يۇرتۇمدا ئاز بولسىمۇ قار يېغىپتۇ

ۋاقتى: 2011-02-09 / تۈر: تۇرمۇش تىنىقلىرى/ كۆرۈش: 413 قېتىم / 9 باھا باھا يوللاش تەلەي +1

بۇ يىل قىشتا يەنە ئۆيگە قايتمىدىم. كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى. مەن تۇرىۋاتقان بۇ جايدا قارمۇ ياغمىدى. قىشتا قار ياغمىسا بۇنىڭغا بىزدە نېمە ئامال. پەقەت قارسىز قىش بولىدۇ. پەقەتلا شۇ قىش كەلگەنلىك تۇيغۇسى ئۇرغۇپ چىقمايدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە يۇرتتا قار ئېتىشىپ ئوينىغان شۇ كۈنلەرنى شۇنداق سېغىندىم.

ئاخشام يۇرتتا قار ياغقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. گەرچە ئۆزۈم يۇرتتا بولمىساممۇ، نېمىشقىكىن شۇنداق خۇش بولدۇم. بىر تۇرۇپ يۇرتقا قايتمىغىنىمدىن ئازراق ئەپسۇسلۇقمۇ ھېس قىلدىم. ئەمما ھاياجان يەنىلا ئەپسۇسلىنىشنى بېسىپ كەتتى. قار ياغقىنىنى تەبرىكلەپ شۇنداق ناخشا ئېيتقۇم بار. ئەمما قايسى ناخشىنى ئېيتسام بولار …

ئايىغى چىقماس شىرىن خياللار … ئەي گۈزەك يۇرتۇم، سىنى ئەجەب سېغىندىم. بۇ يىل قىشتا نېمىشقا قايتمىغان بولغىيدىم ؟؟؟ …

9 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  1. نۇرلۇق
    2011/02/09 18:56:38

    يۇرتۇم بايدا ئالدىنقى كۈنى كەچتە قار ياغقان ، تۆنۈگۈن ھەممىسى ئېرىپ بولدى. :arrow: ، بۈگۈنغۇ ھېچنىمە قالماپتۇ، 3 يىل بولدى بايدا تۈزۈك قار ياغمىغىلى…. تېخى تۇنجى قار ئىدى. ئاران 3 سانتىمېتىر يېغىپتىكەن :arrow: . ئامال يوق.، مەنمۇ قارنى سېغىندىم.

    • نۇرقۇت
      2011/02/09 19:00:26

      قار ياغمىسىغۇ بىزگە بەك جىق زىيان يوق. ئەمما يۇرتتىكى دېھقانلارنىڭ ھۇسۇلى ئازلاپ كېتىدۇ. قار جىقراق ياغسا بولاتتى

  2. ئۈمىدۋار
    2011/02/10 14:11:41

    سىزمۇ قەشقەردىنمۇ نىمە ؟
    بىزنىڭ يۇرتتۇممۇ بۇ يىلغا تاۋاپ ئازراق قار ياغدى

  3. سەھرالىق
    2011/02/11 00:29:16

    قەشقەردىمۇ قار ياغدى دېمىگەن بىلەن، لىكىن ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ(ھەممىسى ئېرىپ كەتتى) :mrgreen:

  4. جۇلالىق
    2011/02/12 15:27:56

    بۇ يىل قىش يۇرتىمىزدا قار ياغماي چىقىپ كەتكىدەك دەپ ئويلاپ يۈرسەم ئازراق بولسىمۇ يېغىپتۇ، شۇنىڭىغمۇ شۈركى دېدۇق. كۈندۈزى ياغسىچۇ!؟ قار ياغقان ۋاقىتتا قارغا قاراپ تۇرۇشنى بەك ياخشى كۆرۈمەن. :mrgreen:

    • نۇرقۇت
      2011/02/13 04:07:22

      يۇرتقا قايتىشقا مۇيەسسەر بولالمىدىم. خۇدايىم بۇيرۇسا كىلەر يىلى قىشنى يۇرتتا ئۆتكۈزىمەن.

      • jamal
        2011/12/12 20:32:14

        ئەينى ۋاقىتتا قىشنى ئۇ يەردە ئۆتكۈزۈش چۈشىڭىزگىمۇ كىرمىگەن بولغىيتى ھە؟!شۇ يەردىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈڭ

      • نۇرقۇت
        2011/12/12 20:56:15

        ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەن دەڭە، ھەي … يەنە شۇ مۇساپىرچىلىق! ھە راست، بۇ يىلمۇ يۇرتۇمدا يەنە قار يېغىپتۇ … ھاھاھا :mrgreen:

      • jamal
        2011/12/13 21:55:31

        ما 3-يۇرتىڭىزدىمۇ لەپىلدەپ قويدى بىرەبىر،ئېتىشقىدەكمۇ بولمىسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ قارلىق ئېتىشتۇق قار ئېتىشماي~~~

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif