http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نۇمۇسسىزلىق نەدىن باشلىنىدۇ؟

نۇمۇسسىزلىق نەدىن باشلىنىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 823 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نۇمۇسسىزلىق نەدىن باشلىنىدۇ ؟
تۇرسۇنبەگ ياسىن

گەپ نۇمۇس ئۈستىدىن باشلانغاندا نۇرغۇن كىشىلەر نۇمۇسچان ياكى نۇمۇسسىز دىگەن سۆزنى ئىسىگە ئالىدۇ . 
نۇمۇسچانلىق ،ئەدەپ-ئەخلاق كۆپىنچە ھالدا قورسىقى تويغانلار كۆپرەك تەكىتلەيدىغان ئىبارىلەردۇر . قورسىقى تويمىغان ، كۈنىنى خاتىرجەم قىلىپ بولالمايۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئەدەپ-ئەخلاقنى ۋە نۇمۇسچانلىق دىگەنلەرنى ئويلىشىش تېخى ئۆچرىتى كەلمىگەن ئىشلار ھىسابلىنىدۇ . ‹مىھىر-مۇھەببەت ، ئەدەپ-ئەخلاق مال-دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتسىز › دىگەن گەپلەرگە ھە دەپ قويۇڭ ، پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس دىگەن گەپنى يەتكۈدەك پۇلى بارلار دەيدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچ بولمىسا ھازىر مۇشۇ گىپىنى چۈشەندۈرگىدەك ئەمەلىيتى ھەم پەلسەپىسى بار . ئاپئاق خوجىلار زامانىسىدىكى قەلەندەرچىلىك ، نامراتلىق ، مەينەتچىلىكنى شەرەپ بىلىدىغان ئۇ بىر زاماندىن كىيىنكى ھازىرقى بىر كۈندە بۇنداق دەبدەبىلىك ، ھاياجانلىق گەپلەرنى يانچۇقى توق كىشىلەرلا دەيدۇ . باشقىلار يەنە شۇ بۇ ئاينى ئۇ ئايغا ئۇلاش ، تاماق ئىتىپ ئۆي بېقىش غېمىدە .
 قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ، جاڭ-جاڭ سوغاقتا مۇزلاپ قېلىش خەۋپىدە قېلىۋاتقان ، قارا قىشتا ئاچ قېلىش گىردابىدا تۇرىۋاتقان بىر ئادەم ئۈچۈن پۇل ھەممىگە قادىر . ئۇنىڭغا شۇ تاپتا ‹مۇزلاپ ئۆلسەڭمۇ ۋىجدان –غورۇر بىلەن توڭلاپ ئۆلگىن ، ئاچ قالساڭمۇ ئەخلاقىڭ بىلەن ئاچ قالغىن ، شۇندىلا بىز سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن سىنى مەدىھىيلەيمىز ›دىگەندىن كۆرە ‹بۇ ئون سومغا ئىسسىق سۈيقاش ئىچىۋالغىن ، سوغۇقتا توڭلاپ كەتمىگىن › دىگەن سۆز مىڭ ئەلا . چۈنكى شۇ تاپتا نۇمۇسچانلىققا قورساق تويمايدۇ ، ئەدەپ –ئەخلاق سوغۇققا دال بولمايدۇ . 
 نۇمۇسسىزلارنىڭ ھەممىسى يامان ئادەم بولىشى ناتايىن ، يامان ئادەملەرمۇ مۇتلەق يامان بولىشى ناتايىن . كۈنبويى ئەدەپ-ئەخلاقنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر ئادەمنىڭ ئۆتمۈشىدە بەلكىم باشقىلارغا قاراڭغۇ بىر رەسۋالىق يوشۇرۇنغان بولىشى مۇمكىن . 
‹پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس ›دىگۈچىلەر چوقۇم ئەينى چاغلاردا پۇلغا بولغان مۇھتاجلىق جېنىدىن ئۆتكەنلەردۇر . ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ ئەسلىدە پۇلغا شۇقەدەر زار بولۇپ كەتكەن بىر ئۆتمۈشىنىڭ بارلىقىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمىغاچقا ، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ئەسلى بىر پۇلغا زار بولغان كەچمىشى بار يالاڭتۆشلىكىنى بىلدۈرۈشنى خالىمىغاچقىلا ‹ پۇل دىگەن قولنىڭ كىرى ، مال-دۇنيا ئادەمنىڭ روھىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ ›دىگەندەك ئاتالمىش ئەقىليە سۆز –ئىبارىلەر بىلەن ئۆز قەلبىنىڭ يوشۇرۇن بىر يىرىدىكى سىرلىرىنى يوشۇرىدۇ .  ئۇنداق ئەمەس بولسا قېنى شۇ مۆھتىرەملەر قولىنىڭ شۇ كىرىنى ماڭا بەرسۇن ،سىزگە  بەرسۇن . قېنى شۇ ئادەم روھىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان ئىبلىس پۇللىرىنى ماڭا بەرسۇن ،سىزگە بەرسۇن ، مىنىڭ ھەم سىزنىڭ روھىمىز خۇنۈكلىشىپ كەتسە ئۆزىمىز ئىگە بولايلى . ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلمايدۇ ، چۈنكى ئۇ گەپلەر پەقەت ئۇلارنىڭ پەردازلىرى خالاس ، پەردازلىرى ئېچىۋىتىلگەن ئادەمنىڭ ئەسلى كۆرۈنۈپ قالىدۇ .  
ئادەملەر مەيلى قايسى تەبىقە ، قايسى كەسىپتىن بولسۇن شەخسىيەتچىلىك ھەبىر ئادەمگە ئورتاق سالاھىيەت ھىسابلىنىدۇ . شەخسىيەتچلىك ھەممە ئادەم تىللاپ تۇرۇپ ئەمەل قىلىدىغان ھەقىقەتتۇر ، پەزىلەت بولسا ھەممە ئادەم چوڭ بىلىپ تۇرۇپ يىراقلىشىپ كىتىدىغان ئەمەلىيەتتۇر . 
جەمىيەت ئەخلاقى مەندىن ھەم سىزدىن نۇمۇسچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ ، ئەمما يەنە شۇ جەمىيەت نۇمۇسسىزلارنى كۆتۈرۈپ نۇمۇسچانلارنى باسىدۇ . شۇڭا قەيەرگە قارىسڭىز نۇمۇسچانلار ، پەزىلەتلىكلەر جاپا چىكىۋاتقان ، ئەجرىگە چۇشلۇق مىھنەتكە ئىرىشەلمەيۋاتقان ، نۇمۇسسىزلار بولسا يول تېپىپ داغدام كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز ، ئەڭ قىززىقى نۇمۇسسىزلار نۇمۇسسىزلىق بىلەن يول تېپىۋالغاندىن كىيىن ئاسانلا پەزىلەتلىك كىشىلەر توپىغا قېتىلىۋالالايدۇ . 
تۇغما نۇمۇسسىز تۇغۇلىدىغان ئادەم بولمايدۇ ،ئەمما نۇمۇسسىزلىقنى جان بېقىش ۋاستىسى قىلغان ئادەملەر كۆپ بولىدۇ .  نۇمۇسسىزلار قېتىدا قالغان بىر ئادەمنىڭ ھەمىشە شۇلار تەرىپىدىن پەزىلەتسىز دەپ قارىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس . 
ئەڭ پەسكەش يوللاردا بۇلغىنىپ چىقىپ يول تېپىۋالغانلار ئەتىدىن كەچكىچە ۋىجدان –غورۇر ، نۇمۇس –پەزىلەت، ۋەدە-قەسەمنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ . ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئادەم ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئەسكىلىكىنى ئۆز ئاغزى بىلەن دىگەن ئادەم بولماستىن ، بەلكى ئۆزىنىڭ دىيانەتسىزلىكىنى ئۇلۇغۋار سۆزلەر بىلەن يېپىپ باشقىلارغا نۇمۇس دەرسى بىرىدىغانلاردۇر . 
پەزىلەتلىك كىشىلەرگە نىسبەتەن ۋىجدان ھېچقانداق ئالاھىدە نەرسە ئەمەس ، پەقەت نەپەس ئالغانغا ئوخشاشلا بىر ئادەت خالاس ، شۇڭا ئۇلار ئاۋارە بولۇپ داۋراڭ سالمايدۇ . ‹بۇ يەرگە ئەخلەت تاشلىماڭ !› دەپ ئەسكەرتىش يېزىلغان جاينىڭ ئەتراپىدا چوقۇم تاشلانغان ئەخلەت بار ، ‹ قالايمىقان ماشىنا توختاتماڭ !› دەپ خەت چاپلانغان يەرگە كىشىلەر ھەمىشە ماشىنىسىنى توختىتىۋالىدۇ ، ‹ ۋىجداننى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىمەن ، غورۇر ئەڭ مۇھىم ، ۋەدىگە ۋاپا قىلماق لازىم ›دەپ داۋراڭ سالىدىغانلارنىڭ ئۆزى ھەمىشە شۇنداق قىلمايدىغانلاردۇر . چۈنكى چاكىنا كىشىلەر ھەمىشە ئامالسىز قالغاندا ۋىجداننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ  .
كىشىلەر بىزدىن سەمىمىيلىكنى تەلەپ قىلىدىيۇ ، ئۆزى سەمىمىيلىك قىلمايدۇ ، بىزدىن نۇمۇسچانلىقنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇپ ئۆزى نۇمۇسسىزلىق قىلىدۇ ، بىزدىن ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى ئىستەپ تۇرۇپ ئۆزى ئەمەل قىلمايدۇ . 
بىرسى تەرىپىدىن ۋاپاسىز دەپ قارىلىش يامان ئىش ئەمەس ، گەپ كىمنىڭ سىزنى ۋاپاسىز دىيىشىدە . ۋاپانىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىرسى سىزنى ۋاپاسىز دىسە ئۇنىڭغا ھېچنىمە دىمەستىن چىرايلىق ئەينەكتىن بىرنى سوۋغا قىلىپ ئارقىسىغا ‹ۋاپاسىزلىق مەن ئۈچۈن ئىسىل پەزىلەت ، ۋاقتىڭىز چىقسا مۇشۇ ئەينەككە قاراپ بىرىڭ !› دەپ يېزىپ قويۇڭ . چۈنكى بەزى ئادەملەر ئۆزىگە بەك ئۇلۇغدەك تۇيۇلۇپ كىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۆزىچە شۇ ئۇلۇغلۇق سالاھىيتى بىلەن سىزگە بۇلۇڭ-پۇچقاقتىن ئاڭلىۋالغان سۆزلەر بىلەن دەرىس ئۆتكۈسى كىلىپ كىتىدۇ .
ھەربىر تىرىشىۋاتقان ، كىچىلىرى باشقىلارغا قارىغاندا ئاز ئۇخلاپ ئويلىنىۋاتقان ئادەمنىڭ چوقۇم غورۇرىغا قاتتىق تەگكەن بىر ھىكايىسى بار . 
جەمىيەت كىشىلەردىن ئەخلاقلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ، لىكىن ئەخلاقلىق كىشىلەرنى پەشۋالاپ تۇرىدۇ . بۇنى بەزىلەر ‹قانچە ئىگىزگە ياماشسا ،شامال شۇنچە قاتتىق تىگىدۇ › دىگەندەك يېرىم توغرا ئەقىلىيە سۆزلەر بىلەن شەرىھلەپ بىھۇدە شاپىلاق يەۋاتقانلارغا روھىي تەسەللىي بىرىدۇ . ‹قانچە ئىگىزگە ياماشسا ،شامال شۇنچە قاتتىق تىگىدۇ › دىگەن بۇ گەپ ھەقىقەت ئەمەس ، بۇ پەقەت مەلۇم بىر جەمىيەتتىكى رىئاللىق  خالاس ، خۇدا شۇنچە ئادالەتسىزما ؟  بەزى چاكىنا كىشىلەرنىڭ باشقىلارنى پۇتلاپ ئازار بىرىشى ، پەسلىك بىلەن ،باشقىلارنىڭ كۆزيېشى بىلەن ئىككى توك-توك پۇل تېپىپ تېخى تۈنۈگۈن-بۈگۈن ئورنىنى تىكلىۋالغانلارنىڭ پەزىلەت تونىغا ئورىنىۋېلىپ باشقىلارنى تەنبىھلىشى  ھەرگىزمۇ ‹ ئاللاھ ئۆزىگە يېقىن بەندىلىرىنى ھەرخىل سىناقلار بىلەن سىنايدۇ ›غانلىقتىن ئەمەس ، ئەگەر  شۇنداق بولىدىغان بولسا خۇدا ئۆزىگە يېقىن بەندىلىرىنى سىناش ئۈچۈن ئاشۇنداق پەسلەرنى ، نائەھلىلەرنى تاللارما ؟ بۇ پەقەت جەمىيەنىڭ ، جەمىيەتتىكى توخۇ يۈرەك كىشىلەرنىڭ شۇنداقلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ ، شۇلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ شۇلارنى نوچى قىلىپ قويغىنىدىن خالاس . 

بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى