يات جىنىسلار نېمىشقا بىر - بىرنى جەلپ قىلىدۇ
ۋاقتى: 2016-10-22
ئاۋاتلىقى: 4476 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىغا ئەگىشىپ ، ئالىملار ئاەەمنى تاڭ قالدۇرغۇدەك بايقاشلارغا ئىگە بولدى . 1 - چوڭ بايقاش چوڭ مېڭىنىڭ چەت رايۇنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئالىملار بۇ رايۇننىڭ كىشىنىڭ كەيپىيات ، ھېس - تۇيغۇ ۋە يات جىنىسلارنى جەلپ قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . ئالىملار مۇنداق دېدى : «بۇ رايۇن ئادەمنىڭ مۇھەببەتلىك كەچمىشلىرى ھۇزۇرلىنىدىغان جاي » .
2 -چوڭ بايقاش بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ساپان - بۇرۇن سوڭىكىدىكى ئورگانغا مۇناسىۋەتلىك . بۇ ئورۇننىڭ بىردىنبىر ئىقتىدارى «فىرومېن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھورمۇننى ئۆلچەش بولۇپ ، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چوڭ مېڭىنىڭ چەت رايۇنلىرىنى غىدىقلايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئارزۇ - تىلەككە تويۇنۇش ھەمدە باشقىلارنى جەلپ قىلىش ئستىكىگە ئىگە بولۇش تۇيغۇسىنى ھېس قىلىدىكەن . «فىرومېن» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ھورمۇن بىر خىل پارلىنىشچان خمىيەلىك مادا بولۇپ ، ئۇ ئوخشاش تۈردىكى ھايۋانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان يەككە گەۋدىسى ئارىسىدا ھىدىنى پۇراپ بىلشتەك رولىغا تايىنىپ ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ ، نەتىجىدە ھەرىكەت ياكى فىزىئۇلۇگىيىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ . مۇتەخەسسىلەر مۇنداق دېدى : «بايقالغان < فىرومېن > ناملىق ھورمۇن جىنىلار ئارا جەلپ قىلىش ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ . مۇشۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن ھازىر ئەرلەر ۋە ئاياللار ئىشلىتىدىغان < فىرومېن > ئىشلەچىقىرىلدى.»
جىنسىيەتكە ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار جىنسىيەت (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) ئۈندىدار سۇپىسىدا!
Tags: