ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ئۇيغۇرسوفت شوپۇرلۇق مەكتەپ» باشقۇرۇش دېتالى ئېلان قىلىندى

«ئۇيغۇرسوفت شوپۇرلۇق مەكتەپ» باشقۇرۇش دېتالى ئېلان قىلىندى

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1015 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت شوپۇرلۇق مەكتەپ باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالى شوپۇرلۇق پىراۋاسى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلى بېسىش، سىنىپلارغا ئايرىش،…قاتارلىق بىرنەچچە زۆرۈر ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئاتۇش شەھەرلىك «*** شوپۇرلۇق تەربىيەلەش مەكتىپى»نىڭ خىزمەت ئېھتىياجى بويىچە ئىشلەندى. بۇ سىستېما 10-ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر نورمال ئىشلەپ، پۈتۈنلەي سىناقتىن ئۆتتى. بۇ دېتالغا ئېھتىياجلىق باشقا ئورۇنلارنىڭ بۇ دېتالنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن بىر قىسىم ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى يوللىدىم. بەزى ئۇچۇرلار كۇرسانتلارنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، قىزىل رەڭدە بويالدى.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسلىق خىزمەت پىرىنسىپى

(1) ئاساسىي كۆرۈنۈشى: تىزىملاش، سىنىپقا ئايرىش، ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈش، بېسىش، ئىزدەش، چىقىم،…

(2) ئىشلەتكۈچىنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىش

(3) چىقىم تۈرىنى خاتىرىلەش

(4) كۇرسانتلارنى تىزىملاش: ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك ئوقۇغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، كۇرسانتلارنىڭ نوپۇستىكى بارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك كىرگۈزۈپ بېرىدۇ، كېيىن كېنىشكە چىققاندا ئىسم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرى، تۇرۇشلۇق ئورنىدا خاتالىق يۈز بېرىدىغان ئىش مەۋجۇت بولمايدۇ.

(5) سىنىپلارغا ئايرىش: كۇرسانتلارنى ھەرقايسى ئوقۇش يىلىدىكى سىنىپلارغا تەقسىملەيدۇ، ئادەتتە ھەر بىر سىنىپتا 80 ئوقۇغۇچى بولىدىكەن، كېنىشكە نومۇرىنى ئاپتوماتىك تەقسىملەيدۇ.

(6) كۇرسانتلارنىڭ تەربىيەلىنىش خاتىرىسى: كۇرسانتلارنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى تەربىيەلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا بولىدۇ.

(7) بېسىش كۆزنىكى: كۇرسانتلارنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، ج خ ج ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى ئارخىپىنى دۆلەت ئۆلچىمىدە بېسىپ بېرىدۇ.

(8) ئىستاتىستىكا كۆزنىكى: خالىغان ۋاقىتتا شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى تەپسىلىي ھېسابلاپ بېرىدۇ.

(9) بېسىش كۆزنىكى: كۇرسانتلار تىزىملاپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، رەسمىي پۇل تاپشۇرۇپ ئوقۇشقا كىرىدۇ. رەسىمدە پۇل تاپشۇرۇش تالۇنى بېسىپ چىقىرىش ھالىتى.

(10) بېسىش كۆزنىكى: كۇرسانتلارنى سىنىپ بويىچە بېسىپ، ئارخىپ ساقلاش كۆزنىكى.

بۇ يۇمشاق دېتال «3-قارارلىق ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»نى تاماملاپ، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئەمگەك مېۋىسى بولۇپ، جەمئىي 2 ھەپتىدە تاماملىدى.

يەنە بىر گۇرۇپپا خادىملار پۈتۈن شىنجاڭغا ماس كېلىدىغان، بۇلۇت تېخنىكىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان، بىخەتەرلىكى ئىنتايىن پۇختا بولغان «ھاۋالىلىك مال توشۇش» يۇمشاق دېتالىنىمۇ تاماملاپ، جىددىي سىناق قىلىۋاتىدۇ، پات يېقىندا «شوپۇرلۇق مەكتەپ» يۇمشاق دېتالىدەك رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. ئېھتىياجلىق ئورۇنلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىزاھات: يۇقىرىدىكى ئېكران كۆرۈنۈشلىرى خەنزۇچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن ھالەتتىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرسوفتنىڭ كەسپىي يۇمشاق دېتاللىرى ئادەتتە 2010-يىلىدىن باشلاپ «رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ماقالە سىستېمىسى»نى ئىشلىگەندىن بويان تىل بولىقى شەكىلدە ئىشلىنىپ كەلمەكتە. ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ھەتتا زاكاز قىلسىڭىز رۇسچە، قازاقچە،…شەكىلدە ئىشلەپ بېرىمىز.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى