http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مۇھەببەتنامە -ئىچكىردىكى بۇ ھايات

مۇھەببەتنامە -ئىچكىردىكى بۇ ھايات

ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 697 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇھەببەتنامە 
(نەسىر) 
تۇرسۇنبەگ ياسىن (ئارسلان )
مۇھەببەت! 
سەن مىنىڭ قەلبىمدىكى يىگانە  ئارال، سىنىڭ ھەممە نەرسەڭ پەقەت بىر ئۆزۈڭگىلا خاس، قەلبىمدە سىنىڭ ئوخشىشىڭنى  تېپىش شۇنچىلىك تەس، ياق، مۇمكىن ئەمەس! 
سىنى دائىم ئېقىن سۇغا ئوخشاتقۇم كىلىدۇ، لىكىن يەنە ئوخشىتالمايمەن،  ئېقىن سۇ مەيلى قانچىلىك لەززەت ھەم شىرىن بولمىسۇن ئۇنڭغا يەنە ئاللىقانداق بىز خالىمايدىغان قۇم - شېغىللار ئارىلىشىپ قالغان بولىدۇ، ئەمما مۇھەببەت ، سەن شۇنچىلىك پاكىز بىر ئېقىنسەنكى: سۈزۈكلىكۈڭ جاناننىڭ قوي كۆزلىرىگە ئوخشسا، تاتلىقلىقىڭ جاناننىڭ شىرىن سۆزلىرىگە قىياس. 
سەن شۇنداق بىر ئېقىن، سىنىڭدىن بىپايان دېڭىز پۈتۈپ چىقىدۇ، ئۇ شۇنچىلىك تەكسىز ھەم شۇنچىلىك مول نىممەتلىك! سىنىڭ شەربەتلىرىڭنى ھەر قېتىم ئىچكىنىمدە ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇغۇم  سىنىڭ قۇچىغىڭداخۇددى بوۋاق بالىدەك ئەللەيلىنىپ ، تاتلىق پەپىلەشلىرىڭگە نائىل بولغىنىمدا ئۆزۈمنى چەكسىز بەخىتلىك ھىس قىلىپ  ئىللىق قۇچغىڭدا ھىدلىرىڭنى پۇرايمەن. سىنى دائىم ئىچكۈم كىلىدۇ، سىنى ئوچۇملاپ ئالغىنىمدا يۈرۈكۈمگە ، قەلبىمگە ،تومۇرلۇرۇمغا چۇڭقۇر سىڭىپ كەتسىكەن ، مىنىڭ بىلەن بىر روھ ، بىر تەنگە ئايلىنىپ كەتسكەن دەپ ئارزۇ  قىلىپ كىتىمەن! 
مۇھەببەت! 
سەن مىنىڭ قەلبىمدىكى نۇرلۇق قۇياشسەن ، مەن سىنىڭ ئاشۇ نىممەتلىك نۇرلۇرۇڭنى ئىمىپ چوڭ بولدۇم.ئۆزۈمنىڭ ئىنسانىي تونۇشلۇرۇم سىنىڭ ماڭا بەرگەن ئوزۇقلىرىڭدىن بولدى.سەن مىنىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ شۇنداق نۇرلۇق، شۇنچىلىك مىھېرلىكسەن. مىنىڭ قەلبىم ساڭا ئوخشاش نۇرلۇق، ساڭا ئوخشاش مىھىرلىك بولسا مەن ئۆزۈمنى ئاندىن  سىنىڭ ئاشۇ چەكسىز نۇرلىرىڭغا يۈز كىلەلەيمەن دەپ قارايمەن. قەلىب ئۆيۈمنى مەڭگۈ  ساڭا ئوخشاش ئۇلۇغلۇقنىڭ پەللىسدە مەغرۇر چاقناپ تۇرالىسكەن دەپ ئۈمىدىم شۇ ! 
مۇھەببەت! 
مەن دائىم ساڭا تەبىر بىرەي دەيمەنۇ ، ئەمما، دەرھال بۇ خىيالىمدىن ۋاز كىچىمەن، چۈنكى مەن ئاشۇ تەبىرلىرىم تۈپەيلى سىنىڭ پەقەت شۇنچىلىك، بىر نەچچە  ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلگىكى بولىدىغان ئېنىقلىمىلىق ھالەتكە چۈشۈپ قېلشىنى خالىمايمەن.گەرچە سەن مىنىڭ قەلبىمدە ئاسماندىكى كۈندەك روشەن بولساڭمۇ ، ئەمما مىنىڭ بۇ قىران ھىس- تۇيغۇلىرىم ھەم ئاجىز تىلىم سىنى تولۇق تەسۋىرلەپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. شۇڭا مەن سىنىڭ مەڭگۈ قەلبىمدىكى ئاشۇ يۈكسەك خاقانىي ئورنۇڭ بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرشۇڭنى خۇددى دۇئا قىلىپ ئاتا-ئانامنىڭ ئۆمرىنى ، سالامەتلىگىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلىگەندەك تىلەيمەن ، ۋەسسالام ! 


مەنبە: ئۆزۈمنىڭ «ئىچكىردىكى بۇ ھايات» توپلىمىمدىن. 
بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى