ئىسمى: بومباي ماشىنا ئادىمى مۇھەببىتى (Bollywood)
خەنزۇچە: 宝莱坞机器人之恋
بەيدۇ قامۇسىدىكى چۈشەندۈرۈش: كىرىڭ
بۈگۈن كەچتە بۇ كىنونى كۆرۈپتىمەن. كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدىكەن. گەرچە كىنو ھىندىستاننىڭ بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇنقى ھىندىستان كىنولىرى بىلەن كونا ئوخشاشلىقىنىمۇ ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە (ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينايدىغان يىرى) يەنە يۇقىرى پەنتېخنىكىلىق فانتازىيەلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆزگىچە بولۇپ چىقىپتۇ. ۋاقتىڭلار بولسا كۆرۈپ قويۇڭلار. بىرلا يىرى سەل ئۇزۇنكەن،...
تولۇق مەزمۇنى
ئىسمى: شاھنىڭ نوتۇقى
خەنزۇچە: 国王的演讲
ئىنگىلىزچە: The King’s Speech
2011-يىى 1-ئايدا چىققان كىنو. ۋەقەلىكىدىن چوقۇم رازى بولىسىز. ۋاقتىڭىز چىقسا چوقۇم كۆرۈپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسى چىقتىمۇ-يوق بىلمىدىم. فىلىمگە ئۇيغۇرچە خەت قوشىدىغان ئەزىمەتلەرنىڭ بۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى تەييارلىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
...
تولۇق مەزمۇنى
كىنونىڭ ئۇيغۇرچە نامى : ئىجتىمائىي ئالاقە تورى
ئىنگىلىزچە نامى : The Social Network
خەنزۇچە نامى: 社交网络
ناۋادا سىز كومپيۇتېر، تور ، IT قاتارلىقلارغا قىزىقسىڭىز، ياكى كىنو كۆرۈشكە قىزىقسىڭىز، ھاياتى كۈچىڭىز ياكى قىزغىنلىقىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغان كىشى بولسىڭىز، بۇ كىنونى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. كىنو ھەققىدە تەدبىركار ئەپەندىم بلوگىدا خېلى تەپسىلىي توختىلىپتۇ. قىزىقسىڭىز كىرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. يەنە بىر خۇشخەۋەر شۇكى، شاھ بلوگىدىكى ئەزىمەتلەر بۇ فىلىمن...
تولۇق مەزمۇنى
بۇ يىل قىشتا يەنە ئۆيگە قايتمىدىم. كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى. مەن تۇرىۋاتقان بۇ جايدا قارمۇ ياغمىدى. قىشتا قار ياغمىسا بۇنىڭغا بىزدە نېمە ئامال. پەقەت قارسىز قىش بولىدۇ. پەقەتلا شۇ قىش كەلگەنلىك تۇيغۇسى ئۇرغۇپ چىقمايدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە يۇرتتا قار ئېتىشىپ ئوينىغان شۇ كۈنلەرنى شۇنداق سېغىندىم.
ئاخشام يۇرتتا قار ياغقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. گەرچە ئۆزۈم يۇرتتا بولمىساممۇ، نېمىشقىكىن شۇنداق خۇش بولدۇم. بىر تۇرۇپ يۇرتقا قايتمىغىنىمدىن ئاز...
تولۇق مەزمۇنى
ماڭا ئوخشاش بەزى-بەزىدە ئېتىش خاراكتىرىدىكى ئويۇنلارنى ئويناپ قويۇدىغانلار ئۈچۈن، بەزى ئويۇن يېڭىلىقلىرى نەزەردىن ساقىت بولمايدۇ. مەن ئويۇن ئوينايمەن، ئەمما ئويۇنغا خۇمار ئەمەس. بەك ۋاقت ئىگەللەپ، بىرۋىنى چارچىتىدىغان ئويۇنلارنى ئوينىمايمەن. CS ۋە CF مەن ئويناپ قويىدىغان ئويۇنلارنىڭ ئىچىدە بار. ئادەتتە ھەپتە ئاخىرىدا بىر-ئىككى قول ئويناپ كۆڭۈل خۇشى قىلىمەن. مانا بۈگۈن CF ئويۇنىنىڭ كىيىنكى نۇسخىسىغا ئائىت رەسىم ۋە ئۇچۇرلارنى ئۇچراتتىم. چىقىپ قالسا...
تولۇق مەزمۇنى
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئەسلى يەر يۈزىدىكى بارلىق قۇرۇقلار بىر-بىرىگە تۇتاش ئىكەنتۇق. بىراق، بارلىق ئىشلار ئەسلىدە مۇشۇ دەقىقىدىن باشلانغان ئىكەن…گەپكە كەلسەك، مۇز ئېراسى(Ice Age) ناملىق بۇ 3D كارتون فىلىم ئارىمىزدا ھېچقايسىمىزغا ناتونۇش ئەمەسقۇ دەيمەن. سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى ئاللىقاچان باشلانغان «مۇز ئېراسى 4-بۆلۈم: قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلىشى» 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى يەرشارى بويىچە تەڭلا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىككە بۇ فى...
تولۇق مەزمۇنى
كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئاڭلىغۇچنى قۇلاققا تاقاپ تىنچ ئولتۇرۇپ ئاڭلاڭ! دەھشەت تۇيغۇ جۇمۇ! باشقىلار 3D كىنونى ماختىسا بەك ئىشىنىپ كەتمەپتىكەنمەن، ماۋۇ 3D ئۈنۈمدە ئېلىنغان ئاۋازنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمگە ئوت چۈشتى. ئەمدى چوقۇم 3D كىنو كۆرۈپ باقمىسام بولمىدى …
...
تولۇق مەزمۇنى
بۇ كىنو ھەققىدە بەك جىق سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. بىر ئېغىز گەپ: «كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ!»
قويۇلۇشقا باشلىغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، بەزى باھالاش مۇنبەرلىرىدە «2010-يىلىدىكى ئەڭ ئېسىل كىنو» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ بولدى. ۋاقت چىقسا كۆرۈپ قويۇڭ! سىز ئۈچۈن قوش ئۇزۇق، قوش نەپ!
بۇ كىنونىڭ يەنە داۋامى ئىشلىنىدىكەن. فىلىمنىڭ ئاخىرىدا كۆرگۈچىلەرنىڭ بەك قىزىقتۇرغىنى «پويىزنىڭ ئارقىسىدىكى ھېلىقى ئادەم ”خۇاڭ سى لاڭ“ مۇ؟ » بولدى.
كىنونىڭ خەنزۇچە ئىس...
تولۇق مەزمۇنى
ھازىرقى شارائىتتا ئايروپىلان ئەڭ تېز قاتناش قورالى بولسا كېرەك. مەن ۋېلىسپىت، ماشىنا، پويىزلارغا ئولتۇرۇپ باقتىم. جاپاسى يەتكۈچە بار. ھەر قېتىم يۇرتقا بېرىپ كىلىشتە مۇشۇ قاتناشنى تاللاش بەك تەسكە چۈشىدۇ. جاپانى ئويلىسام ياخشىراقتا ماڭغۇم بار، ئەمما بەكلا قىممەت. ئادەتتىكىسىدە شۇ جاپانى تارتىدىغان گەپ. ئامال يوق-تە …
بەزى دوستلىرىم باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئايروپىلان بىلىتى تېپىپ شۇنىڭدا مېڭىشىدۇ، شۇ ۋاقتىدا بەكلا ھەۋەس قىلاتتىم. ھەم ئۆزەمگە «كىلەر...
تولۇق مەزمۇنى
«كۆزگە ئىشەنمە، كۆزسىزمۇ يۈرمە!» بەزىدە كۆز ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئاغىنىلىرىمىز چاقچاق قىلىپ مۇشۇنداق دەپ قويىشىدۇ. ئەجەبا ئۆزىمىزنىڭ كۆزىگىمۇ ئىشەنمەسلىكىمىز كېرەكمۇ؟ بەزىدە كۆز بىلەن كۆرگىنىمىزنىڭ ھەقىقىي رىئاللىق بولۇشى ناتايىن. فىزىكا ئۆگۈنۈۋاتقان بۇرادەرلەرنىڭ ئاڭلىشىمچە، بىز كۆز بىلەن كۆردۈم دەۋاتقان نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە مېڭىمىزدە قايتا قۇراشتۇرۇلغان تەسۋىرلەركەن. كۆزىمىزدىكى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان «قارىغۇ» نۇقتىلار سەۋەبلىك، ب...
تولۇق مەزمۇنى
مەكتەپ ھاياتىمدا قانچە پارچە ماقالە يازغانلىقىمنى ساناپ بىرەلمەيمەن. ئەمما قانداقراق ماقالىلەرنى يازغىنىمنى ساناپ بىرەلىشىم مۇمكىن.
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ماقالە يازغىنىم ئىسىمدە يوق. بالىلىقىمىزدا يېزىشقان «سالام خەت»لەر بەلكىم شۇ يېشىمىزغا نىسبەتەن ماقالە ھېسابلانسا كېرەك.
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن بايان ماقالىسى يېزىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىشىمىز ئىدى. ئەمما ئۇنى تاماملاش تەسكىمۇ چۈشمەيتتى. توقۇلما قىلىپلا، ئەدەبى...
تولۇق مەزمۇنى
قوللاش، مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات(1)تا بەزى گەپ سۆزلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇ ئۈچى ئايرىلماس بىر گەۋدە. بەزىدە مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. باشقىلارنى «مېنى قوللا!» دەپ مەجبۇرىلىغىلى بولمايدۇ. ئەمما مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىياتنى تەڭ ئېلىپ مېڭىش، ئۇزۇن مۇددەت بۇ يولدا چەبدەس قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەشنى كۆڭلىگە پۈككۈچىلەر ئاۋۋال باشقىلارنى قوللايدۇ، ئۈن-تىنسىز باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇدى. ۋاقتى سائىتى كەلگەندە، ق...
تولۇق مەزمۇنى
ئالىي مەكتەپتىكى تولۇق كۇرس ئوقۇش ھاياتىم ئاخىرقى يىلىغا قەدەم قويدى. بۇ نەچچە يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا قانداقتۇر ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىدىم. پەقەتلا كۆرگەن-بىلگەنلىرىم كۆپەيدى. جۇغلانمام ئاۋۇدى. جەمىئەتكە بولغان تۇنۇشۇم ئاشتى. ھايات يولىدا قانداق مېڭىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئاڭ پەيدا بولدى. بۇ بەلكىم بۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى قىممىتى بار ئۆزگىرىشلەر بولسا كېرەك.
ئۆزىمىزنىڭ تۇرىۋاتقان شارائىت ۋە مۇھتنىڭ تەلىپى سەۋەبلىك، شۇنداقلا مائارىپ...
تولۇق مەزمۇنى
جاپا-مۇشەققەتلىك بىر كۈنلۈك تەڭشەش، رەتلەش ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق بلوگىمنىڭ تۇنجى ئۇسلۇبىنى ھەر-ھالدا يامان ئەمەس قىلىپ تەڭشىۋالدىم. رەسىم لايىھەلەشكە قۇربىم يەتمىگەچكە تورداشلارنىڭ ياردىمىدە بۇ ئىشمۇ ھەل بولدى. يەلكەمدىن بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالدىم.
ھازىر بىر-ئىككى پارچە رەسىم ۋە ئەڭ يېڭى قايتۇرۇلغان ئىنكاسنى كۆرسىتىدىغان ئىشلا قېلىپ قالدى. ئۇزۇنغا قالماي بۇلارمۇ ھەل بولغۇسى.
شۇنداق قىلىپ مەنمۇ مۇېتەقىل بلوگ سۇپىسى ئاچتىم. بۇ يېڭى دۇن...
تولۇق مەزمۇنى
مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات ھەققىدە دائىم تالاش تارتىش بولۇپ تۇرىدۇ. ئاۋۋال بۇ بىر نەچچە سۇئالغا قاراپ باقايلى:
مەۋجۇتلۇق بىلەن تەرەققىياتنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟
مەۋجۇتلۇق بولمىسا تەرەققىيات نەدىن كىلىدۇ؟
تەرەققىيات بولمىسا مەۋجۇتلۇقنى قانداق ساقلىغىلى بولىدۇ؟
تەرەققىيات بولمىغان مەۋجۇتلۇقنىڭ نېمە مەنىسى؟
…
مانا بۇ سۇئاللار تەرەققىيات ۋە مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى مۇنازىرىنى دائىم باش-ئاخىرى چىقمايدىغان تالاش تارتىشقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا ...
تولۇق مەزمۇنى