بلوگىمنىڭ تۇنجى ئۇسلۇبى پۈتتى

ۋاقتى: 2010-12-15 / تۈر: بلوگىمدا, تور ھاياتىمدا/ كۆرۈش: 736 قېتىم / 24 باھا باھا يوللاش تەلەي +1

جاپا-مۇشەققەتلىك بىر كۈنلۈك تەڭشەش، رەتلەش ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق بلوگىمنىڭ تۇنجى ئۇسلۇبىنى ھەر-ھالدا يامان ئەمەس قىلىپ تەڭشىۋالدىم. رەسىم لايىھەلەشكە قۇربىم يەتمىگەچكە تورداشلارنىڭ ياردىمىدە بۇ ئىشمۇ ھەل بولدى. يەلكەمدىن بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالدىم.

ھازىر بىر-ئىككى پارچە رەسىم ۋە ئەڭ يېڭى قايتۇرۇلغان ئىنكاسنى كۆرسىتىدىغان ئىشلا قېلىپ قالدى. ئۇزۇنغا قالماي بۇلارمۇ ھەل بولغۇسى.

شۇنداق قىلىپ مەنمۇ مۇېتەقىل بلوگ سۇپىسى ئاچتىم. بۇ يېڭى دۇنيادا ئۆزگىچە گۈل-باغلارنى بەرپا قىلغۇم بار …

بىر قانچە رەسىم قوشتۇم. گەرچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ …

بۇندىن كىيىنكى يازمىلارنىڭ رەسىملىرى ھەممىسى ئۆزىدە بىللە بولىدۇ. نۆۋەتتىكى رەسىملەردىن ئارىيە:

24 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  1. ئۇيغۇربەگ
    2010/12/16 14:15:02

    مۇبارەك بولسۇن،مۇبارەك بولسۇن!مۇبارەك بولسۇن ھەي،مۇبارەك بولسۇن!

    • نۇرقۇت
      2010/12/16 14:46:49

      تۇنجى تەبرىكنامە … ھەشقاللا، ھەشقاللا

  2. سەھرالىق
    2010/12/16 15:01:27

    فەقىرمۇ كەلدى پەتىگە، قىنى پەگاھقا بولسىمۇ باشلىدىم ئۆزۈمنى…

    • نۇرقۇت
      2010/12/16 15:27:22

      كىيىن قالدۇققۇ، قارىم؟ ھاھھااھ قارشى ئالىمەن

  3. قۇتبىلىك
    2010/12/16 22:09:29

    مۇبارەك بولسۇن، ئالدىمىزدا ماڭغاچ تۇرۇڭ، بىزمۇ پات ئارىدا يىتىشىپ قېلىشىڭىز مومكىن.
    ——-
    ئېلخەت * (مەخفىي)
    ——–
    ماۋۇ مەخفىي دىگەن گەپ كۆزۈمگە سىغماي قالدىيا، خاتا كۆرۈۋالمىغاندىمەن.

    • نۇرقۇت
      2010/12/16 22:23:26

      قانداق دەيسىز؟ مۇشۇنداق يازىدىغۇ ئەسلى؟

      • قۇتبىلىك
        2010/12/17 09:34:00

        ۋاي ئۇنداق ئەمەستۇ؟ مەخپىيەتلىك == مەخفىيەتلىك، مەخپىي=مەخفىي، پېقىر=فەقىر…
        ئۇيغۇرتىلى ئۆزگەرمىگەندۇ؟ مەن كىچىگىمدىن تارتىپ مەخپىي دىگەنى مەخفىي دەپ ئۆگەنمەپتىكەنمەن. باشقىچە بىلىنىۋاتىدۇ.

      • نۇرقۇت
        2010/12/17 11:57:51

        بىزنىڭ ئىملا لۇغەتلىرىمىز قاچان كۇقىم بۇلاركىن تاڭ. مەن تەكشۈرگەندە مۇشۇنداق ئۆزگەرتىپ بەرگەن. ف ھازىر پ غا ئۆزلىشىپ بولايلا دېدى. مۇشۇنداق داۋاملاشسا ھەرىپىمىز 31 بولۇپ قالىدۇ جۇمۇ. خۇدايىم ساقلىسۇن

  4. دولقۇن731
    2010/12/16 23:47:05

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !
    مۇبارەك بولسۇن . پېقىرمۇ كۆچۈۋالدىم ئەمما نۇرغۇن يەرلىرى تۈزۈتۈشنى ساقلاپ ياتىدۇ . ئۇستازنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە مۇھتاج بىز

    • نۇرقۇت
      2010/12/17 07:50:28

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنى مەنمۇ تاللىغان. لېكىن قارىسام ئىشلەتكەنلەردىن بىر نەچچىسى باركەن. شۇڭا بۇنى تەڭشىۋالدىم. ھازىرچە يامان ئەمەس. قۇلۇمدىن كىلىدىغان ئىش بولسا دەۋىرىڭ

  5. ئەرك
    2010/12/17 02:38:25

    مىنىڭچە يېڭى ئىنكاسلارنى بېشىغا چىقىرۋالغان ياخشى ئىش ئەمەس، چۈنكى ماۋۇ تورچىلىقتا سافا،ئورۇندۇق دەيدىغان نەرسىلەر بار ئەمەسمۇ؟

    • نۇرقۇت
      2010/12/17 07:52:11

      مەن تېخى بۇ سىستېمىغا يېڭى. تەڭشەيدىغان جايى جىق تۇرۇپتۇ. سىز دېگەن ئورۇننى مەن بىر كۆرۈپ باقاي. تاپساملا ئوڭشىۋىتىمەن. رەھمەت

  6. ي. م. ئىلقۇت
    2010/12/18 17:41:59

    ۋاھ، بلوگىڭىز ئاخىرى ۋۇجۇدقا چىقىپتۇ دە…
    قۇت بولسۇن!

    • نۇرقۇت
      2010/12/18 19:53:28

      رەھمەت. يەتكەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن

  7. ئىزيار
    2011/01/02 13:33:56

    :lol: بەك چىرايلىق بوپكىتىپتۇجۇمۇ … ئىچىمنى كۆيدۈرۈپ

    • نۇرقۇت
      2011/01/03 20:35:37

      نەدىكىنى، رەسىم بىر تەرەپ قىلىشقا ئىپىم يوق، بولمىسا ئۆزگەرتىدىغان جايلىرى بار ئىدى.

  8. نادان
    2011/01/04 22:01:15

    شۇ ياخشى چىقىپتۇ`

    تېخىمۇ گۈللەپ ياشناڭ”

    دىققەت قىلدىڭىز مىكىن لوگو دىكى ئادرىس خاتا يېزلىپ قاپتۇ `

    • نۇرقۇت
      2011/01/05 08:42:02

      رەھمەت. رەسىم لايىھەلەشكە ئاجىز كىلىپ، خاتالىق بولسىمۇ ئىشلىتىپ تۇرىۋاتىمەن. پات يېقىندا ئوڭشالغۇسى.

  9. تېلەك
    2011/01/10 04:01:12

    مۇبارەك بولسۇن، بىلوگىڭىزمۇ شۇنداق چىرايلىق چىقىپتۇ، سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

    • نۇرقۇت
      2011/01/10 09:23:45

      رەھمەت سىزگە. سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

  10. نۇرلۇق
    2011/01/23 21:26:26

    گەرچە كېچىكىپ قالغان بولساممۇ ، يەنىلا مۇبارەكلەيمەن . :smile:

  11. نەزەرى
    2011/01/24 23:26:16

    ئوبدان تۇرا بولۇپ بۇ . مۇبارەك بولسۇن. مەن يىقىندىن بىرى كۆرمەي ئۆزگىرىش خىلى چوڭغۇ :oops:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif