http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بوي سۇنۇشمۇ بوي سۇندۇرۇشمۇ؟

بوي سۇنۇشمۇ بوي سۇندۇرۇشمۇ؟

ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 754 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


بوي سۇندۇرۇشمۇ بوي سۇندۇرۇلۇشمۇ؟
تۇرسۇنبەگ ياسىن
ئىنسانلار دۇنياسىنىڭ تارىخى تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشتىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرغا كەلگەنلىكى ھەقىقەت ،شۇنداقلا ئاز بولمىغان تەرەپلەردىن ئىنسانلارنىڭ بويسۇندۇرىلىۋاتقانلىقى ھەم ھەقىقەت . شۇ تەرەپتىن ئىنسانلار زادى بوي سۇندۇرغۇچىمۇ ياكى بويسۇندۇرۇلغۇچىمۇ بىز بۇنىڭغا ھازىرچە ئېنىق جاۋاپ بىرىشكە ئامالسىزدەك قىلىمىز .
يېقىندىن بىرى ‹پالانچى جۇڭگۇنى بوي سۇندۇردى ،پالانچى جۇڭگۇنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى ،پالانچى جۇڭگۇنى ھەيران قالدۇردى ›دەيدىغان خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ‹ھاڭ-تاڭ قېلىش ،بوي سۇندۇرۇش ›دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بولۇپمۇ جۇڭگۇدەك مۇشۇنداق چوڭ بىر دۆلەتكە نىسبەتەن بۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ ياكى چۈشىنىشكە سەۋىيەم يەتمەيۋاتامدۇ دەپ ئويلىنىپ قالدىم . 
ئۇيغۇرلاردىن جۇڭگۇغا نىسبەتەن ھالدا تونۇلغانلار ئاساسەن سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بولۇپ،كۆپۈنچىمىزنىڭ نەزىرىدە جۇڭگۇ چوڭ قۇرۇقلىقىدا ئەسقەر كۆكبۆرە ،ئەركىن ئابدۇللا ۋە كىچىك چولپان ئارفانلار يېقىنقى مەزگىلدە نىسبەتەن بۇرۇن تونۇلغانلار ھىسابلىنىدۇ . لىكىن بىز ھازىررغىچە مەيلى ئاخبارات ۋاستىلىرى ياكى بىزنىڭ كىشىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن ‹ئەركىن ئابدۇللا جۇڭگۇنى ھەيران قالدۇردى ،ئەسقەر خۈيلاڭ جۇڭگۇنى بوي سۇندۇردى ،ئارفان جۇڭگۇنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى ›دىگەندەك بايانلارنى ئاڭلاپ باقمىدۇق ، خەلقىمىز ئۇلارنى ياقتۇرىدۇ ھەم ئىتىراپ قىلىدۇ ،شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا بۇ باھالارنى ئۇلارغا بەرمەيدۇ ؟ ھازىرقى مودا لوگىكا بويىنچە بولغاندا ئۇلارنىڭ سەۋىيەسى جۇڭگۇنى بوي سۇندۇرۇشقا ،جۇڭگۇنى ھاڭ –تاڭ قالدۇرۇشقا سەۋىيەسى يەتمىدى دەپ جاۋاپ بىرىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ .
ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ ؟ئۇلاردا ھەقىقەتەن سەۋىيە يوقمۇ ؟ ئېنىقكى ئۇنداق ئەمەس ،بىزنىڭ بۇ يەردە نىمىشقىلىقىغا جاۋاب ئىزدەپ يۈرۈشىمىز ھاجەتسىز .خوش ئەمسە يېقىندىن بىرى يۈز بىرىۋاتقان ‹جۇڭگۇنى بوي سۇندۇرۇش ھادىسسى ،جۇڭگۇنىڭ كۆزىنى ئالاق –جالاق قىلىۋىتىش ھادىسسى › قانداق ئىش ؟
سېپى ئۆزىدىن مەلۇمكى مەلۇم بىر ئادەمنى ،بولۇپمۇ بىر ئۇسۇلچىنى ،كوچا ئۇسۇلى ئوينايدىغان بىر كىچىك بالىنى ياكى يەنە بىرسىنى جۇڭگۇنى بويسۇندۇردى دىيىش سىلىقىراق دىسەك توغرا ئەمەس،قوپالراق دىسەك ئېشىپكەتكەن لاۋزىلىق ۋە چاكىنىلىق . 
دۇرۇس بىز بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئۇلارنى چاكىنا دىمەكچى ئەمەس ،‹جۇڭگۇ ياخشى ئاۋازى ،ياخشى ئۇسۇلى ›قاتارلىق پىروگىراممىلارغا چىقىۋاتقان ۋە چىققانلار ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىك ھەم ئەخلاقلىق كىشىلىرىمىز ،بىز ئۇلاردىن پەخىرلەندۇق ھەم پەخىرلىنىۋاتىمىز .ئەمما بۇ پەخىرلىنىش ئاخىرى داۋاملاشقانسىرى ئۆزىگە مەپتۇنلۇق كسىلىگە ئايلىنىپ چاكىنىلىققا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقىنىنىمۇ ئىتىراپقىلماي تۇرالمايمىز . ئەلۋەتتە ئۇلار ئۆزىنى ‹ مەن جۇڭگۇنى بويسۇندۇردۇم ،مەن جۇڭگۇنى ھاڭ –تاڭ قالدۇردۇم ›دىگىنى يوق ، ھەم بىر ساپالىق ،تەربىيە كۆرگەن كىشى بۇنداق لوگىكا ھەم باشقا ھېچنىمىگە چۈشمەيدىغان تۇترۇقسىز گەپنى قىلىشىمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئاغزىدا ‹جۇڭگۇنى بويسۇندۇردى ،ھاڭ –تاڭ قالدۇرىۋەتتى › دىگىنىنى ئاڭلىغاندا قانداق ئىپادە بىلدۈرگەندۇ ؟ كەمىنە ئۇلار بۇنى كۆرمىدى دىگەنگە ئىشەنمەيمەن ،چۈنكى بىر ئۇسۇلچىمىزنىڭ شۇ تىمىدىكى باشقىلار يازغان يازمىلارنى  مىكروبىلوگىدا ‹رەھمەت ›دەپ تارقىتىشلىرى ئۇنىڭ بۇنى كۆرگەنلىكى ھەم ئۆز-ئۆزىگىمۇ شۇ باھانى بەرگەنلىكىنى ،ھېچ بولمىغاندا شۇ باھانى قوبۇل قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ .بىر ئادەم ئۆزىگە قارشى باھالارنى شۇنچىلىك ئاسان رەت قىلالايدۇ ،ئەمما ئۆزىنى كۆككە ئۇچۇرغان ،بولۇپمۇ بۇ قېتىمقىدەك تۇزى ئۆتەپ كەتكەن دەرىجىدىكى ماختاشنى رەت قىلالمىسا ،ياكى ئۇنىڭغا ‹بۇنچىلا ماختاشقا لايىق ئەمەسمەن ،رەھمەت ئاشۇرىۋەتتىڭىز › دىيەلىشى بەسى مۈشكۈل بولسا كىرەك .
خوش ،بىز ‹جۇڭگۇنى بوي سۇنددۇرۇش ›نى نىمىشقا تۇزى ئۆتەپ كەتكەن دەپ قالدۇق ؟ ئىككى ئېغىز ئاساس سۆزىمىز بولمىسا بولماس ...
1.جۇڭگۇ ھازىرقى سىتاستىكىدا 1300000000(بىرمىلىيارت ئۈچ يۈزمىلىيون )نوپۇسلۇق بىر چوڭ دۆلەت ،دۆلىتىمىزدە ئاساسلىقى خەنزۇلار ۋە بىز ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپ 56 مىللەت ياشايدۇ ،56 مىللەتتە 56 خىل مىجەز –خۇي ،مەدەنىيەت بار ،مۇشۇنداق بىر چوڭ دائىرىنى ھەم ئۇنىڭ خەلقىنى بوي سۇندۇرۇش بىر ئۇسۇلچى ،بىر كوچا ئۇسۇلى ئوينايدىغان كىچىك بالا ياكى يەنە بىر ئۆزگىچە ئاۋازلىق ناخشىچىنىڭ ئەمەس بەلكى جۇڭگۇ تارىخىدىكى مانا مەن دەپ مەيدىسىگە مۇشىتلىغان ھەرقانداق خان ھەمپادىشاھنىڭمۇ قولىدىن كەلمىگەن . 
2.‹بوي سۇندۇرۇش ›سۆزىنىڭ مەنىسىگە قارايدىغان بولساق ،بوي سۇندۇرۇش –ئەل قىلىش ،باش ئەگدۈرۈش دىگەندەك مەنىلەردە بولۇپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىمىز تارىخىتا ياۋا ئاتلارنى ،ئىشەكلەرنى بوي سۇندۇرغان ھەم ئۇلارنى كۆندۈرۈپ مىنىگەن ،جاھانغا نامى تارالغان چىڭگىزخانمۇ نۇرغۇن زىمىنلارنى ئىدارە قىلغان ،لىكىن شۇ زىمىندىكى خەلىقنى بوي سۇندۇرالىغان ئەمەس ،ئەگەر شۇ زىمىندىكى خەلىقنى ھەقىقى بوي سۇندۇرالىغان بولسا بەلكىم بىزلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا بۇ ۋاقىتقىچە ئاساسەنن مۇڭغۇللىشىپ كەتكەن بولاتتى . ئەمدى قوپۇپ ‹بوي سۇندۇرۇش ›دىگەن بۇ سۆزنى بىز پۈتۈن جۇڭگۇغا بىر ئۇسۇلچى ناخشىچى نامىدىن تارقاتساق خەق كاسىسى بىلەن كۈلىشى ئېنىق . 
3.ئۇلار قاتناشقان پىروگىراممىنىڭ شەكىل نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئۇلار قايىل قىلدى دىيىلسە سەھنىدىكى رىياسەتچى ،تۆت باھالىغۇچى ،تاماشىبىن ھەم شۇنداقلا بىر قىسىم تىلىۋىزوردىن كۆرىۋاتقان تاماشىبىننى قايىل قىلدى ،جۇڭگۇدا تىلىۋىزور كۆرمەيدىغان ئادەم ،ياكى ئۇلارقاتناشقان پىروگىراممىنى كۆرمىگەن ئادەم كۈرمىڭ ،شۇڭا بىزنىڭ ئاتالمىش زولاپ شۇلارنىمۇ قوشۇپ ‹بوي سۇندۇرۋېلىشىمىز › ئۇلارغا بولغان قوپاللىق خالاس .
ئىچكىردە ئوقۇغان ياكى ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغان دوسلارغا ئايانكى ئىچكىردىكى مەدەنىيەت –ساپالىق كىشىلەر بىزنىڭ كىشىلىرىمىزنى كۆرسە  你太帅了,帅爆了,你好美,美死了(بەك كىلىشكەنكەنسەن ،ئالامەت كىلىشكەن بولۇپ كىتىپسەن ،بەك گۈزەلكەنسىز ،دەھشەت گۈزەل بولۇپ كىتىپسىز )دىگەندەك ماختاش ئىبارىلىرىنى دائىم ئىشلىتىدۇ . سەمىمىيلىك بىلەن ئېيىتقاندا بىز بەزىدە ‹ماۋۇ قىز ئەجەپ گۈزەل ›ياكى ‹ماۋۇ يىگىت ئەجەپ كىلىشكەن ھە !› دەپ ئويلاپ باقمىغان ياكى ئۇنداق ئالاھىدە دىققەت قىلىپ باقمىغان خىزمەتداش ،ساۋاقداشلارنىڭ ئىچكىردە باشقىلار تەرىپىدىن بۇنداق ماختىلىپ تۇرىشى ئىنتايىن تەبىئىي ھەم كۆپ ئۇچىرايدىغان ئىش ،بۇ بىر تەرەپتىن بىزنىڭ تەققى –تۇرىقىمىزنىڭ جۇڭگۇدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمىغانلىقىمىزدىن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن خەنزۇ خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت . شۇڭا ئىچكىردە ئوقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە خەنزۇ ساۋاقداشلار تەرىپىدىن جىقراق ماختىلىپ غادىيىپ كەتسە ئۇيغۇر ساۋاقداشلاردىن دەككىسىنى يەپ كەمتەرلىشىپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ . 
خوش بىز بۇنى دىيىش ئارقىلىق نىمە دىمەكچى ؟ بىز دىمەكچى : ئۇ ‹جۇڭگۇ ياخشى ئۇسۇلى ›غا چىقىشتىن بۇرۇنمۇ ئۇسۇل ئوينايتى ،بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ياشايتى ،بىزگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى ،لىكىن نىمىشقا ئۇ چاغلاردا ماختالمىغانتى . يەنە بىرەيلەننىڭ ئالاھىدە ئۇسلۇپتىكى ئاۋازىنى ھەم ناخشىسىنىمۇ بىزگە ئاڭلاۋاتقىنى يىللار بولغان ئىدى ، بىز ‹ھە ›دەپ قويغانتۇق ،لىكىن بىرەر قېتىم بولسىمۇ ‹جۇڭگۇنى بويسۇندۇردى ›ئەمەس ‹قاراماينى بويسۇندۇردى ،ئۈرۈمچىنى بويسۇندۇردى ياكى سانجىنى بويسۇندۇردى ›دەپ باقمىغان ئىدۇق .ئۇ گىتتار كۆتۈرۈپ ‹جۇڭگۇ ياخشى ئاۋازى›غا چىقىپ بىزنىڭ سەھنىلەردە ،توي-تۆكۈنلەردە ئوقۇلسا %99 پاراڭ بىلەن ئۈزۈلۈپ كىتىدىغان ،ياكى ‹نىمە ئوقىۋاتىدۇ ئاۋۇ ›دەيدىغان بىر ناخشا بىلەن سەھنىدە ناخشا ئورۇنلىۋىدى باھالىغۇچىلار ماختىشىپ كەتكەندىن كىيىنلا ‹جۇڭگۇنى بويسۇندۇردى ›دەپ تورنى بىر ئالدى .بىز شۇنى تەكىتلەپ قويماقچىمىزكى ،بىز ھەرگىزدىن ھەرگىز ئۇ ياخشى ئېيىتمىدى ياكى ئۇسۇلنى ياخشى ئوينىمىدى دىمەيۋاتىمىز ،ھەقىقەتەن ياخشى ماھارەت كۆرسەتتى ،بىزنى ئىپتىخارلاندۇردى . بىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىمىز يېنىمىزدا ياشاۋاتقان كىشىمىز قانداق بولۇپ باشقىلار باھا بەرگەندىن كىيىن ئاندىن بىز تەرىپىمىزدىن ماختىلىدىغان بولۇپ قالدى ؟دەۋاتىمىز . 
 بۇرۇن بىر جاڭگالدا بىر توپ مايمۇن ياشايدىكەن ،بىر مايمۇننىڭ قۇيرۇقى دەرەخ ئۈستىدە سەكرەپ ئويناۋېتىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن دەرەخ شېخىغا قىسىلىپ قېلىپ ئۈزۈلۈپ كىتىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن مايمۇننىڭ قىپقىزىل كاسىسى تېخىمۇ ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ .باشقا مايمۇنلار ئۇنى كۈندە مازاق قىلىپ ئوينايدىكەن . بىر كۈنى يولۋاس مايمۇنلارنىڭ يېنىغا مىھماندارچىلىققا كەپتۇ ،يولۋاس ھېلىقى قۇيرۇقى يوق مايمۇننى كۆرۈپ ‹ ھوي ،بۇنداق بولسىمۇ بىرخىل باشقىچە بولدىكەن –ھە ،قۇيرۇق بولمىسا يەڭگىللەپ قالغاندىن باشقا شامال ئۆتۈشۈپ شۇنداق راھەت ياشايدىغانسەن ھە › دەپتۇ .يولۋاس كىتىپتۇ ، شۇ كۈندىن باشلاپ باشقا مايمۇنلار ھېلىقى مايمۇننى چوڭ كۆرىدىغان ،ئۆزلىرىنىڭ قۇيرۇقى كۆزلىرىگە سەت كۆرنىدىغان بولۇپ قاپتۇ . 
بۇرۇننىڭ –بۇرنىسىدا بىر كىشىنىڭ كالىسى بىر موزاي تۇغۇپتۇ ،بۇ موزاي شۇنداق سەت تۇغۇلۇپتۇ ،لىكىن بۇ كىشى بۇرۇندىن باشقا كالا كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن ،شۇڭا ئۆزىنىڭ موزىيىنىڭ چىرايلىق ياكى سەتلىكىنى بىلمەي يۈرۈيدىكەن .بىر كۈنى يات بىر شەھەردىن بىر يولۇچى يولدىن ئۆتكۈچە ئۇسساپ كىتىپ بۇ كىشىدىن بىرچىنە سۇ سوراپ ئىچمەكچى بولۇپ ئۆيىگە كىرىپتۇ ، ئۇ كىشى سۇنى ئىچىپ بولۇپ ئانىسىنىڭ يېنىدا ئويناپ يۈرگەن موزاينى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە دەپتۇ : -ۋاي-ۋۇي نىمانچىۋالا كىلىشكەن موزاي بۇ ،ئەلا نەسىللىككەن ، ئەگەر بىزنىڭ يۇرىتتا بولىدىغان بولسا پادىىشاھ مىڭ سەر ئالتۇنغا سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ خانلىق شاھانە ئېغىلىىدا باققان بولاتتى ›دەپتۇ . يولۇچى كىتىپتۇ .موزاينىڭ ئىگىسى شۇ كۈندىن باشلاپ موزىيىنى ئېغىلدىن ئۆيگە ئەكىرىپ ئۆزى يىمىگەننى بىرىپ بېقىپتۇ –ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ‹مەن شۇ يولۇچىنىڭ يۇرتىدا ياشاپ قالغان بولسامچۇ ›دەپ ئاھ ئۇرۇپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ .
يەنە بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىزنىڭ ئۆيدە بىر تاش بار ئىدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋىمىزنىڭ بوۋىسىنىڭ بوۋىسى ‹بۇ تاش بەش كىلو كىلەر › دەپ يېزىلغان ئىدىلەر ،ئەمما دادام ئىككىمىز ئەزەلدىن ‹بۇ تاش بەش كىلو كەلمەيدۇ ›دەپ قارايتۇق ،بىر كۈنى تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆيىمىزگە مىھمان بولۇپ كەلدى .دادام ھېلىقى تاشنى بۇ كىشىگە كۆرسىتىپ ‹بۇ تاشنىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك كىلەر ؟› دەپ سورىدى . ئۇ كىشى تاشنى قولىغا ئېلىپ دەڭسىۋەتكەندىن كىيىن ‹بۇ تاش بەش كىلو كىلىدىكەن ،ئۈستىگىمۇ شۇنداق يېزىلىپتۇ ›دىدى . شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىن باشلاپ دادام ئىككىمىز ئۇ تاشنىڭ بەش كىلو كىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدۇقلەر .


بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى