http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

سىيىت نوچى: مەن نوچىمۇ ئەمەسمۇ؟

سىيىت نوچى: مەن نوچىمۇ ئەمەسمۇ؟

ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 1054 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سىيىت نوچى: مەن نوچىمۇ ئەمەسمۇ؟
فىليەتون 
تۇرسۇنبەگ ياسىن (ئارسلان )
شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكىنىم بىلەن يەنە ئانچە -مۇنچە مەتۇراق تەرەپلىرىممۇ بار ئىدى ، پات-پات ئۆستەڭبويى ياكى خام بازىرى تەرەپلەردىكى ساماۋەرخانا ، چايخانىلاردا بوۋايلار بىلەن ئولتورۇپ چاي ئىچىپ قىززىق - قىززىق پاراڭلىرىنى ،ئۆتمۈشلىرىنى ، دىيارىمىزنىڭ تۈنۈگۈنىدىكى مويسىپىتلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلايتىم ، ئەلۋەتتە ، بەزى بوۋايلار ياشلىقىدا قايسى قىزغا كۆيۈپ قالغىنى ، قانداق تەلەپ قويغىنى ، قىزنىڭ دادىسىنىڭ ئىتقا تالىتىۋەتكىنى دىگەندەك پاراڭلارنىمۇ قىلىشىپ كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋىتەتتى . بۈگۈنمۇ يەنە بىر چايخانىدا بوۋايلار بىلەن بىللە ئىدىم.
- ‹ھازېرقى ياش باللاردا ئۇنداق يۈرەك يوق › دەپ قوياتتى بوۋايلار،
-ھازېرقى ياش باللا ئاۋال ئۆيدىن چىقماي قىزلاغا خەقنىڭ تىلپۇنىدا تىلپۇن قىلىپ بىر گەپ قىسسام تىللامسىز ياقمۇ ؟دەپ ئاۋال خېتىنى ئېلىۋېلىپ ئاندىن گەپ قىلىدۇ ، ئاچچىقى كەلمىسە لازا يەپ باقىدىغان باللارزە مۇشتا قىلىدىغان گەپ .
-شۇشۇ ، ھازېر قىزباللارننىڭ دادىسى ھېلىقى ياش ۋاقىتلىرىمدا ھازېرقى مەزلۇمۇمنىڭ دادىسى رەھمەتلىك مىنى ئىتقا تالىتىۋەتكەندەك بىر ئىتقا تالىتىۋىتىپ باقسۇن قېنى، ‹ كۆتۈر كەشىڭنى ،قىزىڭنى چىكەڭگە تاڭ ، دورا پۇلۇمنى تۆلەيسە› دىيىشتىن يانمايدۇ بۇ باللا .
بۇ بوۋاينىڭ گىپى ئازراق ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ ،ئەمما كۈلكىدىن قەتئىي ئۆزۈمى تۇتالماي كۈلۈپ تېلىقىپ كەتتىم .
ھەممەيلەن دۈررىدە مىدىرلىشىپ ‹سىيتاخۇن كەلدى ، سىيتاخۇن كەلدى › دىيشىپ كەتتى ، يا ئاللا بۇ كىشىگە خۇدايىم بوي دىگەننى  بىر كىشلىك بىرىپتىكەن ، مىنىڭ بېشىمدىن يېرىم مىتى ئاشىدىغان ئىشىكتىن بېشىنى ئىگىپ كىردى .
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئاغرىدىم دەپ دۈم يېتىۋالماي ئامان تۇرۇپ بەردىڭلارمۇ ؟ سىيىت نوچى  پويىزدەك بوڭ ئاۋاز بىلەن شۇنداق چاق -چاق ئارلاش سالام بىلەن كىردى ، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ چايخانىنى سۇپۇسىنىڭ تۆر تەرىپىدىن ئورۇن بەردۇق ، قىسقىلا دۇئادىن كىيىن چايخانىدىكى پاراڭلار يەنە ئەسلىگە قايىتتى . 
-مۇشۇ سىيتاخۇننىڭ ھازېرقى خوتۇنىنى قانداق ئالغىنى ھەممىدىن قىززىق .دىدى بىر بوۋاي كوماك ئاغزىدا خىر -خىر كۈلۈپ .
-ھەھە ، سىيىتكا ، قانداق ئالغانتىڭىز ، دەپ بىرىڭا ، دىدى مەندىن سەل چوڭ دىمەتلىك ئاشخانىلارغا سۇ توشۇپ جېنىنى باقىدىغان توختى ئىسىملىك بىر بالا .
-ئىشقىلىپ قېيناتامغا سۇ توشۇپ بىرىپ يالۋۇرۇپ ئالمىغان . سىيىت نوچىنىڭ بۇ چاقچىقىنىڭ  تېگىگە يەتكەن ھەممىمىز يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ تېلىقىپ كەتتۇق .
- ھە شۇ ، سۇ توشۇپ بىرىپ ، بولسا پۇتىنى تۇتۇپ قويۇپ ئالاي دىسەممۇ ماڭا يوق ئەمەسمۇ شۇ ، دىدى توختى  قولىدىكى گىردىنى پىيلىدىكى چايغا تۆگۈرگەچ .
- دەڭلا سىيتاخۇن ، ما ياش باللارنىڭ كۆزى ئېچىلىپ قالسۇن ، دىدى بىر بوۋاي .
-سىلىمۇ قىززىقكەنسىلە ، سىلەر قاچان سىيتاخۇننىڭ ئكزىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئانداق قىلدىم ، مانداق قىلدىم دەپ سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ باققان ؟ مەزلۇمنىڭ ئىشىنى دەپ بىرەمدۇ ، مانا مەن دەپ بىرەي ، دىدى دائىم پاراڭ - لەتىپە دىگەننى تۆكىۋىتىدىغان مەخسۇم بوۋاي .
-  ماقۇل ماقۇل ، دىيىشتۇق .
- سىيتاخۇننىڭ قېيناتىسى رەھمەتلىك ئەمما مەھەللىدە بىر ئادەم ئىدىكى ، ئەمما ئاچچىق دىگەننى خۇدايىم رەھمەتلىككە بىر كىشلىك ئەمەس بەش - ئالتە كىشلىك بىرىپ قويۇپتىكەن دەپ قالاتتىم ئەمما ، شۇ چاغلاردا يەڭگىمىزگە نۇرغۇن يەلەردىن ئەلچى كىرگەن ، ھەتتا ھېلىقى سىلە بىلىدىغان ، ھازېر ئۆزى قاسىمھاجى دىيۋالغان قاسىم بەڭگىمۇ دادىسى -ئانىسى ‹قايسى ھالىڭغا ئەلچى بولىمىز ›دىسە ئۇنىماي تىزلىنىپ يۈرۈپ ئەلچى كىرگۈزسە مويسىپىتلارغا قاتتىق گەپ قىلالماي ئوغلۇڭلارنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرىشەي دەپتىكەن ، قاسىم ئىشكتىن قىسىلىپ ھويلىغ كىرشىگىلا ‹ ساڭا بىرىدىغانغا چۈشۈپ قالغان قىزبالا يوق › دەپ بىلىدىن يۇلۇپ ئېلىپ ھويلا تېمىدىن ئەسكى چاپاندىن پىرقىرىپ ئاتسا يولنىڭ بويىدىكى ئۆستەڭگە چۈشۈپتىكەن ، بۇنى بىزنىڭ خوتۇن كۆرۈپ قاپتىكەن ، ھاھا ، ھەممىمىز قىززىقسىنىپ ئاخىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتۇق .
- ھەي خۇدايىم دىگەن كىمنىڭ ئوتنى كىمگە سالىدۇ ھېچكىم بىلمەيدىكەن ، شۇ ئوت سىيتاخۇنغا چۈشۈپ قالدى ، ئىككىيلەن ئۆزارا كۆيۈشۈپ يۈرسىمۇ ئەمما قىزنى دادىسى نەچچە قېتىم ئەلچىلەرنى قۇرۇق قايتۇردى ،شۇنىڭ بىلەن سىيتاخۇن رەھمەتلىك قېيناتىسىنىڭ قىزنى ئاسان بەرمەيدىغىنى پەملەپ چوڭ يولدىلا رەھمەتلىكنىڭ ئالدىغا چىقىپ ‹ئۇرسىلىمۇ ، تىللىسىىلىمۇ مەيلى ئۆزلىرىنى ئاتا ، قىزلىرىنى خوتۇن قىلىشنى ئىرادە ئەتتىم ، دەپ قول باغلاپ تۇردى ، رەھمەتلىك‹ قىز بەرسەم بولدى مۇشۇنداق بىلىنى باغلىغان ئەركەككە بىرەي › دەپ چىرايلىق تويىنى قىلىپ قويغان . ھاھا.
-قالتىس ، قالتىس دىيىشىپ كەتتۇق .
- سىيىتكا بىر گەپنى ئۆزلىرىنىڭ ئاغزىدىن بىر ئاڭلايلى ،دىدى باياتىندىن بىر چەتتىرەك جىم ئولتۇرغان خالىق دىگەن دۇكانچى كىشى سەل ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ . مۇشۇ ھازېرقى كومپارتىيەنىڭ زامانىسىدا سىلىنىڭ ئۆلۈملىرى توغۇرلۇق ھەرخىل پاراڭلار بولىدۇ ، بەزىلىرى سىلىنى سىيىت نوچى ، سىيىت گاڭگۇڭ ، ھەقىقى ئەركەك دىيشىدۇ ، يەنە بەزىلەر سىلىنى ئەخمەق ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى مۇشۇ قەشقەرگە كۆتۈرۈپ كەلگەن، مىنى ئۆلتۈر دەپ مەمەدان نوچىلىق قىلغان نادان،نوچى ئەمەس بېشىغا چىققان پوچى دىيشىدۇ ،  زادى بۇ ئىشقا ئۆزلىرى نىمە دەيلا ؟ بۇ ئادەم ئادەتتىمۇ مۇشۇنداق ياغاچتەك تۈزلا گەپ قىلىدغان ئادەم ئىدى .
پۈتۈن چايخانا بۇ گەپتىن چىۋىن ئۇچسا بىلگىنى بولغۇدەك تىمتاس جىمجىتلىققا چۈمدى . ئۇنى نىمە دەر دەپ ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراشتۇق . سىيت نوچى قولىغا ئالغان پىيالىدى چاينى گۈپپىدە ئىچىۋىتىپ پىيالىنى تاققىدە يېنىدىكى شىرە ئۈستىگە قويدى . شۇ تاپتا ماڭا ئۇنىڭ كۆزىدىن ئوت يېنىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى .
- جان دىگەن ئاللاھنىڭ بىز ھەربىر بەندىسىگە قىلغان ئامانىتى ، دەپ سۆز باشلىدى ئۇ .  ئاللاھ ئۆزىنىڭ تاپشۇرغان ئامانىتىنى ئۆزى قايتۇرۇپ ئالغۇچىدۇر ، شۇل سەۋەپ بىزنىڭ بىراۋنىڭ قېنىنى ھارامدىن تۆكۈشىمىز كەچۈرگۈسىز گۇناھ بولۇپلا قالماي ، ئۆز جېنىمىزنىمۇ بىراۋغا بىھۇدە تاپشۇرۇشىمىزمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بىلەن ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ ئامانىتىگە قىلىنغان خيانەتتۇر . 
-دۇرۇس ، دۇرۇس ، دىيشىپ باش لىڭشىتىشتۇق . 
- كىچىكىمگە شەرت -شارائىتلار سەۋەبىدىن ئىلىم ئىشىكىدىن يىراق بولۇپ قالغىنىم راس ، لىكىن ئاللاھ ماڭا بۇ ئىشىكنى يىراق قىلغىنى بىلەن ھەق - ئادالەت ، ئىنسانلىق يولىنى يىراق قىلغىنى يوق .  شۇ قېتىم قەشقەرگە كىلىش سەپىرىگە ماڭغنىمدا ۋاڭ ماڭا قەشقەر ئامبىلىغا يوللىغان خېتىنى تاپشۇردى ، ھەم چوقۇم ئىگىسىگە ئامان تاپشۇرۇشنى قاتتىق جىكىلىدى ، ھەممىڭلارغا ئايان ، ئامبال - دوتەيلەر خەت -چەكلىرنى ھېچقاچان باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ يوللىغان ئەمەس ، ھەمىشە مەخسۇس ئادەملىرىدىن مەخپىي يوللىشىدۇ ، مەشقاۋۇل بولغان چاغلىرىمدا بۇ ئىشلارنى تېخىمۇ چۈشەنگەنمەن . گەرچە خەتنى ئالغان بولساممۇ لىكىن كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپلا تۇردى ، دىيارىمىزدا تۇرغان قايسى بىر يات تىلدىن بولغان ئەمەلدار ، ۋاڭ غوجىلاردىن بىزگە ياخشىلىق يانغان ؟ ئۇنىڭ سەل گېلى قۇرىدى بولغاي ساماۋەرچى رېھىم بوۋاي لىقلىغان چاينى يەنە بىر ئوتلىدى .
شۇنداق قىلىپ سەپەرگىمۇ چىققان بولدۇم . ئايالىمغا بۇ ئىشلارنى ئېيتىش - ئېيىتماسلىقنىمۇ بىلمىدىم ، ئاخىرى بولماي  ئۇنىڭغا ئېيىتتىم ، ئۇمۇ تەشۋىشكە چۈشتى ، لىكىن ئىككىلىمىز قانداق قىلىشنى بىلمەيتۇق ، شۇ خىياللار بىلەن سەپەرنى داۋام قىلىۋاتقان ئىدۇق ، سىلەر بىلىسىلەر، ھېلىقى كۈنىدە سەپەر ئۈستىدە بىر بوۋايغا ئۇچۇرىدۇق ، بوۋاي ئۇنىمىساق -ئۇنىماي ئۆزى ئاچقان دەڭگە بىزنى باشلاپ بىر كىچە قوندۇرۇپ قالدى ، سەپەر ھاردۇقى يەرتتى بولغاي غىزادىن كىيىن قاتتىق ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن ، لىكىن ئاللاھ ساڭا نىسىپ قىلغان ھالال جۈپتۈڭ سىنىڭ غېمىڭنى ئۆزۈڭدىن بەكرەك يەيدىكەن ، ئۇ كىچىدە خەتنى ئېلىپ بوۋاينىڭ مەدرىستە ئوقۇيغان نەۋرىسىگە ئوقۇتقۇزۇپتۇ ، بىر چاغدا مىنى ئويغاتتى ، ‹نىمە ئىش ؟› دىسەم بۇ خەت دەيدۇ ، بوۋاي ، بوۋاينىڭ نەۋرىسى ، مەن ھەم ئايالىم تۆتىمىز كۆردۇق ، ھەقىقەتەن مىنىڭ ئۆلۈمنامەم ئىكەن ، بېشىمغا چاقماق تەككەندەك بولدۇم ، كىچىچە قانداق قىلىشنى ئويلاشتۇق ، ئاخىرى خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى قەشقەر دوتىيىنىڭ كونا دوستۇم ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، كىچىلەپ ئاتلىق ئۇنىڭغا بۇ ئىش توغۇرلۇق خەۋەر يوللاتقۇزدۇق ، خەتنى يۈتتۈرسەم ، كۆيدۈرسەم ئېنىقكى ۋاڭنىڭ بۇيرىقىغا قارشى چىققان ئىسيانكار بولۇپ كاللامنى ئېلىشقا ئۆزۈملا يول تېپىپ بەرگەن بولىمەن، ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ ، ئۈستىدە ۋاڭنىڭ مۆھۈرى بېسىلغان ، ئەتىسى قەشقەر دوتىيىدىن خەۋەر كەلدى ، خەۋەردە مىنى خاتىرجەم بولۇشقا ، ئۆزىنىڭ ئامالى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ ، تولۇق ئىشىنىپ كىتەلمىسەممۇ كونا بۇرادەرلىكىمىزنىڭ يۈزىدىن بولسىمۇ باشقا ئىش چىقماس دەپ سەپەرنى داۋام قىلىپ قەشقەرگە يىتىپ كەلدۇق .  لىكىن قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن دوتەي ئارقامغا پايلاقچىلارنى سېلىپ قويدى ھەم كۆرۈشكىنىمىزدە ھېچ ئىشنى بىلمەس بولىۋالدى ، بۇ ئىمانسىزلار ئاللىقاچان تىل بىرىكتۈرىشىۋالغان ئىكەن ، ‹دوسىت دىگەنلەر ئاتتى مۇش  ، ئىنساپ بارمۇ شەيتاندا › دىدىم غەزەپتە ، شۇنداق قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن بولدۇم ، كۆزۈم ئەزىز يۇرتۇم ، ئانا دىيارىمنى دەپ كەينىمدىلا قالدى ، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆلىمىگە ئېچىنمايمەن ، ھەم شۇنداقلا ئاخشىمى خوتۇنىنى ئويغاتمىسا خالاغا يالغۇز چىقالمايدىغانلارنىڭ سىيىت ئەخمەق ،نادان دىيىشلىرىگىمۇ پەرۋايىم پەلەك ، شۇنداقلا مۇشۇ ئۈگىنەي دىسەڭ ئۈگىنەلەيدىغان زاماندىمۇ ھورۇن - بىكارچىلىق بىلەن يۈرگەن نىمىلەرنىڭ سىيىت قاراقوساق دىيشىگىمۇ پەرۋايىم پەلەك ، مەن نوچىمۇ ئەمەسمۇ ؟ سىلەر بۇنى تالاشماڭلار ، مەن جاۋاپ بىرىشىم بىھاجەت ،قاچانىكى مىنىڭ ئۆلۈمۈم سىلەر كىيىنكىلەرگە ساۋاق بولىدىكەن مەن شۇ چاغدا ئاندىن ئۆزۈمنى نوچى دەيمەن . مىنى  ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى مىنىڭ شۇ ئۆلۈمۈمنىڭ كىيىنكىلەرگە يەتكۈدەك ساۋاق بولمايۋاتقىنىدۇر .  ئۇ شۇ سۆزلەر بىلەن قولىدىكى چاينى گۈپ قىلىپ ئوتلىدى -دە گۈس - گۈس دەسسەپ چىقىپ كەتتى . 
بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى