http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ياش بولغان گۇنامۇ؟

ياش بولغان گۇنامۇ؟

ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 577 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياش بولغان گۇناھمۇ؟

تۇرسۇنبەگ ياسىن (ئارسلان )


ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى ،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق .
يىرتلىسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى ،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق .
(ل . مۇتەللىپ )
بىر ئالىي مائارىپ باغچىسىدا ئىقتىسادشۇناسلىق بويچە ئىلىم ئېلىۋاتقان مەن ياش ھېسابلىنىمەن . مۇشۇ ياش ھەم ياشلىق توغرىسىدا ئويلۇنۇپ قالدىم . جەمىيتىمىزنىڭ كۆزى ھازرا ياشلاردا ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا چوڭلارنىڭ ، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ، ياشانغانلارنىڭ ياشلاردىن تاما قىلىدىغىنى كۆپكەن . ئۇلارنىڭچە جەمىيەتتىكى بارلىق مەسلىلەرنى ياشلار ياش بولغاندىكىن بىز ھەل قىلىشىمىز  كىرەك ئىكەن .  


ئا: مۇشۇ مەلىنىڭ توپا يولى قاچانمۇ ئوڭشىلار ، قار -يامغۇر بولسىلا پېتىق ....
ب:بىز قېرىدۇق دىسلە مامۇتاخۇن ، بۇنى ياشلا ھەل قىلا ئەمدى ....


بۇ دىئالوگدا ئاددى بىر مىسال  ئالدىم    ، توغرا بۇنى ياشلار ھەل قىلسا بولىدۇ ، ياشلار پۇل تېپىپ ھەل قىلسا بولىدۇ ، يۇقۇرغا ئىلتىماس قىلىپ ھەل قىلسا بولىدۇ ، ياشلا قولىغا كەتمەن ئېلىپ ئۆزى يول ئېلىپ ھەل قىلسا بولىدۇ .
ئەمدى بۇ يەردە بىر سوئال پەيدا بولىدۇ : مۇشۇ گەپنى قىلىۋاتقان ، ياشلاردىن مەلۇم نەرسىنى ياكى ئىشنى تاما قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ياش مەزگىلى بولغانمۇ - يوقمۇ ؟ بۇنى دىسەك نۇرغۇن ياشقا چوڭلا <بىز ياشىغان كوپراتسىيە دەۋرىدە تۇرمۇش جاپالقتى ، قىزىل قوناقنىڭ زاغرىسىنى يەيتۇق ......>دىيشى تۇرغانلا گەپ ، بوپتۇ يېشى 50-60تىن ئاشقانلارغۇ ياشلىقىڭىزنى كوپراتسىيەگە قۇربان قىلىپ ، مەدەنىيەت زور ئىنىقىلابىدا شوئار تولاپ قۇربان قىلىپ بەردىڭىز دەيلى ، خوش ،ئۆتۈپ  كەتكىنى 40يىل بولاي دىگەن مەدەنىيەت ئىنقىلابى بىلەن كەلمەسكە كەتكەن كوپراتسىيە يەنە داۋاملىق سىزنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشىڭىزنىڭ باھانىسىمۇ ؟ دىمەك سىز كوپراتسىيە ۋاقتىدا تۇغۇلۇپ قالغىنىڭىز ، شۇ ۋاقىتتىكى مەلۇم بىر مەزگىللىك تۈزۈلمە خاتالىقى سىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم ئىشنى قىلماسلىققا باھانىڭىز شۇنداقمۇ ؟


يېقىندىن بىرى مانا مۇشۇنداق پاراڭلارغا كۆپ داخىل بولىدىغان بولۇپ قالدىم ، مەن تۇرۇپلا بۇ جەمىيەت ياشلارغىلا قالدىمۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالدىم ، ئەمما ئۇنداق ئەمەسكەن . ئالىي ئۇنۋېرستتلارنىڭ دەرس مۇنبەرلىرىدە مۇتلەق چوڭلار ، ياشانغانلار  دوسكا ئالدىدا ئىكەن . مەملىكىتىمىزنىڭ باش شۇجىسىدىن تارتىپ كەنىت -مەھەللە سېكىرتارلىق ھوقۇقىغىچە بولغان مەمۇرىي ھوقۇق  مۇتلەق كۆپ قىسىم  ياشقا چوڭ ياكى ياشانغانلار تەرىپىدىن بىر قوللۇق ئىگەللەنگەن .  ئەنئەنىۋى ئادىتىمىز بويچىمۇ تۆردە چوڭلار ، پەگادا بىز ياشلار چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىلىۋاتىمىز ، ئەلۋەتتە بۇ بىر ئىسىل ئەنئەنە . 


دەرس مۇنبەرلىرىدىكى چوڭلاردىن تارتىپ توي تۆكۈندىكى تۆردە ئولتۇرغان چوڭلارغىچە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار بولسا < سىلەر ياش بولغاندىكىن........ياش ئادەم دىگەن .........>دەپ گەپ باشلاپ بىز ياشلارغا بولغان كىچىك-چوڭ نۇرغۇن تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويىدىكەن ، بىز تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ جىمجىت ئاڭلايدىكەنمىز .
شۇنىڭ بىلەن بىز ياش بولغاندىكىن چوڭلار بىزگە ئىشىنىدىكەن ، بىزنى چوڭ بىلىدىكەن دەپ خوشلۇقتا بىر ئىشلارغا تەمشىلىپ <بىسمىللا >دەپ قەدەم ئالماقچى بولىدىكەنمىز :


دادا: سەن گۇيمۇ ياش بولغاندىكىن .........


بالا :  دادا، ئاۋۇ جاڭگال تەرەپتىن ئوتتۇز مو يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلايمىكىن ، سەنچە بولارمۇ ؟
دادا : مۇشۇ ياشلارزە ، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ  يىيىشكە ئامراق زادى ، سېكىرتاردىن ئاشامدۇ ئۇ بوز يەر ساڭا ؟ سۇنى ئاسماندىن باشلاپ كىلەمسە ، مەبلەغ سالىدىغانغا پۇل بامۇ ؟ قۇرۇق خىيالنى ئاز قىلىپ ئومۇچۇڭغا ئوت قالا ....


مۇئەللىم :ساۋاقداشلار ، سىلەر ياشلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ، خەلىقنىڭ ئۆمۈدى، كىلەچەكنىڭ ئىگىسى ........


ئوقۇغۇچى : مۇئەللىم ، مىللىتىمىزنىڭ يېقىندىن بۇيانقى 300يىللىق تارىخنى بىر رەتلەپ يېزىپ چىقاي دەپ ئويلاۋاتىمەن ، سىزنىڭچە قانداق ؟
مۇئەللىم : ئۇكام تارىخ يېزىشنى ماقالە يېزىشتەك ئاسان چاغلاپ قالدىڭىزمۇ -يا ، چاق-چاق قىلىدىغان نەرسە ئەمەس تارىخ دىگەن ، نى-نى پىشقەدەم قەلەمكەشلەر قىلالمايۋاتقان ئىش ئۇ ، بولدى ئۇ گەپنى قويۇپ مەۋسۇملۈك ئىمتىھانغا ئوبدان تەييارلىق قىلىڭە .


باشلىق: سىلە ياشلار تايانچى كۈچ ، سىلەر دەۋېرنىڭ چاقى .......


خىزمەتچى : باشلىق ، مىنىڭچە ھەرقايسى ئىشخان _  بۆ لۈملەر بويچە بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك رەتلەش ئېلىپ بارساقمىكىن ، يەنە ......
باشلىق :ئۇكوم ، ئىشخانا - بۆلۈملەرنى رەتلەشنى سىز ما چاپىنىڭىزنىڭ توپىسىنى قاققاندەك ئاسان چاغلاپ قالغانما ، ئوشۇق ئىشقا چات كەيمەي مەن دىگەن ماتېريالنى كەچكىچە تەييارلاڭ بولۇڭ .


ئۇندىن باشقا يېڭىدىن ياشلارنى سۈپەتلەشكە قوشۇلىۋاتقان <پارنىكتا چوڭ بولغان ......كالا سۈتى ئەمگەن ......ئوغۇت يەپ چوڭ بولغان .....>دىگەندەك ئىبارىلەر ھېلىقى  قېلىپلىشىپ شۇئارلىشىپ ئەسلى مەنىسىنى  يوقىتاي دەپ قالغان <ياشلار دەۋىرنىڭ چاقى، ياشلار كىلىچەكنىڭ ئىگىسى >دىگەن گەپلەرنىڭ ئالدىدا مەيدىسىنى كىرىپ ، گىدىيىپ تۇرغاندەك بىلىنىپ كىتىدۇ .


ياشلاردا مەسئۇلىيەت بار ، بۇ ھەقىقەت ، ئەمما ھوقۇق ، مەيلى ئىقتىسادى ھوقۇق ، مەيلى مەمۇرىي ھوقۇق ، مەيلى سۆزلەش ھوقۇقىدىن تارتىپ تەنقىدلەش ھوقۇقىغىچە چوڭلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن . ئۇلار مەسئۇلىيەتنىڭ جىقىنى ئۆزىنىڭ يەلكىسىدىن ياشلارنىڭ بوينىغا ئارتىپ قويغان ياكى ئاتىپ قويۇشقا ئامراق . ئەمما مەسئۇلىيەت زور ياشلارغا شۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىن چىقالىغۇدەك ھوقۇق بىرىلمىگەن ، ھوقۇقسىز مەجبۇرىيەت قۇرۇق گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەس . بىر ياش بىر ئەسەر يېزىپ تەھرىر بۆلىمىگە ئاپارسا ھېلىقى  قاپىقى يامان چوڭ ياشلىق مۇھەرىرلەردىن قورقۇپ بىچارىنىڭ يۈرەك دىگەن دۈپۈلدەپ ، پۇت- قول دىگەن تىتىرەپ ئاغزى گەپكە قولاشماي ئارگىنالنى تاشلاپ بىرىپ ئاران چىقىۋالىدۇ ، ھېلىقى   پىشقەدەم  مۇھەرىر ئاكاش بولسا <ھازىرقى ياش نىمىلەر ، شۇ ھالىغا ئەسەر يازارمىش ......>دىگىنىچە كۆزىگە سىغمىسا ئارگىنالنى ئۈستەلنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى سىۋەتكە تاشلاۋاتقان ، ياكى نوپۇزلۇقلارنىڭ كەينىگە ئۆچرەتكە تاشلاپ قويغان ، ئۆچرەت كەلگۈچە ياز كىتىپ قىش كەلگەن ، شۇنىڭ بىلەن يازمىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن .


شۇنىڭغا قاراپ بەزىدە مۇشۇ ياشانغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ <قېرىدۇق ، ئەمدى ئىش ياشلارنىڭ .....>دىگەن گىپىنى يالغانكەن دەپمۇ قالىمەن . ياكى قېرىغانسىرى ئادەم ياشلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ، ھوقۇقنى قولىدا بىر كۈن بولسىمۇ چىڭ تۇتىۋالغۇسى كىلەمدىكىن ئوقمۇدۇم ، بىزمۇ قېرىغاندا بىلەرمىز - ھە .


چوڭلۇرۇم ، بۇ گەپلەرنى قىلسام قۇلىقىڭلارغا تازا خوش ياقمايدىغىنىنى بىلىمەن ، شۇنداقتىمۇ ئىككى ئېغىز <يامان>گىپىڭلارنى قىلغۇم كەپ قالدى ، ئەيىبكە بۇيرمايسىلەر ، بىلىسىلەرغۇ <بۇ دەۋىردىكى ياشلارغۇ چوڭلارغا شىلتىڭ ئېتىشتىنمۇ يانمايدۇ >


2008-يىلى (بېيجىڭ)
بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى