ئۇ دۇنيادىن كەلگەن ئادەم

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

ئۇ دۇنيادىن كەلگەن ئادەم(1،2)

ئاپتورى: ھۈسەن روزى تىرىك

باھاسى : (1،2-قىسىم)50.00

2006-يىل8-ئاي1-بېسىلىشى

2006-يىل8-ئاي1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

ISBN: 753715226

نەشرىياتتىن

ھۈسەن روزى تىرىك 1943-يىلى 27-ئىيۇلدا قاراشەھەردە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ، 1960-يىلى قاراشەھەر دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوشۇت، باغراش ناھىيىلىرىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ، 1979-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە قاراشەھەردىكى دەنزىل ئوتتۇرا مەكتىپىدە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ ، بىر تەرەپتىنى شىنجاڭ رادىئو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى تاماملىغان ،1995-يىلىغىچە قاراشەھەر ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە (ھازىرقى 1-ئوتتۇر مەكتەپ)تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، نۇرغۇن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققان ، ئۇ ھازىر پېنسىيىدە،

ھۈسەن روزى تىرىك 1960-يىلى «تارىم » ژۇرنىلىنىڭ 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان «گۈزەل بوستان ياسايمىز » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ۋەھالەنكى ،،1963-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە 16يىل جەريانىدا «سول» لۇشيەننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئىجادىيەتتىن چەكلەنگەن.1979-يىلى ئۇنىڭ نامى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ بىر تۈركۈم ياخشى شېئىرلارنى ،»چەۋەندازنىڭ كەچۈرمىشلىرى«،»چېقىمنىڭ تارىخى«،»ئۆلمەس ناخشىلار«،»باغراشتىن سادا« قاتارلىق داستان، بالىلاردا قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ جەمئىيەتكە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.شائىرنىڭ ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى ھەرقايسىسى مەتبۇئاتلاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ،داستان ،باللاردا ،ھېكايە ،ئوبزور ،ئىلمى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان . ئۇ كېيىنكى يىللاردا 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ۋە بىر قىسىم ئەدەبىي ئاخباراتلارنى يېزىپ ،ئۇنى نۇقتىلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇپ ،ئۆزىنىڭ پروزا جەھەتتىكى ماھارىتىنى نامايان قىلدى . ئۇنىڭ قىسقا . تەملىك ھېكايىلەرگە ئوبزورچىلار يۇقىرى باھا بېرىپ مۇئەييەنلەشتۈردى رادىئولاردا ئاتلىتىلدى . ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىر ، رۇبائىيلار بىرلەشمە توپلاملارغا كىرگۈزۈلدى .2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ«شائىرلىق كوچىسىدىن تەرمىلەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى . بۇ كىتاب توغرۇلۇق «شىنجاڭ گېزىتى » ئوبزور قىلىنىپ ، توپلامغا ئادىل باھا بېرىلدى . ھۈسەن روزى تىرىكنىڭ بىر قىسىم شېئىر ، داستان، ئەدەبىي ئاخباراتلىرى ھەر خىل ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى.

«ئۇ دۇنيادىن كەلگەن ئادەم »- ئاپتورنىڭ تۇنجى رومانى بولۇپ ، ئۇنىڭدىكى ۋەقە ،پېرسوناژلار ھەقىقىي ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن تەسۋىرلەنگەن . ھۈسەن روزى تىرىك ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

2011.01.30 ئاپتور: ئوغۇز
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se