http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىستىقبال سەھنىسىدە ئىستىقبال بارمۇ؟

ئىستىقبال سەھنىسىدە ئىستىقبال بارمۇ؟

ۋاقتى: 2015-08-11 ئاۋاتلىقى: 1088 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسلى تېما: «ئسىتىقبال سەھنىسى»دە ئىستىقبال بارمۇ؟ | يازما ئاپتورى: تۇرسۇنبەگ ياسىن («بۇ ئائىلىگە قاراڭ» تېلفىلىمىنىڭ سىنارىستى، شىنجاڭ كۈيبالىق مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى دېرىكتورى) | مەزكۇر يازما «كارخانىچى» ژۇرنىلىنىڭ 2014–يىللىق 3–سانىدا ئېلان قىلىنغان | ئ ئەسلى يازما بويىچە ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن تارقىتىلىدى | قەيسەر ئەلپىدا كيۇكيۇ–ئۈندىدار: 710609464؛ ئالاقە: 18999249883
....
ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە مەسئۇل بولۇپ تۇرالايدىغان كىشىلىرى بار خەلق بەختلىك خەلقتۇر. ئەلۋەتتە، مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا شۇ مىللەت ئىچىدىكى ياشلار بولسا ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، روھىي ئېنېرگىيەسى ئەڭ تولۇق، جاسارەتلىك بىر توپ بولۇپ، مىللەتنىڭ ماتورى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھەم ئەڭ كۈچلۈك كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ياشلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش خاتاسىزكى مىللەت تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك، ھەربىرىمىزنىڭ ئەتىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر.

خوش، گەپنىڭ تېمىسىغا قايتىپ كەلسەك يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە رايونىمىزدىكى بىر قانچە شىركەت-كارخانىلار بىرلىشىپ ئىشلەۋاتقان «ئىستىقبال سەھنىسى» پىروگراممىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى كىشىلىرىمىز ئارىسىدا داغدۇغا قوزغىدى. خەلق شۇنداق بىر كىشىلەر توپىدۇركى ئۇ پەقەت ئۆزى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ياقتۇرىدىغان ياكى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغىلا زور داغدۇغا قىلىدۇ.

«ئىستىقبال سەھنىسى» پىروگىراممىسى ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇنۋېرسىتېت ۋە دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپنىڭ ھەرقايسى كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكى باشقا ئىشسىز ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ۋە ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان پىروگىرامما ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن، شەخسەن مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى توپ بولغاچقا گېپىم كۆپرەك شۇلارنىڭ نۇقتىسىدىن بولىدۇ. چۈنكى، ھەركىشى ئۆز سالاھىيىتى ھەم تۇرۇۋاتقان مۇھىتى نۇقتىسىدىن سۆز ئېچىشقا بىر قەدەر سالاھىيەتلىك دەپ قارايمەن.

دىيارىمىزدا شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى، شىنجاڭ تېبىبىي ئۇنۋېرستېتى ۋە شىخەنزە ئۇنۋېرستېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلىتىمىزدە ئالدىنقى يۈز قاتاردا سانىلىدىغان ياكى مۇشۇ قاتارغا ئانچە -مۇنچە بولسىمۇ چىقىپ تۇرىدىغان ئۇنۋېرستېتلار بار. دېمەككى، بۇلار يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنۋېرستېتلار ھېسابلىنىدۇ. ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئېلىپ ئېيىتساق كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغىنىدەك بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى، چىڭخۇا ئۇنۋېرستېتى، جېجىياڭ ئۇنۋېرستېتى، شياڭگاڭ ئۇنۋېرستېتى قاتارلىق مەملىكىتىمىزلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە يۇقىرى سەۋىيە ھەم سالاھىيەتتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئاز بولمىغان ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوقۇدى، ئوقۇۋاتىدۇ ھەم داۋاملىق ئوقۇيدۇ. پېقىرنىڭ تەخمىنەن ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىلا يىلىغا ئاز بولغاندا 10000 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمى دېگۈدەك «شىنجاڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى»نى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە تۆت يىللىق تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئالىي مەكتەپلەردە بىۋاسىتە تەييارلىق ئوقۇماستىن كىرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بىلىشىمچە ھازىر بۇ تۈردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن 5000 نەپەر ئەتراپىدا قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ، %98 دىن ئارتۇقى تولۇق كۇرۇسقا قوبۇل قىلىنىپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «شىنجاڭ ئىچكىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى»دىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن تەڭ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. بۇلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغان شەھەرلەردە تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تولۇق ئوتتۇرىغا يۈرۈپ كېتىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ يېرىم تۈمەن ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ دەلىللەر سۆزىمىزنىڭ بېشىدىكى «ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يىلىغا ئاز بولغاندا 10000 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن سۆزۈمنى دەلىللەپ بېرەلەيدۇ.

ئۇيغۇرلاردەك ئون مىليون ئەتراپىدىكى نوپۇسلۇق (ھۆكۈمەت تەرەپ ئىستاتىستىكىسى) مىللەت ئۈچۈن بۇ 10000 دىن ئارتۇق ساندىكى ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرۈۋاتقان ئىستۇدېنت ئىنتايىن مۇھىم بىر كۈچ ھېسابلىنىدۇ. (دىققەت: پېقىر شىنجاڭ رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە يىلىغا قانچىلىك ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بىلمىگىنىم ئۈچۈن تىلغا ئالمىدىم، بۇ 10000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پەقەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇش پۈتتۈرۈۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىلا كۆزدە تۇتىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالىي مەكتەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرۈۋاتقانلارمۇ تەخمىنەن بىر تۈمەن بىلەن ئىككى تۈمەن ئارىلىقىدا بولۇشى مۇمكىن.)

خوش، گەپنىڭ تەمى بار يېرىگە كەلدۇق، ئەمسە مۇشۇ بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى زادى ئۇيغۇر مىللىتىمىز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن زادى قانچىلىك قىممەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، زادى قانچىلىكى ئىقتىساسلىق خادىمغا ئايلىنىۋاتىدۇ؟

شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى مەمۇرلۇق ساھەسىگە قەدەم قويۇۋاتىدۇ، ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر بەلكىم بۇنى خاتا، ئىستىقبالىنى نابۇت قىلغانلىق دەپ قارىشى مۇمكىن، بۇمۇ دەل بىز بۈگۈن تالاش -تارتىش قىلىدىغان تېمىنىڭ بىرسىدۇر.

ئەلۋەتتە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز ساندىكى بىرقىسىم تەلەيلىكلىرىدىن چەت ئەلگە ئوقۇشقا ياكى خىزمەتكە ئاتلانغانلارمۇ بار، بىز سۆز قاتارى شۇلارغا ئاللاھدىن بەرىكەت تىلەيمىز. پېقىرنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئىشلەۋاتقان، ئوقۇۋاتقان نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەھۋال ئىگەللىشىمچە، ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىشى ئېنىق ئەمەس، بۇ توغرىلىق ئېنىق بىر قارىشى يوق.

گەرچە مىللەت ۋە دىيارىمىز ئۈچۈن بىر قىممەت يارىتىپ بېرىش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما كونكرېت بىر پىلاننى سورىسىڭىز كۆپىنچىسى سىزنى جاۋابسىز قويىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا مۇنداق بىر ئۈچ يول بار: بىرسى داۋاملىق چەت ئەلدە مۇساپىر ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئوقۇش ياكى شۇ يەردە خىزمەت تېپىپ مۇساپىرلار توپىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش؛ ئىككىنچىسى، ۋەتەنگە قايتىپ مەمۇرلۇق قاتارلىق مۇقىم خىزمەتتىن بىرگە ئېرىشىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىش، تىنىچ ھايات ئۆتكۈزۈش، ھەم شۇنچە يىل كىشى تارتمىغان قىيىنچىلىقنى تارتىپ ئۈگەنگەنلىرىنى ئىشخانىدىكى ئۈستەل ئالدىدا بىر كۈن–كۈنگە ئەگىشىپ بىھۇدە قۇربان قىلىش؛ ئۈچىنچىسى، دىيارىمىزدىكى شىركەت -كارخانىلارغا كىرىپ كەسپى ھەم ئارزۇسىغا ماس ساھەدە ئۆز قابىليىتىنى نامايەن قىلىش ھەم كەلگۈسىنى يارىتىش.

ئەمدى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلار (تۆۋەندە ئىستۇدېنتلار دەپلا ئېلىنىدۇ) تاللاۋاتقان ئۈچ يولنىڭ ھەربىرىگە قارايدىغان بولساق:

1. داۋاملىق چەت ئەلدە قېلىش بولسا ئىنتايىن زور قۇربانلىق بېرىش ھەم بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، مەسلەن: ئاتا-ئانا، ئائىلە، توي قىلىش، كېيىنلىك قاتارلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا چەت ئەل پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا نېسىپ بولىدۇ، ئومۇمىي ساندىكى ئىگىلىگەن نىسبەت تولىمۇ كىچىك.

2. مەمۇرلۇق ۋە باشقا دۆلەت ئاپپاراتلىرىدا خىزمەت قىلىش، بۇ نۇرغۇن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشى ۋە شۇنداقلا ماڭغان يولى بولىدۇ. نېمىشقا؟ ئەجەبا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى زايە قىلىۋېتىش بەدىلىگە دۆلەت مەمۇرى بولۇشقا شۇنچە خۇشتارمۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئازراقمۇ ئىچى ئېچىشمامدۇ؟ خاتا، ئەڭ ئىچى ئېچىشىدىغىنى، ئەڭ ئۆكۈنىدىغىنى دەل شۇلار، چۈنكى «تۈتۈننىڭ ئاچچىغىنى مورا بىلىدۇ». ئەمما ئۇلار يەنە شۇنى تاللاشقا رازى، نېمىشقا؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئۈچىنچى يولنى تىلغا ئېلىۋەتكەندىن كېيىن توختىلىمىز.

3. ئىچكىرى ئۆلكىلەر ياكى دىيارىمىزدىكى شىركەت -كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئۆز كەسپىي ھەم قابىلىيىتىگە يارىشا يول تۇتۇپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۇ ئاڭلىماققا قۇلاققا بەك يېقىشلىق، شۇنداق مېھرى ئىسسىق ھەم ئۇلۇغۋار پىلاندەك ئاڭلىنىدۇ. ئەمدى بۇنىڭمۇ ئاچچىق -چۈچۈك يەرلىرى بار. ئىچكىرى ئۆلىكىلەردە دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى بەش يۈز كۈچلۈك كارخانىلىرىدىن تارتىپ چەت ئەلنىڭ ئەڭ چوڭ زاۋۇت -شىركەت، كارخانىلىرىغىچە دېگۈدەك ماكانلاشقان ھەم كۆلەملەشكەن، پۇلنى جىڭلاپ، خالتىلاپ دېگۈدەك تېپىۋاتقانلىرى دەل شۇ كارخانىلار ھەم شىركەتلەر. بۇلار بىز ئۇيغۇر ئىسىتۇدېنتلىرىنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلىشىدىغان ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. پېقىرمۇ مۇشۇ خىلدىكى بىرنەچچە شىركەتلەرنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ توختام ئىمزالايدىغان يەرگە كەلگەندە كۆزۈم قىيمىغان ھالدا توختامنى چىرايلىق رەت قىلغان، ئەلۋەتتە تۇنجى ئايلىق مۇئاشى 5000 سومنىڭ ئۈستىدە باشلىنىدىغان شىركەتلەر، يالغۇز مەنلا ئەمەس، ئىچكىردە ئوقۇغان ئىستۇدېنتلاردىن مۇشۇنداق قىلغانلار ئاز ئەمەس. بۇ كارخانىلار كۆلەملەشكەن، مەبلەغ، تەرەققىيات جەھەتتىن سىزنى چوقۇم رازى قىلالايدۇ، تىرىشىدىغانلا بولسىڭىز ئايدا تۈمەن سوملۇق مۇئاش ئېلىش ئۇنچىۋالا غايىۋى ئىشمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇقىم شىركەت ئەندىزىسى، كارخانا مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرگەن بولغاچقا سىز ھەقىقىي بىر شىركەت-كارخانا مۇھىتىنى ھېس قىلالايسىز ھەم بىرنەرسە ئۆگىنەلەيسىز. كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار بۇلارنى تاللىسا مۇئاشنى ئىككىنچى بولۇپ، كېيىنكىلىرىنى بىرىنچى بولۇپ كۆزدە تۇتۇپ كىرىدۇ. ئەمسە ئىستۇدېنتلار نېمىشقا ئىچكىرىدىكى كارخانا - شىركەتلەرنى تاللىمايدۇ؟ (تاللايدىغانلارمۇ بار، گەپ ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇۋاتىدۇ)

ھەممىزگە مەلۇم بىز ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان مىللەت، ئاز-تولا مۇئاشنىڭ بولىشىلا بىزنى مەڭگۈلۈك راھەتكە ئېرىشتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئىچكىردە نەچچە يىل ئوقۇپلا تەمى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىستۇدېنتلار تېخى يوقنىڭ ئورنىدا، شۇڭا ھەم داۋاملىق تەمىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلايد. ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، مۇھىت، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق بىر مۇسۇلمان ئىنسان ھاياتىدا سەل قارىسا ھەم ئەستايىدىل ئويلاشمىسا بولمايدىغان مەسىللەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۇرمۇش مەسىلىسى، ئائىلە، جورە-توي مەسلىسى زور كۆپ سانلىق ئىستۇدېنتلارنى شۇ يۇقىرى مۇئاشلىق شىركەتلەردىن كۈلۈپ تۇرۇپ، ئەمما ئۇلۇغ كىچىك تىنىش بىلەن خوشلىشىشقا سەۋەب بولىدۇ.

«ئىستىقبال سەھنىسى» پىروگىراممىسى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىنىۋاتقان پىروگىرامما بولۇش سۈپىتى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە بۇ شىركەتلەر ئۈچۈن تەشۋىقات ھەم ئېلان رولىنى ئوينايدۇ، ئالايلۇق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېلېۋىزور كۆرىدىغانلىكى كىشى بۇ پىروگىراممىنى دېگۈدەك ھەممىسى كۆرۈۋاتىدۇ، ھەم بۇ شىركەتلەر تەشۋىقات مەقسىتىگە يەتتى، بۇمۇ ھېسابتا ياخشى ئەھۋال، مىللىي كارخانىلارنىڭ خەلق بىلەن تونۇشىشى ياخشى ئىش. ئەمدى يەنە بىر مەقسەت: بۇ شىركەت–كارخانىلار ئۆزىگە لازىملىق ئىقتىساسلىقلارنى تاللاپ ئېلىش مەقسىتىگە، ئىستىقباللىقلارمۇ «ئىستىقبال سەھنىسى» ئارقىلىق ئىستىقبالىنى تېپىش مەقسىتىگە يېتىۋاتامدۇ؟

ياق، نېمىشقا مۇنداق دەيمىز دېگەندە بىرىنچىدىن، پىروگرامما يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا بۇ شىركەتلەر ئۆز شىركىتىگە ئىقتىدارلىق خادىم قوبۇل قىلغىنى كەلگەن ئەمەس، بەلكى خىزمەتچى قوبۇل قىلغىنى كەلگەندەك تۇرىدۇ. ئىقتىساسلىق خادىم دېگەن نېمە؟ ئىقتىساسلىق خادىم دېگەن ئىقتىدارى بار، قورسىقىدا ئۇمىچى بار، سىزنىڭ شىركىتىڭىزنى يۈكسەلدۈرەلەيدىغان خادىم دېگەن گەپ، قېنى قايسى شىركەت «ئىستىقبال سەھنىسى» ئارقىلىق مەن شۇنداق شىركىتىمنى يۈكسەلدۈرەلەيدىغان خادىمدىن بىرنى تاللاپ ئالالىدىم، دېيەلەيدۇ؟ پىروگىرامما سىرتىدا قوبۇل قىلغان بولمىسىلا بىز تېخى سەھنىدە تۈزۈك بۇنى كۆرمىدۇق. چۈنكى ھەقىقى ئىقتىدارى بارلار ھەم بۇ شىركەتلەر ئۈچۈن يۈكسەلدۈرۈش رولىنى ئوينىيالايدىغانلار بۇ پىروگىراممىغا قاتناشمايۋاتىدۇ ياكى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق بىر قانچە تەرەپتىن ئويلىشىش مۇمكىن:
1. شىركەتلەر مۇكەممەل ئەمەس.
مىللىي ئىگىلىكتىكى شىركەتلەر يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان بولغاچقا، ھەم ئەمدىلەردىن شىركەت–كارخانا ئېڭىنى يېتىلدۈرۈۋاتقان بولغاچقا، شىركەت بىلەن ئەنئەنىۋى دۇكان شەكلىدىكى سودىنىڭ چاك–چېكىدىن ئايرىلغان ياكى ئايرىلمىغانلىقىغا، دەسمىي سېلىپ شىركەت قۇرغان غوجايىن ھەممە ئىشقا ئۆزى بىر قوللۇق ئارىلىشىپ تۇرىدىغان، شىركەتكە كىرسە قايسى ئىش ئۇدۇل كەلسە تازىلىقتىن تارتىپ سىرتنىڭ يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىغىچە قىلىدىغان–قىلمايدىغىنىغا ياكى ئۆزىگە بېرىلگەن كەسپىي ۋەزىپىگە مەسئۇل بولىدىغان–بولمايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ. ئەلۋەتتە بۇمۇ يۇقرىقىدەك شىركەتلەردە ئىشلەپ باققان، شۇ يەردە ئىستىقبالىمنى تاپىمەن دەپ تىرشىش ئىرادىسى بىلەن كىرگەنلەرنىڭ بۇرنىغا كىرگەن سۇ بىلەن يەكۈنلىگەن تەجرىبە–ساۋاقلىرى.

2. تەمىنات مەسلىسى.
«ئىستىقبال سەھنىسى» پىروگىراممىسىنى كۆرۈۋاتقانلار بىلىدۇ، سەھنىدە ئولتۇرغان شىركەتلەر تۆۋىنى 1500 سومدىن تارتىپ 2500 سومغىچە مۇئاش بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھەتتا خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن يۈز تاپقان، ئىناۋەت تاپقان، پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان نامەلۇم چوڭ گۇرۇھمۇ 2000 سومدىن باشقا ياتاق بەرمەيدىغانلىقىنى، تاماق بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيىتىشىدۇ. خاتالاشمىغان بولساق بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان يۇقىرى ئىستېماللىق شەھەر ئۈرۈمچىدە.

3. ئىشەنچ مەسلىسى.
بۇ خىزمەت ئىزدەيدىغان ھەرقانداق بىركىشى چوقۇم ئويلىشىدىغان نۇقتا. شۇ شىركەتلەر بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەمدۇ يوق، شىركەتلەر ھەقىقەتەن تەشۋىقاتى بىلەن بىردەكمۇ؟ دىققەت قىلىپ قارىساق بەزى غوجايىنلار ئورۇندۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ «بىزگە قانچىلىك ئىشلەپ بېرەلەيسىز؟ » دەپ سورايدۇ. ئەمدى خىزمەت ئىزدەيدىغانلارمۇ شۇ يەردە مۇنداق بىر مەسلىنى سوراپ بېقىشى زۆرۈر، مەن قانچىلىك ئىشلىسەم چاتاق يوق، سىز مۇشۇ شىركىتىڭىزنى نەچچە يىلغىچە ۋەيران قىلىۋەتمەي ماڭدۇرالايسىز، لىدىر ئەپەندىم؟! دۆلەت مەمۇرى بولغان ئوقۇغۇچى نورمالدا ھۆكۈمەتكە 30 يىل ئىشلەپ بەرسە بۇ 30 يىللىق ھەم ئۆلگىچە بولغان تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، بۇ جەرياندا «ئىستىقبال سەھنىسى» دىكى شىركەتلەرگە ئىشلىمەي مەمۇر بولغانلار بەلكىم شۇ قابىلىيىتى بىلەن ئۆسۈشى، باشلىق بولۇشى، ئەمەلدارلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈشى مۇمكىنغۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ پالانى بانكىسى ۋەيران بولۇپ كېتىپتۇ، سودا - سانائەت ئىدارىسى تاقىلىپ قاپتۇ، باج ئىدارىسى خىزمەتچىلىرىنى باقالماپتۇ، سوت مەھكىمىسى تەسلىم بولغىنىنى جاكارلاپتۇ دېگىنىنى كىم ئاڭلىدى؟ لېكىن ئۇ شىركەت ۋەيران بولدى، ما شىركەتتىكى پۈتۈن خادىم ئىشسىز قالدى، پالانى شىركەتكە ئىشلىگىنى بارغان بىرەيلەن ئالدىنىپ قاپتۇ دېگەننى ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئورنىدا ئاڭلاپ تۇرىمىز، شۇنداق بولغىنىكەن ئىقتىدارى بار، قابىلىيەتلىك ئىسىتۇدېنىتلار نېمىشقا سىزلەرنىڭ شۇ ناچار شارائىتىڭىزغا، تۆۋەن مۇئاش تەمىناتىڭىزغا ئىشلەپ بېرىشكە كۆڭلى ئۇنىغۇدەك؟ مىللىي كارخانىلارنى قوللاش كېرەك، مېنىڭچە ھېچقانداق كىرىم مەنبەسى بولمىغان ئىسىتۇدېنتلار سىزلەرنى ئۆز قابىلىيىتى، ئىقتىدارى بىلەن قوللاپ بېرىشى ئەڭ كاتتا قوللاش، خوش ئەمسە سىزلەرنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى بولغان شۇ ئىستۇدېنتلارنى قوللىغىنىڭىزلار قېنى؟ شۇ يوقىلاڭ مۇئاش بىلەن تولۇق بولمىغان ئىشەنچ بىلەن ماڭا كېلىپ ئىشلەپ بەر دېيىشنى ‹ئىستۇدېنتلارنى قوللىغىنىم› دەپ ئۆزىڭىزلەرنىمۇ ھەم سىتۇدېتلارنىمۇ ئالدىماڭ. سىزگە ياكى تۆۋەن مۇئاش بىلەن شۇنىڭغا لايىق قابىليىتى بار ئادەم تېپىپ ئىشلىتىشىڭىز كېرەك، ياكى ‹ماڭا قابىليىتى بار، ئىقتىساسلىقلار كېرەك› دېگەندىكىن شۇنىڭغا لايىق تەمىنات بېرىشىڭىز ھەم سىزدە شۇنىڭغا لايىق شارائىت بولۇشى كېرەك.

كارخانىچىلىرىمىز بەلكىم ھازىرغا قەدەر ئۆزى شەخسەن ئاز-تولا پۇل تاپقىنى، شىركەت قۇرۇپ مەبلەغ جۇغلىيالىغىنى بىلەن ھەقىقىي باشقۇرغۇچى ھەم لىدىرغا خاس ئىستىراتېگىيە ھەم ئۆتكۈر كۆزگە ئىگە بولمىغان بولسا كېرەك. گەپ نۆۋىتىدە بۇنداق بىر باشلانغۇچ ساۋاتىدىكى ھېساباتنى قىلىپ بېرىشنى ئويلاپ قالدىم. سىز ھەقىقەتەن شىركىتىڭىزگە قابىلىيەتلىك خادىم ئالماقچى بولسىڭىز بېرىپ ئىزدەڭ، لىدىر ئىشخانىڭىزدىن چىقىڭ، سىز قابىلىيىتى بار كىشىنىڭ ئالدىغا مەيلى ئۇ ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاددىي ئىستۇدېنت ياكى دۆلەت خىزمەتچىسى بولسۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ شىركىتىڭىزگە تەكلىپ قىلىڭ، رەت قىلىنىشتىن ئەنسىرىمەڭ، يۈزۈم چۈشۈپ كېتەرمىكىن دەپ تېخىمۇ ئويلىماڭ، يۈزى چۈشدىغىنى ھەم نومۇس قىلىشقا تېگىشلىكى بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك قىلىقنى قىلىدىغانلار، ھەرگىز سىز ئەمەس. بىر شىركەت لىدىرىنىڭ بىر قابىلىيەتلىك كىشىنىڭ ئالدىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى ئىشلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىشىنى كىم نومۇس قىلىدىغان، لىدىرنىڭ يۈزى چۈشىدىغان ئىش دەيدۇ؟ بىرسى شۇنداق دېگەن بولسا ئۇبىر ئالا–جوقىكەن، لىدىرلىق سالاھىيىتىڭىز بىلەن ئۇنداق چۈپرەندە كىشىلەرنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلماڭ. ئەمدى مەن سىزگە بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسىنى سۆزلەپ بېرىمەن. سىز قابىلىيىتى بار كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشلەپ بەر دېسىڭىز ئەگەر سىز مۇنداق ئىككى جەھەتتىن ئۇنى رازى قىلالىسىڭىز ئۇ چوقۇم ئۇنايدۇ.

1. مۇئاش تەمىناتى:
يەنە دىسەك يەنە شۇ گەپ، قابىلىيىتى بار ئادەم نېمىشقا باشقا يولنى تاللىماي سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە بېرىپ ئىشلىگۈدەك، سىزدە چوقۇم شۇنداق بىر ئەۋزەللىك بولۇش كېرەك، شۇ ئەۋزەللىكنىڭ بىرى دەل يۇقىرى مۇئاش، ئەنسىرمەڭ، يۇقىرى مۇئاش دېيىلگەندىمۇ بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئەمەس.

2. شۇ قابىليەتلىك كىشىنىڭ كۆڭۈل مايىللىقى
يەنى شۇ قابىلىيەتلىك كىشى سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە بارسا ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بار، ئۇنىڭ كەلگۈسى ھەم ئىستىقبالىغا نىسبەتەن سىزدە قانداق ئەۋزەللىك بار، بۇنى چوقۇم سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشىڭىز ھەم ئۇنى قايىل قىلشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز مۇشۇ ئىككىلا تەرەپتىن شۇ كىشىنى شىركىتىڭىزدە ئىشلەشكە قايىل قىلالمىغان بولسىڭىز مېنى ئىزدەڭ، مەن بېرىپ قايىل قىلىپ بىرەلمىسەم ئۆزۈم سىزگە بىكارغا ئىشلەپ بېرىمەن.

ئەمدى بايا دىگەن باشلانغۇچ ھېساباتىغا كەلسەك، سىز بەلكىم ‹مەن نېمىشقا قابىلىيەتلىك كىشىگە يۇقىرى مۇئاش بەرگۈدەكمەن؟ ئازغا رازى بولسا ئىشلىسۇن› دېيىشىڭىز مۇمكىن. سىز ئۇنداق دېمەسلىكىڭىز كېرەك، ئەگەر شۇنداق دېسىڭىز سىز شىركەت لىدىرى ئەمەس، بىر دۇكاندار سەۋىيەسىدىكى كىشى ھېسابلىنىسىز. دۇكاندار بىلەن لىدىرنىڭ پەرقى نېمە؟ ئەگەر تاپقان پۇلىنىڭ ئاز كۆپلۈكى بولسا، قەشقەردە يىلىغا مىليون پايدا ئالالايدىغان دۇكاندارلار بار، ھەم شۇنداقلا دىيارىمىزدا ئىشلەۋاتقان ئالتە ئادەمنى باقالماي ۋەيران بولۇۋاتقان شىركەت ھەم لىدىرلار بار.

دۇكاندار بىلەن لىدىرنىڭ پەرقى: قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى قول ئاستىدا ئىشلىتىش ھەم ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادى كىرىم يارىتىش. سىز قابىلىيەتلىك كىشىگە يۇقىرى مۇئاش بېرىسىز، ئۇ سىزگە تېخىمۇ كۆپ كىرىم يارىتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ياراتقان ئۈنۈمىنىڭ ئالدىدا سىزنىڭ بەرگەن 8000-10000 (ھېچ بولمىغاندا 5000-6000) سوم مۇئاشىڭىز شۇنچە كۆپ ھېسابلىنامدىكەن؟! ئەگەر ئۇنىڭغا يۇقىرى تەمىنات بەرمىسىڭىز ئۇ باشقا بېرىدىغان ئادەمنىڭ يېنىغا بارىدۇ، ياكى سىزگە ئىشلەشنى خالىمايدۇ. ھەتتا سىزنىڭ سودىدىكى دۈشمىنىڭىزگە، رىقابەتچىڭىزگە ئايلىنىدۇ، ياكى شۇلار ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىدىغىنى ئۇ ئەمەس، بەلكى سىز بولىسىز، قابىليىتى بار كىشى ھەر نېمە قىلسا سىزگە ئىشلىمەيمۇ جان باقالايدۇ. چۈنكى ئىقتىدارلىق دېگەنلىك ھەرگىز سىزگە ئەرزان ئىشلەپ بېرىش دىگەنلىك ئەمەس، ئەگەر قارشى تەرەپنى رازى قىلالمىسىڭىز، رازى قىلالىغۇدەك ئازراق پۇلغا ماقۇل دەيدىغان ھەم قورساقتىكى ئۇمىچىمۇ شۇنىڭغا چۇشلۇق ئادەملەرنىڭ ئىشلىتىڭ، شىركىتىڭىزمۇ شۇنىڭغا چۇشلۇق راۋاج تاپىدۇ، تەلىيىڭىز بولسا ئاز كۈندە سىزمۇ ‹ۋەيران بولغان كارخانىچى› گۇۋاھنامىسى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.

لىدىر بولغان سىز بۇ باشلانغۇچ ھېساباتنى چوقۇم قىلالايسىز، ئەگەر قىلالمىسىڭىز دەرھال ئىشخانىڭىزنىڭ ئىشكىدىكى ‹باش لىدىر ئىشخانىسى› دىگەن خەتنى ‹باش دۇكاندار ئىشخانىسى› دەپ ئۆزگەرتىڭ، چۈنكى سىز يەنىلا بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچىنى كۆرىدىكەنسىز، ھەقىقىي لىدىرنىڭ ئالاھىدىلىكى يوقكەن دېگەن گەپ.

سۆزلىرىمىز كارخانچىلىرىمىزنىڭ، شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ قۇلىقىغا ياقامدۇ–يوق بىلمىدىم، «ئىستىقبال سەھنىسى» ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىستىقباللىقلارنىڭ سەھنىسى بولسۇن، ھەرگىز خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان تۆۋەن دەرىجىدىكى سورۇنغا ئايلىنىپ قالمىسۇن. خىزمەتچى خادىم بىلەن ئىستىقباللىق خادىمنىڭ ئوتتۇرسىدا تاغ- داۋانلىق پەرق بار. سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىنى مىللىي كارخانىلارغا بەرىكەت، لىدىرلارغا ئوچۇق پىكىر ھەم ئۆتكۈر كۆز تىلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز. سۆزلىرىمىزدە شىركەت خوجايىنلىرىغا قاتتىق كەتكەن ياكى نارازى بولغان تەرەپلىرى بولسا پىكرلىشىپ ئورتاقلىشىشقا ھەرۋاقىت تەييارمىز.

يازما ئاپتورى تۇرسۇنبەگ ياسىن ھەققىدە
سىنارىست ھەم ياش شائىر، شىنجاڭ «كۈيبالىق» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى تۇرسۇنبەگ ياسىن قەشقەردە تۇغۇلغان، 2006-يىلى بېيجىڭغا ئەلا نەتىجە بىلەن ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 2014-يىلى تىيەنجىن سودا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ خەلقئارا سودا ۋە ئىقتىساد كەسپىدە باكلاۋۇرلۇقنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپ تۇرۇپ كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىمنىڭ 1-بۆلۈم سىنارىيەسىنى يازغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەردە خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» ناملىق فىلىمنىڭ 2-بۆلۈم سىنارىيەسىنى يازغان.

ئەسلى تېما: «ئسىتىقبال سەھنىسى»دە ئىستىقبال بارمۇ؟ | يازما ئاپتورى: تۇرسۇنبەگ ياسىن («بۇ ئائىلىگە قاراڭ» تېلفىلىمىنىڭ سىنارىستى، شىنجاڭ كۈيبالىق مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى دېرىكتورى) | مەزكۇر يازما «كارخانىچى» ژۇرنىلىنىڭ 2014–يىللىق 3–سانىدا ئېلان قىلىنغان | ئاپتور تەمىنلىگەن ئەسلى يازما ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن تارقىتىلدى | قەيسەر ئەلپىدا كيۇكيۇ–ئۈندىدار: 710609464؛ ئالاقە: 18999249883
بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى