«تەرجىمانلار ياردەمچى قورالى» بارلىققا كەلمەكچى
يانفوندا كۆرۈش
بۇ پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولماستىن، كومپيۇتېر ياردىمىدە ئادەملىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئالدى بىلەن تەرجىمە قىلىنماقچى بولغان خالىغان تىلدىكى تېكىستلەرنى ئابزاس ۋە جۈملىلەرگە پارچىلايدۇ، ئىلگىرى تەرجىمانلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلغان جۈملە ئامبىرىدىن تېپىلغانلىرى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىنىدۇ. تېپىلمىغانلىرىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان تەرجىمە جۈملىلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ. جۈملە تەركىبىدىكى مۇھىم ئاتالغۇلار، يەر-جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىسى ئاپتوماتىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تېپىلمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ تەرجىمىسى لۇغەتتىن تەۋسىيە قىلىنىپ تۇرىدۇ.
(ئىزاھات: بۇ رەسىم پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى)
بۇ دېتالغا يەنە لۇغەت، ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، خەۋەر- ماقالە تەرجىمە قىلىدىغان ۋە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرىدىغانلار بۇ قورال ئارقىلىق نۇرغۇن زېھنىنى، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئىلگىرى ئۆزلىرى تەرجىمە قىلغان ئامبارغا ساقلاپ قويغان جۈملىلىرىدىن ئاپتوماتىك پايدىلىنالايدۇ.
بۇ قورال پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، 1 ئاي ئىچىدە تارقىتىشنى پىلانلاۋاتىمىز. ئەمما ئالدى بىلەن ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەزا بولغانلارغا تارقىتىلىپ ئۇلاردىن تەكلىپ-پىكىرى قوبۇل قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»نى قوشۇۋېلىڭ، بولمىسا بۇ تەرجىمە قورالىنى چۈشۈرەلمەيسىز.