ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مىكروسوفت ۋە ئۇيغۇرسوفت

مىكروسوفت ۋە ئۇيغۇرسوفت

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 800 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېيجىڭدىكى ئىككىنچى ئىشىم مىكروسوفت (جۇڭگو) شىركىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى دوكىلات قىلىش ئىدى. بۈگۈن يەنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى (سەيشەنبە) بېيجىڭ ۋاقتى 5:45 (ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:45)دە ئويغىنىپ كەتتىم. يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تەييارلىغان نەرسىلىرىمنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ چىقتىم. ناشتا(نان+ئۇشتا)قىلىپ بولغاندىن كېيىن، رەتلىك كىيىنىپ يولغا چىقتىم، مېھمانخانا ئالدىدىن 695-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، ئولىمپىك باغچىسىدا چۈشۈپ، 8-نومۇرلۇق مېتىروغا ئولتۇرۇپ، 10-نومۇرلۇق مېتىروغا ئالماشتىم، ئاندىن سۇجۇ كوچىسىدا چۈشۈپ، پىيادە مېڭىپ، جۇڭگۇەنسۈنگە جايلاشقان دەنلىڭ كوچىسىدىكى مىكروسوفت ئاسىيا قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىگە كەلدىم.

مەن سەل بالدۇر كەلگەن بولغاچقا، ئۆزۈمچە ئايلىنىپ باقاي دېسەم، خالىغان كىشىنى كىرگۈزمەيدىكەن، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش چىڭ ئىكەن. ئەمما، بىرىنچى قەۋەت زالدا ۋاقىت ئۆتكۈزگەچ، سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى بىرەر قۇر تەكرار قىلىۋالدىم. كۆرۈشىدىغان ۋاقىتقا ئاز قالغاندا، مەن بىرىنچى قەۋەتتە ساقلاۋاتقانلىقىمنى تېلېفونىغا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەر قىلدىم. مەن تېخى بىرەرسىنى پەسكە بۇيرۇپ، مېنى ئۈستىگە ئېلىپ چىقىدۇ- دېسەم، مەن بىلەن كۈرۈشمەكچى بولغان (مىكروسوفت يۇقىرى قاتلامدىكى باشلىق) بۇ كىشى ئۆزى پەسكە چۈشۈپتۇ. ئۇ «مىكروسوفت مۇھىم مېھمان»دېگەن بەلگىنى مەيدەمگە تاقاپ قويدى، ئاندىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ، لىفىتقا چىقتۇق.ئەينەك لىفىتتىن زال ئىچىدە بىليارت ئويناۋاتقان، چېنىقىۋاتقانلارنى كۆرۈشكە بولاتتى، بەزىدە يەنە بۇلۇڭلاردا ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىپ، ئۆز-ئارا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلارنىمۇ كۆردۈم. مەن ئىچىمدە بۇلار مۇشۇنداق ئويناپ يۈرۈپ قانداقمۇ پىروگرامما يازىدىغاندۇ-دەپ ئويلۇدۇم. ئەمما، بۇ يەرگە جۇڭگودىكى ئەڭ تاللانغان خادىملارنىڭ توپلانغانلىقى ئېنىق ئىدى. ھەر بىر ئىشىكلەردىن كارتا سىيرىپ ئۆتتۇق. ئەڭ ئاخىرقى ئىشىكتە يەنە بارماق تەكشۈرۈش بار ئىكەن. شۇنداق قىلىپ مىكروسوفت (جۇڭگو) شىركىتىدىكى بۇ كىشىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.

ئىشخانا ئىنتايىن ئاددىي، لېكىن رەتلىك ئىدى. بىز ئىنتايىن قىزغىن سۆھبەتلەشتۇق. مىكروسوفت (جۇڭگو) شىركىتى مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگودا يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، Windows 7 دىكى ئۇيغۇرچىغا ئائىت بارلىق مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ، ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم ۋە بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇردۇق. مىكروسوفتنىڭ يېقىنقى خىزمەتلىرىمىزدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، يۈز تۇرانە پاراڭلىشىش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى تېخنىكا ئاساسىمىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك، ئۆز-ئارا پىكىر-ئالماشتۇرۇش جەھەتتىمۇ ھېچقانداق توسالغۇ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا، يەنە «ئۇيغۇرسوفت» ماركىسىنىڭ جايىدا قۇيۇلغانلىقىنى، 2008-يىلى جىنەندە ئېرىشكەن شەرەپتىن ئاللىبۇرۇن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەن خۇددىي مۇشۇ گەپنى دىسەڭ سوۋغات بېرىمەن دېگەندەك ئۇنىڭغا ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىنى سوۋغات قىلدىم ۋە ئۈرۈمچىدىن ئېلىۋالغان بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، ئۈزۈم، چىلان…قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چىقىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى بەردىم. دوپپىنى قايتا-قايتا قۇلىغا ئېلىپ، بەك خۇشال بولۇپ كەتتى.

مەن تېخى 15 كۈن ئىلگىرى، ھەقىقەتەنمۇ مىكروسوفت شىركىتىنى زىيارەت قىلىپ چۈش كۆرگەن ئىدىم، بۇ چۈشۈمنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۈلۈمىدىكى خادىملارغىمۇ ئېيتقان ئىدىم. «توخۇ داڭگال، ئۆچكە جاڭگال» چۈشەپتۇ-دېگەندەك، ئالىم مۇئەللىم چۈشىدە «سوفت»نى چۈشەيدۇ. لېكىن، مەن بۇنچە تېز ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئۇلار خۇددىي مەن كۆرگەن چۈشنى بىلىدىغاندەك مىكروسوفت شىركىتىنى زىيارەت قىلدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇدى. بۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ چوڭ تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇلار بۇ يېڭى بىناغا بىر ئاي ئىلگىرى كۈچۈپ كەپتىكەن. ھەممە نەرسىلەر پۈتۈنلەي يېڭى بولغاچقا، بەزى ئەسلىھەلەر ھەتتا مىكروسوفت (ئامېرىكا) باش شىركىتىدىنمۇ ئىلغارمىش. زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 1-قەۋەتكە چۈشۈپ ئالاھىدە ئۇزۇتۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى سەپىرىمدىكى ئەڭ مۇھىم (ئەلۋەتتە 2 كۈن ئىلگىرىكى يىغىندىنمۇ مۇھىم)، شۇنداقلا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىر ئىش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

ئەمما باشقا رەسىملەرنى ھازىرچە يوللىماي تۇراي، ئەتە، ئۆگۈن تەكلىپكە بىنائەن يەنە بىر قانچە مۇھىم شىركەتلەرگە بارىمەن. بالدۇر ئارام ئالاي.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى