يۇرتۇمدا ئاز بولسىمۇ قار يېغىپتۇ
بۇ يىل قىشتا يەنە ئۆيگە قايتمىدىم. كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى. مەن تۇرىۋاتقان بۇ جايدا قارمۇ ياغمىدى. قىشتا قار ياغمىسا بۇنىڭغا بىزدە نېمە ئامال. پەقەت قارسىز قىش بولىدۇ. پەقەتلا شۇ قىش كەلگەنلىك تۇيغۇسى ئۇرغۇپ چىقمايدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە يۇرتتا قار ئېتىشىپ ئوينىغان شۇ كۈنلەرنى شۇنداق سېغىندىم.
ئاخشام يۇرتتا قار ياغقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. گەرچە ئۆزۈم يۇرتتا بولمىساممۇ، نېمىشقىكىن شۇنداق خۇش بولدۇم. بىر تۇرۇپ يۇرتقا قايتمىغىنىمدىن ئازراق ئەپسۇسلۇقمۇ ھېس قىلدىم. ئەمما ھاياجان يەنىلا ئەپسۇسلىنىشنى بېسىپ كەتتى. قار ياغقىنىنى تەبرىكلەپ شۇنداق ناخشا ئېيتقۇم بار. ئەمما قايسى ناخشىنى ئېيتسام بولار …
ئايىغى چىقماس شىرىن خياللار … ئەي گۈزەك يۇرتۇم، سىنى ئەجەب سېغىندىم. بۇ يىل قىشتا نېمىشقا قايتمىغان بولغىيدىم ؟؟؟ …
2011/02/09 18:56:38
يۇرتۇم بايدا ئالدىنقى كۈنى كەچتە قار ياغقان ، تۆنۈگۈن ھەممىسى ئېرىپ بولدى. ، بۈگۈنغۇ ھېچنىمە قالماپتۇ، 3 يىل بولدى بايدا تۈزۈك قار ياغمىغىلى…. تېخى تۇنجى قار ئىدى. ئاران 3 سانتىمېتىر يېغىپتىكەن . ئامال يوق.، مەنمۇ قارنى سېغىندىم.
2011/02/09 19:00:26
قار ياغمىسىغۇ بىزگە بەك جىق زىيان يوق. ئەمما يۇرتتىكى دېھقانلارنىڭ ھۇسۇلى ئازلاپ كېتىدۇ. قار جىقراق ياغسا بولاتتى
2011/02/10 14:11:41
سىزمۇ قەشقەردىنمۇ نىمە ؟
بىزنىڭ يۇرتتۇممۇ بۇ يىلغا تاۋاپ ئازراق قار ياغدى
2011/02/11 00:29:16
قەشقەردىمۇ قار ياغدى دېمىگەن بىلەن، لىكىن ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ(ھەممىسى ئېرىپ كەتتى)
2011/02/12 15:27:56
بۇ يىل قىش يۇرتىمىزدا قار ياغماي چىقىپ كەتكىدەك دەپ ئويلاپ يۈرسەم ئازراق بولسىمۇ يېغىپتۇ، شۇنىڭىغمۇ شۈركى دېدۇق. كۈندۈزى ياغسىچۇ!؟ قار ياغقان ۋاقىتتا قارغا قاراپ تۇرۇشنى بەك ياخشى كۆرۈمەن.
2011/02/13 04:07:22
يۇرتقا قايتىشقا مۇيەسسەر بولالمىدىم. خۇدايىم بۇيرۇسا كىلەر يىلى قىشنى يۇرتتا ئۆتكۈزىمەن.
2011/12/12 20:32:14
ئەينى ۋاقىتتا قىشنى ئۇ يەردە ئۆتكۈزۈش چۈشىڭىزگىمۇ كىرمىگەن بولغىيتى ھە؟!شۇ يەردىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈڭ
2011/12/12 20:56:15
ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەن دەڭە، ھەي … يەنە شۇ مۇساپىرچىلىق! ھە راست، بۇ يىلمۇ يۇرتۇمدا يەنە قار يېغىپتۇ … ھاھاھا
2011/12/13 21:55:31
ما 3-يۇرتىڭىزدىمۇ لەپىلدەپ قويدى بىرەبىر،ئېتىشقىدەكمۇ بولمىسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ قارلىق ئېتىشتۇق قار ئېتىشماي~~~