FaceBook ھەققىدىكى فىلىم – ئىجتىمائىي ئالاقە تورى(The Social Network)
كىنونىڭ ئۇيغۇرچە نامى : ئىجتىمائىي ئالاقە تورى
ئىنگىلىزچە نامى : The Social Network
خەنزۇچە نامى: 社交网络
ناۋادا سىز كومپيۇتېر، تور ، IT قاتارلىقلارغا قىزىقسىڭىز، ياكى كىنو كۆرۈشكە قىزىقسىڭىز، ھاياتى كۈچىڭىز ياكى قىزغىنلىقىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغان كىشى بولسىڭىز، بۇ كىنونى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. كىنو ھەققىدە تەدبىركار ئەپەندىم بلوگىدا خېلى تەپسىلىي توختىلىپتۇ. قىزىقسىڭىز كىرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. يەنە بىر خۇشخەۋەر شۇكى، شاھ بلوگىدىكى ئەزىمەتلەر بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى چىقىرىشى مۇمكىن.
2011/02/23 15:05:17
بۇ فىلىم تورخۇمارلار ئۈچۈن بىر ئېسىل فىلىم دېيىشكە بولىدۇ، تەرجىمان كەمچىللىك سەۋەبى بەلكىم تەرجىمىسى چىقىشقا سەل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، ئەمما نېمىلا بولمىسۇن بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ
2011/02/23 18:06:55
گەرچە كۆرۈپ بولغان بولساممۇ، يەنىلا تەرجىمەڭلارنى كۈتىمەن.
2011/02/24 23:26:52
مەنمۇ بىر قېتىم كۆرۈپ تۈگەتتىم، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى كىشىلەر چۇقۇم بىر كۆرۈپ چىقسا بولىدىغان كىنو ئىكەن.
2011/02/25 11:21:56
شۇنداق. كۆرۈشكە ئەرزىيدىكەن.
سىز يۇقاپ كەتتىڭىزغۇ؟ بەك ئالدىراشمۇ قانداق؟
2011/03/29 20:15:14
؟قاچان دىيارىمىزغا كىرەر بۇ