ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ.
——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
قانداق جاھان بولۇپ كەتتى؟
-
قانداق جاھان بولۇپ كەتتى؟
ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 413 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قانداق جاھان بولۇپ كەتتى؟تۇرسۇنبەگ ياسىنبىر پەن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالغانغا دادام سەكرەپ ‹كۆزۈمدىن يوقال دىدى›، مەنمۇ بوش كەلمەي ،‹سەنمۇ ئۆي ئالالماي ھازېرغىچە ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىۋاتىمىز ، سەنمۇ بىر يارىماس › دىدىم . نەتىجىدە دادام مىنى يەنە ھارغۇچە ئۇرىۋالدى .
مۇئەللىم مىنى ‹كاللاڭ ئىشلىمەيدۇ ، مۇشۇ ھىسابنىمۇ بىلمەيسەن ›دىدى ، مەنمۇ ھىجاراپ تۇرۇپ ‹كاللىڭىز ئىشلىگەن بولسا سىزمۇ مالىم بوپ قالمايتىڭىز ›دىدىم ، نەتىجىدە مالىم دىگەن نامەرت مەكتەپكە دەپ مىنى جازالاتقۇزدى .
بىرسى يولدا مىنى سوقىۋىتىپ خىيالىدا يوق ئۆتۈپ كەتتى ، مەنمۇ ئارقىدىن قوغلاپ بېرىپ‹ مانا سوققان دىگەن› دەپ بىرنى سوقۇپ پاتقاققا چۈشۈرىۋىتىپ پوچى ئۆتۈپ كەتتىم ، نەتىجىدە بۇ نامەرت ئاغىنىلىرىنى باشلاپ كىلىپ مىنى ئۇردى .
بىزنىڭ مەكتەپنىڭ مودىرى مەكتەپنىڭ ماشىنىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋاپتۇ ، ئاڭلىسام مۇدېر بولغاندىكىن شۇنداق قىلسا بولارمىش ، ھە بوپتۇ، ئەمسە ئوقۇش پۇلى تۆلىگەندىكىن دەپ مەنمۇ پارتا-ئورۇندۇقلىرىمنى ئۆيگە ئېلىپ كەتتىم ، ئەتىسى مودېر مىنى ئىشخانىسىغا سولىۋېلىپ ساپمۇ-ساق بىر كۈن تىللىدى .
قىز دوستۇم مىنى تاشلاپ كەتكەندە ھەممىسى ‹مۇھەببەت دىگەن ھەر كىشىنىڭ ئەركىنلىكى ›دەپ كىتىشكەنتى ، مەنمۇ قىز دوستۇمدىن ئايرىلىپ كەتسەم ھەممىسى كىلىپ ‹نىمانداق نامەرتلىك قىلىسەن ›دەپ دەرىس ئۆتۈپ كىتىشتى.
-قانداق جاھان بولۇپ كەتتى بۇ....
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئىقتىساد ئۈستىدە ئىككى ئېغىز گەپ
2015-08-09 21:41:44680قانداق جاھان بولۇپ كەتتى؟
2015-08-09 20:12:34413مۇھەببەتنامە -ئىچكىردىكى بۇ ھايات
2015-08-09 22:08:39696ئەركەكلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟
2015-08-11 13:20:381033يانچۇقچىلارغا ئوچۇق خەت
2015-08-09 20:08:33565ياش بولغان گۇنامۇ؟
2015-08-09 21:55:34576ئىستىقبال سەھنىسىدە ئىستىقبال بارمۇ؟
2015-08-11 12:59:401093سۈكۈتتىكى سادا
2015-08-09 23:21:56566
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-