ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1.1.0.5 (ھەقسىز) تارقىتىلدى

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1.1.0.5 (ھەقسىز) تارقىتىلدى

ۋاقتى: 2015-03-20 ئاۋاتلىقى: 1451 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1.1.0.5 (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تارقىتىلغاندىن بۇيان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسى ئېرىشىپ كەلدى. بۈگۈن يەنە يېڭى نەشرى تاماملىنىپ ئۇيغۇرسوفت ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.

imla

(ئىزاھات: بۇ قېتىمقى نەشرى 1.1.0.5 بولۇپ، ھازىر 360 ۋىرۇسخورى ئورگان تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، بىخەتەر يۇمشاق دېتال ئېتراپنامىسىگە ئېرىشتى، باشقا ۋىرۇسخورنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچنى ئىشەنچ رايونىغا تاشلاپ قويۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، بىز ھازىرچە دۇنيادىكى بارلىق ۋىرۇسخورلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىگە يوللاپ بولالمايمىز.)

ئاساسىي ئۆزگىرىشلەر:
(1) كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە يېڭىدىن قېلىپلاشتۇرۇلغان سۆزلەر قوشۇلۇپ، ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرى يەنە يېڭىلاندى.
(2) ئىملاسى دائىم خاتا يېزىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى داۋاملىق ياخشىلاندى.
(3) يېزىۋاتقاندا ئىملاسىنى مەجبۇرىي توغرىلاش ئىقتىدارى داۋاملىق ياخشىلاندى.

مەسىلەن: سەنشىڭ، گۇگىل، ئاندروئىد،..دەپ كىرگۈزۈپ بېقىڭ، قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟

 

چۈشۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت ئىملا تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
http://imla.uighursoft.com

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى