يېڭى ئۇسلۇبنى ئۆزىڭىز يارىتىسىز
بلوگىم قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە مۇشۇ بىرلا ئۇسلۇبنى ئىشلىتىپ كەلدىم. ئۇسلۇب يېڭىلاشقا ۋاقت چىقمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇسلۇبنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغىنىم ئۈچۈن ئىدى. بولۇپمۇ رەڭلەر كۈزۈمگە بەك ئىللىق كۆرۈنەتتى.
مانا يېرىم بوپتۇ، ئەمدى بىر كىيىم ئالماشتۇرۇپ باقايمۇ-يا دەپ تورنى مىڭ ئىزدىسەممۇ تۈزۈكرەك بىرەر ئۇسلۇب ئۇچرىمىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاخىرى مۇشۇ ئۇسلۇبقا ئازدۇر كۆپتۇر بولسىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ بېقىشنى ئويلىدىم. ھەرخىل ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئازراق ئۆزگىرىشمۇ بولدى، ئۆزەمگىمۇ يېقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بلوگ ئۇسلۇبۇمنى ئۆزگەرتمەيدىغان بولدۇم. بۇ كونا ئۇسلۇبنىڭ يېڭى نەشرى بولۇپ قالسۇن.
رەڭ، ئارىلىق، رەسىم، ئورۇن ۋە چوڭ-كىچىكلىكىنى ئازراق تەڭشىدىم. باش بەت ۋە تۈرلەر بېتى ئۆزۈمگە ياققۇدەك بولدى. ھازىر بىرلا شۇ ماقالە بېتى چۇۋالچاق بىلىنىۋاتىدۇ. قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە باش قېيىپ كەتتى. خۇدايىم بۇيرۇسا كۈنلەرنىڭ بىرى ئۇلارمۇ يېڭىلىنىپ قالار.
كىيىنكى: كۈلكە دورىسى __ ئىككى ئىتوت، ئىككى خىل ھوزۇر
2011/06/11 15:56:08
نەرى ئۆزگەردى ھىچ بىلمىدىما؟
2011/06/11 16:34:52
بۇ يەرگە دەسسىمىگىلى خېلى بوپتۇ-ھە ؟
2011/06/12 11:33:48
بۇ ئۇسلۇب ھەقىقەتەن چىرايلىق چىققان ئۇسلۇب، پرېستاندا تارقىتىۋېتىپ قالدىم ئەپسۇس….
2011/06/12 19:20:02
شۇ، بلوگنى يېڭى ئاچقاندىلا ئۇز كۆرۈنۈپ مۇشۇ ئۇسلۇبنى تەڭشەپ ئىشلەتكەن، ھازىر قارىسام بەك جىق بلوگلار ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇڭا باشقىسىغا ئالمىشاي دېسەم چىرايلىقراقى چىقمىدى. ئامالسىز شۇ كونىسىنى ئۆزگەرتىپ باقتىم …
2011/06/12 14:55:11
راس دەيسىز.مەنمۇ شۇنداق ئۆزگەرتكەن. ئەمەلىيەتتە ئازراقلار كاللا ئىشلىتىلسە ئويلىمىغان نەتىجىلەر ھاسىل بولىدۇ.
قېنى داۋاملىق ئالغا. قاراپ باقاي قايسىمىزنىڭ نوچى بولىدكى. ھى ھى ھى…
2011/06/15 03:18:19
مەنزىل ئۇزۇن ، يول يىراق ، ئەمما مۇساپە ئۈزۈلۈپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ !!!
2011/12/12 20:24:04
ما روھىڭىزنى قوش قوللاپ قۇۋەتلەيتىم،بولسا مۇشۇنداق پىكىرلىرىڭىزنى ماكانىمىزدىمۇ بەھىرلەنسىڭىز
2011/12/12 20:57:49
ماكانغىمۇ يوللاپ تۇرىۋاتىمەن، لېكىن ھەممە پاراڭلارنى ئۇ يەرگە يوللاۋەرگىلى بولمايدىكەن. مەنلا يوللاۋەرسەم مېنىڭ شەخسىي پااڭخانامغا ئايلىنىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن، بېلىسىز مېنىڭ گىپىم خېلى جىق
2011/12/13 21:45:41
بۇ خىل تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار پاراڭنىمۇ يوللىغىلى بولمىسا ئۆزىمىزنىڭ ماكانى بولماي قالىدۇ ئۇ،بۇ خىل زور كۆپچىلىكتە جىددى كەم بولۇۋاتقان پىكىرلەرنى ئورتاقلىشىش ۋەزىيەت ئىھتىياجى دەپ تۇرىۋالسام~~`