بلوگىمنىڭ تۇنجى ئۇسلۇبى پۈتتى
جاپا-مۇشەققەتلىك بىر كۈنلۈك تەڭشەش، رەتلەش ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق بلوگىمنىڭ تۇنجى ئۇسلۇبىنى ھەر-ھالدا يامان ئەمەس قىلىپ تەڭشىۋالدىم. رەسىم لايىھەلەشكە قۇربىم يەتمىگەچكە تورداشلارنىڭ ياردىمىدە بۇ ئىشمۇ ھەل بولدى. يەلكەمدىن بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالدىم.
ھازىر بىر-ئىككى پارچە رەسىم ۋە ئەڭ يېڭى قايتۇرۇلغان ئىنكاسنى كۆرسىتىدىغان ئىشلا قېلىپ قالدى. ئۇزۇنغا قالماي بۇلارمۇ ھەل بولغۇسى.
شۇنداق قىلىپ مەنمۇ مۇېتەقىل بلوگ سۇپىسى ئاچتىم. بۇ يېڭى دۇنيادا ئۆزگىچە گۈل-باغلارنى بەرپا قىلغۇم بار …
بىر قانچە رەسىم قوشتۇم. گەرچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ …
بۇندىن كىيىنكى يازمىلارنىڭ رەسىملىرى ھەممىسى ئۆزىدە بىللە بولىدۇ. نۆۋەتتىكى رەسىملەردىن ئارىيە:
2010/12/16 14:15:02
مۇبارەك بولسۇن،مۇبارەك بولسۇن!مۇبارەك بولسۇن ھەي،مۇبارەك بولسۇن!
2010/12/16 14:46:49
تۇنجى تەبرىكنامە … ھەشقاللا، ھەشقاللا
2010/12/16 15:01:27
فەقىرمۇ كەلدى پەتىگە، قىنى پەگاھقا بولسىمۇ باشلىدىم ئۆزۈمنى…
2010/12/16 15:27:22
كىيىن قالدۇققۇ، قارىم؟ ھاھھااھ قارشى ئالىمەن
2010/12/16 22:09:29
مۇبارەك بولسۇن، ئالدىمىزدا ماڭغاچ تۇرۇڭ، بىزمۇ پات ئارىدا يىتىشىپ قېلىشىڭىز مومكىن.
——-
ئېلخەت * (مەخفىي)
——–
ماۋۇ مەخفىي دىگەن گەپ كۆزۈمگە سىغماي قالدىيا، خاتا كۆرۈۋالمىغاندىمەن.
2010/12/16 22:23:26
قانداق دەيسىز؟ مۇشۇنداق يازىدىغۇ ئەسلى؟
2010/12/17 09:34:00
ۋاي ئۇنداق ئەمەستۇ؟ مەخپىيەتلىك == مەخفىيەتلىك، مەخپىي=مەخفىي، پېقىر=فەقىر…
ئۇيغۇرتىلى ئۆزگەرمىگەندۇ؟ مەن كىچىگىمدىن تارتىپ مەخپىي دىگەنى مەخفىي دەپ ئۆگەنمەپتىكەنمەن. باشقىچە بىلىنىۋاتىدۇ.
2010/12/17 11:57:51
بىزنىڭ ئىملا لۇغەتلىرىمىز قاچان كۇقىم بۇلاركىن تاڭ. مەن تەكشۈرگەندە مۇشۇنداق ئۆزگەرتىپ بەرگەن. ف ھازىر پ غا ئۆزلىشىپ بولايلا دېدى. مۇشۇنداق داۋاملاشسا ھەرىپىمىز 31 بولۇپ قالىدۇ جۇمۇ. خۇدايىم ساقلىسۇن
2010/12/16 23:47:05
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !
مۇبارەك بولسۇن . پېقىرمۇ كۆچۈۋالدىم ئەمما نۇرغۇن يەرلىرى تۈزۈتۈشنى ساقلاپ ياتىدۇ . ئۇستازنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە مۇھتاج بىز
2010/12/17 07:50:28
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنى مەنمۇ تاللىغان. لېكىن قارىسام ئىشلەتكەنلەردىن بىر نەچچىسى باركەن. شۇڭا بۇنى تەڭشىۋالدىم. ھازىرچە يامان ئەمەس. قۇلۇمدىن كىلىدىغان ئىش بولسا دەۋىرىڭ
2010/12/17 02:38:25
مىنىڭچە يېڭى ئىنكاسلارنى بېشىغا چىقىرۋالغان ياخشى ئىش ئەمەس، چۈنكى ماۋۇ تورچىلىقتا سافا،ئورۇندۇق دەيدىغان نەرسىلەر بار ئەمەسمۇ؟
2010/12/17 07:52:11
مەن تېخى بۇ سىستېمىغا يېڭى. تەڭشەيدىغان جايى جىق تۇرۇپتۇ. سىز دېگەن ئورۇننى مەن بىر كۆرۈپ باقاي. تاپساملا ئوڭشىۋىتىمەن. رەھمەت
2010/12/18 17:41:59
ۋاھ، بلوگىڭىز ئاخىرى ۋۇجۇدقا چىقىپتۇ دە…
قۇت بولسۇن!
2010/12/18 19:53:28
رەھمەت. يەتكەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن
2011/01/02 13:33:56
بەك چىرايلىق بوپكىتىپتۇجۇمۇ … ئىچىمنى كۆيدۈرۈپ
2011/01/03 20:35:37
نەدىكىنى، رەسىم بىر تەرەپ قىلىشقا ئىپىم يوق، بولمىسا ئۆزگەرتىدىغان جايلىرى بار ئىدى.
2011/01/04 22:01:15
شۇ ياخشى چىقىپتۇ`
تېخىمۇ گۈللەپ ياشناڭ”
دىققەت قىلدىڭىز مىكىن لوگو دىكى ئادرىس خاتا يېزلىپ قاپتۇ `
2011/01/05 08:42:02
رەھمەت. رەسىم لايىھەلەشكە ئاجىز كىلىپ، خاتالىق بولسىمۇ ئىشلىتىپ تۇرىۋاتىمەن. پات يېقىندا ئوڭشالغۇسى.
2011/01/10 04:01:12
مۇبارەك بولسۇن، بىلوگىڭىزمۇ شۇنداق چىرايلىق چىقىپتۇ، سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
2011/01/10 09:23:45
رەھمەت سىزگە. سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
2011/01/23 21:26:26
گەرچە كېچىكىپ قالغان بولساممۇ ، يەنىلا مۇبارەكلەيمەن .
2011/01/25 16:36:19
رەھمەت سىزگە.
2011/01/24 23:26:16
ئوبدان تۇرا بولۇپ بۇ . مۇبارەك بولسۇن. مەن يىقىندىن بىرى كۆرمەي ئۆزگىرىش خىلى چوڭغۇ
2011/01/25 16:36:38
ھەرھالدا مىدىراپ تۇرىۋاتىمىز …