇتۇپ كىلىپ خوشنامنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ بۇ بىلىقنى ساڭا 500 كويغا  سىتىپ بىرەي سەن يىگىن دىدىم ، خوشنام 5 كويغىمۇ يارىمايدىغان بىلىققا 500 كوينى  گەپ قىلمايلا بەردى ، مەن بۇ پۇلنى مىدىراتماي تىقىپ بولدۇم. 
خوش، بۇ يىل كىرىشىگە مەن  قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ بىلىق سىتىپ 500 كوي ئارتۇق كىرىم قىلدىم،  بۇلتۇرقى 5000 كوينى بۇ يىل دىخانچىلىق قىلىپ تاپالايدىغىنىمغا كۆزۈم يەتكەن  ئەھۋالدا مىنىڭ بۇ يىلقى  كىرىمىم 5500 كوي بولدى دىگەن گەپ . مىنىڭ كىرىمنى بۇ يىل 5500 كويغا  يەتكۈزۈپ 10 پىرسەنت ئاشۇرۇش پىلانىم ئەمەلگە ئاشتى، ۋەزىپەم ئورۇندالدى،
بۇ ۋەزىپە خوشنامنىڭ بىشىدىمۇ بار، خوشناممۇ ئىسسىق ئەمەس، خوشنام يىل ئاخىرى  دەريادىن بىر بىلىق تۇتۇپ مىنى ئىزدەپ كىلىپ بۇ بىلىقنى ساڭا 500 كويغا سىتىپ  بىرەي دىدى، مەن گەپ قىلماستىن يىل بىشىدا تىقىپ قويغان يەرىمدىن 500 كوينى  ئىلىپ خوشنامنىڭ بىلىغىنى سىتىۋالدىم، خوشناممۇ  بۇ يىل 500 كويغا ئارتۇق ئىشلەپ  ۋەزىپىسىنى ئورۇندىۋالدى.
بۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگىمىدى، يىزىمىز سۇ مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ سىتىش سوممىسى بۇ  يىل بۇلتۇرقى 10 مىڭ كويدىن 1000 كوي ئىشىپ 10 پىرسەنت ئاشقان بولدى......
مانا بۇ قىزىقارلىق GDP مۇسابىقىسى.
بىزگە ئانچە تونۇشلىق بولمىغان يەنە بىر ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچنى دەپ قوياي، ئۇ  بولسىمۇ ئېنگىر كۆرسەتكۈچى. سىزنىڭ قورساق بىقىش ئۈچۈن كەتكەن پۇلىڭىزنىڭ بىر  ئايلىق كىرىمىڭىزنىڭ ئىچىدەئىگەللىگەن نىسپىتى ئېنگىر كۆرسەتكۈچى بولىدۇ ،  مەسىلەن سىزنىڭ ئايلىق مائاشىڭىز 2500 كوي، قوساققا كەتكەن پۇل 1000 كوي، ئۇ  چاغدا 1000 نى 2500 گە بۆلسەك ئېنگىر كۆرسەتكۈچىڭىز 40 پىرسەنت بولىدۇ،  قىزىققانلار ھىساپلاپ باقسا بولىدۇ، ئەگەر ئېنگىر كۆرسەتكۈچىڭىز 20 پىرسەنتتىن  تۆۋەن بولسا سىز ھاللىق سەۋىيەسىكى ئادەمكەنسىز، ئەگەر 80 پىرسەنتتىن يۇقۇرى  بولسا مەيلى GDP ئۇچۇپ نەگە بارسۇن  سىز خەلقئارالىق نامراتلىق ئاگالاندۇرۇش سىزىغىنىڭ ئاستىدا ياشاۋاتقان  ئادەمكەنسىز.
ئامرىكىلىقلا قاندا قىلىپ بىزنىڭ رىسقىمىزنى بۇلاپ كىتىۋاتىدۇ ؟  بۇدا ئىنكاستا مايمۇن ساتقۇچىنىڭ لەتىپىسىنى سۆزلەپ بىرەيئالدىنقى  ئىنكاسلىدا ئىقتىساد ۋە GDP توغرىسىدا سۆزلەندى، 5  كويلۇق بىر تال  بىلىقنىڭ 500 كوي بولۇپ قولدىن قولغا بىرلا قىتىم ئۆتۈپ بىر يىزىنىڭ يىللىق  مىللى دارامىتىنىڭ 10 پىرسەنت ئىشىشىغا قانداق تۆھپە قوشقانلىغىنى چۈشەنسەك ئۇ  چاغدا ھەر كۇۋادىرات مىتىرىنىڭ تەننەرقى 1000 كويغىمۇ يەتمەيدىغان ئۆي باھاسىنىڭ  بۇ 10 يىللار ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ نەچچە ئون مىڭ كويغا چىقىشىنىڭ مال باھا  ئۆرلەشنىڭ بۇ 10 يىلدا GDP گە قانچىلىق تۆھپە  قوشقانلىغىنى بىلەلەيمىز. 20 يىل بۇرۇنقى بىزنىڭ 10 كويلۇق پۇلىمىز ھازىر 100  كوي بولدى ، دىمەك كىرىمىمىز 10 ھەسسە ئاشتى، لىكىن بۇرۇنقى 10 كوي ياكى ھازىرقى  100 كوي پۇلىمىزغا  ئىككى دەۋىردە ئوخشاشلا 2 كىلو گۆش سىتىۋالالايمىز. 
  
مايمۇن ساتقۇچىنىڭ ھىكايىسىغا كىلەيلى، 
بىر يىزىدىكى چوڭ بىر ئورماندا بىر توپ مايمۇن ياشايدىكەن، بۇ مايمۇنلىنىڭ  سانىنى 1000 دەپ تۇرايلى، يىزىلىقلا بۇ مايمۇنلىغا ئازراقمۇ قىزىقمايدۇ.
بىر كۈنى شەھەردىن بىر يوچۇن ئادەم چىقىپ ئورمانغا يىقىن بىر نەچچە ئۆيگە كىرىپ  ئۆزىنىڭ مايمۇن سىتىۋالىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ ۋە بىر مايمۇنغا 5 كوي باھا  قويۇپتۇ، ۋە 3-4 كۇندىن كىلىپ يىزىلىق بىر نەچچە ئايىلە ئورمانغا كىرىپ تۇتۇپ  قويغان 10 مايمۇننى 50 كويغا سىتىۋىلىپ كىتىپتۇ، ۋە يەنە قانچىلىك بولسا  شۇنچىلىك ئالىدىغىنىنى ئەسكەرتىپتۇ.
ئەمدى پۇتۇن يىزىدا مۇشۇ توغرىلىق گەپ بولۇپ مايمۇن تۇتۇپ پۇل تىپىش نۇرغۇن  ئادەمگە يىڭىلىق تۇيۇلۇپتۇ ۋە ھەممەيلەن ورمانلىققا ئاتلىنىپتۇ.
بىر ھەپتىدىن كىيىن شەھەرلىك سودىگەر كىلىپ 500 مايمۇننى 5 كويدىن يىغىپ كىتىپتۇ  ۋە يەنە قانچىلىك بو لسا شۇنچىلىك شۇنچىلىك ئالىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ.
بۇ يەردىكى مەسىلە، ئەمدى ئورماندىكى مايمۇنلار كاتتىق ئۈركۈپ ، ھەم سانىمۇ  ئازلاپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن مايمۇن تۇتۇشمۇ قىيىنلىشىپتۇ . يىزىلىقلار  مايمۇننىڭ باھاسىنى 10 كويغا ئۆستۈرۈشكە كىلىشىپتۇ. شەھەرلىك سودىگەرمۇ  بۇنىڭغا قوشۇلۇپتۇ ۋە بۇداقى مايمۇنلىنى 20 كويدىن ئالىدىغان بولۇپ 200  ماينۇنننى شەھەرگە ئىلىپ كىرىپ كىتىپتۇ. 
مايمۇن ئازلاپ تۇتۇشمۇ تەسلىشىپ كەتكەنسىرى مايمۇننىڭ باھاسى ئاخىرى 50 كويغا  ئۆسۈپ شەھەرلىك سودىگە ئەڭ ئاخىرقى مايمۇنلىنى 50 كويدىن سىتىۋاپتۇ يەنە  يىزىلىقلارنى داۋاملىق ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ 200 كوي باھا قويۇپ قايتىپ  كىتىپتۇ.
بۇ كۇنلەردە يىزىلىقلارنىڭ كۈنى باشقا ھەر قانداق ئىشنى قويۇپ مايمۇن ئىزدەش  بىلەنلا ئۆتىدىكەن. بىر كۈنلەردە يىزىدا يەنە بىر شەھەرلىك سودىگەر پەيدا بولۇپ  قولىدا نۇرغۇن مايمۇن بارلىغىنى ، يىزىلىقلانىڭ مايمۇن باققىسى بولسا بىرىنى 100  كويدىن سىتىپ بىرىدىغانلىغىنى ئىيتىپتۇ، 
يەنە بىر مايمۇن سىتىۋالىدىغان شەھەرلىكنىڭ بىر مايمۇنغا 200 كوي ۋەدە قىلىپ  كەتكەنلىگى، ئەمدى شۇنچە ئىزدىسىمۇ بىر  مايمۇن تۇتالمىغان شەھەرلىكلەرگە  يەنە بىر قىتىم باي بولۇش پۇرسىتى ئىلىپ كەلگەندە بولۇپتۇ ، مايمۇن سىتىۋالىدىغان  شەھەرلىكنىڭ كىلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى ، ھازىر 100 كويدىن ئىلىپ قويساق 200  كويغا ساتالايمىزكەن دەپ يەنە بىر شەھەرلىكنىڭ مايمۇنلىرىنى بىر بىرىدىن  قىزغىنىپ بەس- نەستە سىتىۋىلىپ تۈگۈتۈپتۇ، لىكىن قانچە ساقلىسىمۇ شەھەرلىك  مايمۇن سىتىۋالغۇچىنىڭ قارىسى كۆرۈنمەپتۇ،  كانايغا يوق سۇنايغا نەدە دىگەندەك  مايمۇنلىرىنى باقالماي ئاخىرى ئورمانغا قويىۋىتىپتۇ 
ئەمدى ئاۋۇ ئىككى شەھەرلىكنىڭ تىلى بىر شىرىك ئىكەنلىگى يىزىلىقلارغا  ئاستا-ئاستا ئايان بوپتۇ.
بۇ يەردىكى يىزىلىقلار بىر قاتارلىق 3-دۇنيا ئەللىرى، مايمۇن سىتىۋالغۇچى  شەھەرلىك دەل ئامرىكا، شەھەرلىك شىرىكى بولسا ئامرىكا باشچىلىغىدىكى غەرىپ  كۈچلۈكلىرى. مايمۇنلار بولسا 3-دۇنيا ئەللىرىدىكى تەبىيى بايلىقلار، ئەرزان  باھالىق خام ئەشيالار، تاشقى پىرۋۇت زاپىسى،چۈشۇپ ئەخلەتنىڭ نەرقىدە بولۇپ  قالغان  پاي چەك ۋە قەرەللىك سودا بۇيرۇتمىلىرى، ھەتتا مۇلۇك ھوقۇقى، دۆلەت قەرزى،  زاۋۇت-كارخانا قاتارلىقلار. 

دوسلار ئىقتىسادى بىلىملەرنى موللىتايلى، ئىقتىساد ئۇگىنەيلى! ئىقتىسادسۆزلەيلى!
قانچىلىك بىلسەك شۇنچىلىك دەيلى!

تۇرسۇنبەگ ياسىن (ئارسلان )
بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى