بىر كىشى تاماكا سېتىۋالغىلى دۇكانغا بېرىپتۇ، بىراق ئۇنىڭ سەرەڭگىسى يوقكەن، شۇنىڭ بىلەن دۇكاندارغا:
ـــ سەرەڭگىدىن بىرنى قوشۇپ بەرسىڭىز بولارمۇ؟ـــ دەپتۇ، دۇكاندار بەرمەپتۇ. ئىككىنچى بىر كىشىمۇ ئوخشاشلا تاماكا سېتىۋالغىلى بېرىپتۇ، ئۇنىڭمۇ سەرەڭگىسى يوقكەن، بىراق ئۇ دۇكاندارغا:
ـــ تاماكىنى 10 پۇڭ ئەرزان بېرىڭ،ـــ دەپ تالىشىپ، تېجەپ قالغان 10 پۇڭغا سەرەڭگە سېتىۋاپتۇ.
بۇ ئەڭ ئاددى پىسخىك چەك تەسىرىدۇر. 1-خىل ئەھۋالدا: دۇكاندار ئۆزىنى پەقەت بىرلا مالدا پايدا ئالغان، يەنە بىر مالدا پايدا ئالالمىغان ھېسابلىغاچقا، ئۇنىڭ پايدا ئېلىش تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچى بىر. 2-خىل ئەھۋالدا: دۇكاندار ئۆزىنى ھەر ئىككىلا مېلىدا پايدا ئالغان ھېسابلىغاچقا، ئۇنىڭ پايدا ئېلىش تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچى ئىككى. ئەلۋەتتە، كۆپىنچەيلەننىڭ پىسخىكىسى 2-خىل ئەھۋالغا مايىل بولىدۇ. ئوخشاشلا، بۇ خىل پىسخىك ھالەت يەنە بىرنى سېتىۋالسا بىرنى قوشۇپ بېرىش شەكلىدىكى مال سېتىۋېلىشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ، خېرىدارلار ئۆزلىرىچە قوشۇپ بېرىلگەن مالغا پۇل تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قاراپ، پايدا ئالدىم، دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە، ھەممىسى پىسخىك چەك تەسىرىنىڭ ۋەسۋەسىسىدۇر.
ئىلاۋە: بىر خىل شەكىلنى ئالماشتۇرۇش كۆپ ھاللاردا ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈم يارىتىشى مۇمكىن! ئادەتتە نۇرغۇن ئىشلاردا باشقا بىر خىل ئۇسۇلدا بېجىرىلسە نەتىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭلاشقا دائىم بەزىلەر: مەن خاتا قىلمىدىم! دەپ توۋلاپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇسۇلنىڭ توغرا بولماسلىقىمۇ بىر خىل خاتالىقتۇر. كىشىلىك تۇرمۇش يولىدا، پىسخىك ھالىتى ۋە تەپەككۈر ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ناھايىتى مۇھىمدۇر.