Samsung يانفونىغا ئۇيغۇرچە تونۇتقۇچ
يانفوندا كۆرۈش
Samsung يانفونلارنىڭ بىر قىسىملىرىدا root ھوقۇقى ئېلىش بەك تەس، بولۇپمۇ قوش كارتىلىق Samsung يانفونلىرىغا root ئېلىش بەك مۈشكۈل. يەنە بەزى ئىشلەتكۈچىلەر يانفونغا root ھوقۇقى ئالمايلا ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن، بۇنداق بولغاندا يانفون سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىلى بولماي قالىدۇ، بۇ ئەھۋال يانفوندا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق چىقماسلىقتەك ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرچە قىلاي دېسە root ھوقۇقى يوق، قىلماي دېسە ئۇيغۇرچە خەتلەر سەت… قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمدى بۇنىڭدىن ئەنسىرمەيسىز. يېقىندا قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىز تۈزۈپ چىققان «قۇتيار فونت قاچىلىغۇچ» نىڭ root ھوقۇقى يوق ئەھۋالدا ئىشلەيدىغان پەقەت Samsung يانفونلىرىغا ماس كېلىدىغان بىر ئەپنى ياساپ چىقتۇق. بۇ ئەپ ئارقىلىق سىز Samsung يانفونلىرىڭىزنىڭ ئىچىدىكى بارلىق يېزىق ھالىتىنى جۈملىدىن ئۇيغۇرچە يېزىق شەكلىنى چىرايلىق قىلالايسىز. ئەمما تور بېكەت ۋە يانفون سىرتىدىكى يېزىقلارغا ئامال يوق. قالدى تەپسىلاتلارنى ئەپنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ ئاندىن ئىنكاس يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. قېنى ئەمىسە ئەپ كۆرۈنمە يۈزلىرىگە قاراڭ.
ئەپكە قوشۇلغان خەت نۇسخىسى ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىدۇر. ئۆزىڭىز قايسى خەت نۇسخىسىنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى بار ئىخچام نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
كېيىنكى تېمىدا root ھوقۇقى بار بولغان بارلىق ئاندرويد يانفونلارغا ماس كېلىدىغان «قۇتيار فونت قاچلىغۇچ» بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىسىز. دىققىتىڭىز كېلەركى قېتىملىق يازمىمىزدا بولسۇن!
بىزنى قوللاپ ئۆز بلوگىدىن بىر كىشلىك ئورۇن بەرگەن ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيە ئىشخانىسى
2015-يىلى 16-مارت