ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يازىدىغان بولدۇم
ئالىي مەكتەپتىكى تولۇق كۇرس ئوقۇش ھاياتىم ئاخىرقى يىلىغا قەدەم قويدى. بۇ نەچچە يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا قانداقتۇر ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىدىم. پەقەتلا كۆرگەن-بىلگەنلىرىم كۆپەيدى. جۇغلانمام ئاۋۇدى. جەمىئەتكە بولغان تۇنۇشۇم ئاشتى. ھايات يولىدا قانداق مېڭىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئاڭ پەيدا بولدى. بۇ بەلكىم بۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى قىممىتى بار ئۆزگىرىشلەر بولسا كېرەك.
ئۆزىمىزنىڭ تۇرىۋاتقان شارائىت ۋە مۇھتنىڭ تەلىپى سەۋەبلىك، شۇنداقلا مائارىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە، ئوقۇش پۈتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي ماقالە تاپشۇرۇشى كېرەك. گەرچە يېقىندىن بىرى ساۋاقداشلىرىمنىڭ بۇ ھەقتە پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتقان بولساممۇ، ئۆزۈمنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ماقالە تېمام ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن بۇ ئىشمۇ ئايدىڭلاشتى. يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بىلەنمۇ ئالاقىلاشتىم. ئەمدىكى مەسىلە يىتەكچى ئوقۇتقۇچى بىلەن ماقالە تېمىسىنى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىشتە قالدى.
ماقالە يېزىش ئىشىم رەسمىي باشلانسا، تورمۇشۇممۇ ئالدىراش بولىدۇ دېگەن گەپ. دېمەك بۇنىڭدىن كىيىن تورغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىم مۇئەييەن دەرىجىدە ئازلايدۇ دېگەن گەپ. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ جەرياندىكى ھېس-تۇيغۇلىرىم ۋە ئېرىشكەنلىرىمنى خاتىرىلەپ مېڭىشقا تىرىشىمەن.
ئاخىرىدا، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ھەر بىر كىشىنىڭ ئوتۇقلۇق ھالدا ماقالىسىنى تۈگىتىپ، غەلبىلىك ئوقۇش پۈتتۈرىشىنى تىلەيمەن.
2010/12/16 14:16:31
بولسا،ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدىكى ئويلىرىڭىز ھەققىدىكى بىر نىمىلەرنى ئاڭلىساق…
2010/12/16 14:49:35
بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىغاندا ھەممىسى ئۆزىڭىزگە باغلىق. بۇ ھەقتە جىق نەرسىلەرنى يازغۇم بار. ۋاقتىم يىتىشسىلا ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى يازىمەن.
2010/12/16 15:02:32
ماڭا 2يىل بار ،لىكىن مەن ھازىردىن باشلاپ يىزىشنى باشلىدىم، كىيىن بەك ئالدىراپ قالغۇدەكمەن
2010/12/16 15:28:41
بالدۇر باشلىغانغا يەتمەيدۇ. بالدۇرراق تەييارلىق قىلغىنىڭىز ياخشى …
2010/12/16 22:00:31
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسنى باشلايدىغان چاغمۇ كەپ قالدى، مەنمۇ ھەپتە بولدى، تەتقىقاتنى باشلىۋەتتىم، بالدۇراق پۈتتۈرۈپ كىلەركى ماۋسۇم بىرەر شىركەتكە بېرىپ ئىشلىگەن تەجىرىبە ۋە پۇل تاپايمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن.
سىزچۇ نۇرقۇت ئەپەندى، ماقالىگە نىمە تەييار قىلاي دەيسىز؟ بىرەر نەرسە ياسامسىز يا، قۇرۇق پاراڭ بىلەن بولدى قىلامسىز؟ بىزنىڭ ماۋۇ يەرلەدە نوچى ياسامدۇ، ئاددىي ياسامدۇ، ئىشقىلىپ ھەممىسى ئوخشاش پۈتتۈرىدۇ، سىزنىڭ ئاۋۇ تەرەپلەردە قانداقراق؟ ئىلگىرى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ قانداقراق سەۋىيەدە بىر نەرسە ياسايدىكەن؟
2010/12/17 11:54:59
ماقالىگە نېمە يېزىشنى يىتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەتقىقات يۈنىلىشىگە قاراپ تاللايدىغان گەپ. مېنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم كېلەن ھەپتە ئاندىن مەن بىلەن كۆرۈشىدىكەن، شۇنىڭغىچە ئوبدانراق ئويلىنىپ باقاي. ياخشى تېما تېپىلىپ قالار. سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىزغا «ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.» دەپ جاۋاب بەرسەم بولىدىكەن. بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردىمۇ شۇنداق.
2011/08/19 22:35:00
قارىسام ھەممىڭلارنىڭ كەسپى يىقىندەك، ياكى بىرمۇ يا ؟ قايسى كەسىپتىنب سىكەر ئاكىلار؟